جۇڭگودا كەلگۈسى 10 يىلدا %33 ئائىلە يوقىلىدۇ

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-10-18 16:08:09

بۇرۇن دەريا سۈيىدە گۈرۈچ يۇياتتۇق، ھازىر كىيمىمىزنى يۇيۇشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. 1/4 قىسىم ئاھالە لاياقەتلىك سۇ ئىچەلمەيدۇ.

    جۇڭگودا كەلگۈسى 10 يىلدا %33 ئائىلە يوقىلىدۇ

    كەلگۈسى 10 يىلدا، جۇڭگودا راك كېسىلى ئەۋج ئېلىپ، جۇڭگودىكى %33 ئائىلە بارلىق بىساتىنى كېسەل داۋالىتىشقا سەرپ قىلىۋېتىدىكەن، ئۇنداقتا ساغلاملىقىمىزنى زادى نېمە تارتىۋالىدۇ؟
    بىكار بولساقلا ئارام ئالىمىز- يۇ، يەنە دائىم ھارغىن ھېس قىلىمىز. دوختۇرخانىلارنىڭ بىنالىرى يىلدىن يىلغا ئېگىزلەۋاتىدۇ، ئەمما بىمارلار بارغانچە پاتمايۋاتىدۇ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى يىلدىن يىلغا ئىلغارلىشىۋاتىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كېسەللەرنى يەنىلا تەكشۈرۈپ تاپالمايۋاتىدۇ، دورىلارنىڭ تۈرلىرى يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.
    بىرىنچى: سۇنىڭ بۇلغىنىشى
    بۇرۇن دەريا سۈيىدە گۈرۈچ يۇياتتۇق، ھازىر كىيمىمىزنى يۇيۇشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. 1/4 قىسىم ئاھالە لاياقەتلىك سۇ ئىچەلمەيدۇ.
    ئىككىنچى: ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى
    ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئويلىغىنىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر، ئوزون قەۋىتىنى دېمەي تۇرايلى، PM2.5  كۆرسەتكۈچىدە نۇرغۇن شەھەرلەر لاياقەتلىك ئەمەس! دۇنيا بويىچە بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جۇڭگودا. بۇ يىل 1-ئاينىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا بېيجىڭ ئېغىر بۇلغانغان ھالەتتە تۇردى! جۇڭگودا ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى بارلىق راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، بۇ تاماكا چېكىش، ئىككىلەمچى تاماكا چېكىش، ماشىنلاردىن چىققان ئىس، ئۆي ئىچىنىڭ بېزىلىشى... قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    ئۈچىنچى، تۇپراقنىڭ بۇلغۇنىشى
    تۇپراقنىڭ ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر!  دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە خىمىيەلىك ئوغۇتنىڭ ئۇزۇن يىل ئىشلىتىلىشى يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دېھقانچىلىق دورىلىرى يەنە ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ،  ئەڭ ئاۋۋال زىيانغا ئۇچرايدىغىنى جىگەر. جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش رولى بار بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال زىيانغا ئۇچرايدۇ!
    ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى يەۋاتقان نەرسىلىرىمىزدە ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت.
    1)ئادەم ھەر كۈنى 5-13 ئۈلۈش كۆكتات ۋە مېۋە ئىستېمال قىلىشى كېرەك.  نۆۋەتتە كۆكتاتلارنى توڭلىتىپ ساقلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ھازىر خالىغان ۋاقىتتا يېڭى كۆكتات، پارنىك كۆكتاتلىرى، پەسىل ھالقىغان كۆكتاتلار ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى، ھەمدە بۇلارغا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى، خىمىيەلىك ئوغۇتلارمۇ كۆپەيدى.
    2)ھورموننى قالايمىقان ئىشلىتىش: ئىلگىرى چوشقا 10 ئايدا بوردىلىپ بولۇناتتى، ھازىر 5 ئايدىلا تەييار بولىدىغان بولدى؛ ئىلگىرى توخۇ ئۈچ ئايدىن بەش ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا يېتىلىپ بولاتتى، ھازىر ھورمون ۋە ئانتىبىئوتىك تەركىبلىك يەم يېگەنلىك سەۋەبىدىن 40 كۈندىلا ئېغىرلىقى بەش كلوگرامغا يېتىدىغان بولدى، ھورموننىڭ تېز يېتىلدۈرىدىغانلىقى قىل سىغماس ھەقىقەت بولۇپ قالدى.
    3) ئانتىبىئوتىكنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى:  بۇ بەدىنىمىزدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپلەپ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ! ئانتىبىئوتىك ۋىتامىن، ئاقسىللارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
    ئەگەر 10 يىلدىن كېيىن، مىڭبىر جاپادا يىغقان پۇللىرىمنى سالامەتلىكىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەرپ قىلىۋەتمەي دېسىڭىز، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھىتنى قوغداپ، بۇلغىنىشنى ئازايتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ؛ تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل ھايات بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭ؛ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پاكىزە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.
    مەنبە: مەبلەغ-كاپىتال مۇنبىرى. ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت تەرجىمە قىلدى.
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جۇڭگو