ياتاقداشلىرىم، سىلەرنى سېغىندىم!

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-25 11:15:32

ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان دوستلار، ئەينى ۋاقىتتا بىر ياتاقتا ياتقان ياتاقدىشىڭلار ئېسىڭلاردىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئىشچىنى، ئەڭ ياسانچۇقىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھېلىھەم يا...

     


    ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان دوستلار، ئەينى ۋاقىتتا بىر ياتاقتا ياتقان ياتاقدىشىڭلار ئېسىڭلاردىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئىشچىنى، ئەڭ ياسانچۇقىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھېلىھەم يادىڭلاردىمۇ؟ مەنچە، شۇ نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۆمرۈڭلاردىكى ئەڭ چوڭقۇر ئۆچمەس ئەسلىمىلەر، شۇنداقمۇ؟

    \

     

    ياتاقتا ئەڭ جاپاكەش، قاچانلا قارىسا ياتاق تازىلايدىغاندىن بىرى بار.

     

     \ 

     

    ياتاقتا دائىم دەرسكە چىقمايدىغىنىدىن بىرى بار.

     

     \ 

     

    ھەرقانداق بىر ياتاقتا، ھەركۈنى نېمە كىيسەم  بولار دەپ بېشى قاتىدىغان يولداشتىن بىرى بولىدۇ، ھاھاھا.... بېشى قېتىۋاتقان شۇ يولداش مەنمۇ نېمە؟ مەسلىھەت بېرىۋاتقان ياتاقداشلارنىڭ جېنىغا ۋاي!

     

    \

     

    ياتاقتا ئورنىدىن تۇرۇشنىمۇ خالىمايدىغان ھورۇندىن بىرسى بولىدۇ، ھەتتا ئۇسساپ كەتسە چاينىمۇ باشقىلارغا قۇيغۇزىدىغان!

     

    \

    يېنىمىزدا ھامان بىرى ئورۇق، بىرى سېمىز،بىرى ئاق، بىرى قارا دوستلىرىمىز بولىدۇ. ھا ھا ھا...

     

    \

     

    ياتاقتا، ھامان بىرى تاماق يېيىشكە بەك ئالدىرايدۇ، ھامان بىرى سىزنى توختىماي ئويغىتىدۇ. 

     

    \

     

    ياتاقتا ھامان بىرى يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىشقا بەك ئاكتىپ بولىدۇ. 

     

    \

     

    ياتاق شۇنچە قالايمىقان تۇرسىمۇ، كارىۋىتىدا يېتىۋېلىپ بىرنەرسە يەيدىغاندىن بىرى بار. ئۈستىگە تۈزۈك كىيىم كىيمەي ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرىدىغاندىنمۇ بىرى بار، چىراغنى ئۆچۈرىدىغانغا مەسئۇل يولداشتىنمۇ ھامان شۇ بىرى بار. 

    دوستۇم بۇلارنى كۆرۈپ ياتاقداشلىرىڭىز، شۇ نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزنىڭ كارتىنىلىرى كۆز ئالدىڭىزغا كەلدىمۇ؟ قېنى ئەمىسە قولىڭىزغا تېلىفوننى ئېلىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە شۇ گۈزەل كۈنلەرنى ئەسلەڭ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.