ھېچقانداق شەپە يوق

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-29 16:27:57

بوب قاۋاقخانىغا كىرىپ ئەمدىلا ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ تۇرۇشىغا، يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر ئەرنىڭ ئازابلىنىپ يوشۇرۇنچە ياش تۆكىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى.


    ھېچقانداق شەپە يوق

    جياۋ سۇڭلىن

     
    بوب قاۋاقخانىغا كىرىپ ئەمدىلا ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ تۇرۇشىغا، يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر ئەرنىڭ ئازابلىنىپ يوشۇرۇنچە ياش تۆكىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى.
    -بۇرادەر، نېمە بولدى؟-بوب پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەرنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالماي ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
    -ھە،-ئەر بىرەيلەننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ دەررۇ بېشىنى كۆتۈردى،-مۇنداق ئىش، ئاپام ئالەمدىن ئۆتكىلى ئۈچ ئاي بولدى، ئۇ ماڭا ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قالدۇرۇپ كەتتى.
    -بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. تەقدىرگە تەن بېرىپ، سەۋر قىلىڭلار، بۇرادەر،-دېدى بوب خىجىللىق ئىلكىدە.
    -داداممۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى ماڭا ئون بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قالدۇرۇپ قويۇپ، بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى،-ئەر ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.
    بوب ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، خېلىدىن كېيىن:
    قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئەڭ يېقىن ئىككى قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ قالماق ھەقىقەتەن كىشىنى بەك ئازابلايدۇ، شۇغىنىسى، ئۆلگەن ئادەم قايتا تىرىلمەيدۇ، بۇنداق قايغۇرۇۋەرسەڭ سالامەتلىكىڭگە زىيانلىق.
    -كىچىك ئاپاممۇ ئالدىنقى ئايدا ماڭا يىگىرمە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالدى،-ئەر بېشىنى چايقىغىنىچە شۇنداق دېدى.
    بوب داڭ قېتىپ قالدى، بۇ ئەر ئېھتىمال ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بەخىتسىزلىك تۈپەيلى پىسخىكىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن بولسا كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلىدى بوب.
    شۇ ئەسنادا ھېلىقى ئەر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بوبنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە، مۇنداق دېدى:
    -بىلەمسەن؟ بۇ ئايمۇ چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، بىراق، بىراق، ھېچقانداق شەپە يوق چۈشەندىڭمۇ؟
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.