زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-01 19:42:50

زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟ زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى، دېگەن گەپنى كانت دېگەنمۇ ياكى روسىيەلىك بىر يازغۇچى دېگەنمۇ، ئىش قىلىپ، بىرسى شۇنداق دېگەن ئىكەن. لېكىن، بۇ گەپ ھازىرقى جۇڭگ...



     

    زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟
     

    زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى، دېگەن گەپنى كانت دېگەنمۇ ياكى روسىيەلىك بىر يازغۇچى دېگەنمۇ، ئىش قىلىپ، بىرسى شۇنداق دېگەن ئىكەن. لېكىن، بۇ گەپ ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتىگە ماس كېلەمدۇ؟ ھازىرقى زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟
    گەپنى زىيالىي قانداق بولۇشى كېرەك، دېگەندىن باشلايلى. زىيالىي دېگەن شۇنداق بولۇش كېرەككى، ئۇنىڭ مول بىلىمى، ئۆتكۈر تەپەككۇرى بولۇشى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقالىشى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئۆزى سەگەك بولۇشى، جەمئىيەتتە گاڭگىراش ۋە ئەسەبىيلىك بولغاندىمۇ، تەمكىن ۋە ئويغاق بولۇشى، ۋىجدانىغا سادىق بولۇپ، ھەققانىيەت ۋە نام-ئاتاق ئالدىدا توغرا تاللاپ، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن پاي-پېتەك بولماسلىقى، جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچىلارنى تەنقىت ئارقىلىق سەگىتىپ تۇرۇشى، جەمئىيەتتىكى ناھەق ئىشلاردىن پەيدا بولىدىغان كرېزستىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالىشى كېرەك.
    زىيالىيدا جەمئىيەتنى تەنقىت قىلىش روھى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، زىيالىي دېگەن ئۆزىنىمۇ تەنقىت قىلالىشى، ئۆزىدىكى يېتەرسىز تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلىش جاسارىتى بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالايدۇ.
    ئەنە شۇنداق زىيالىيلارنى ئەل-ئاۋام چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. ئەنە
    شۇنداق زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولالايدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىرقى زىيالىيلارغا قارايدىغان بولساق، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن گەپ ئاچماي تۇرايلى، ئەقەللىيىسى ئۇلار ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىشتى، ئۆزلىرىنى ھەممىنى بىلىدىغان ئەۋلىيا ساناپ، ئەل-ئاۋامنى ئەخمەق-كالۋا دەپ قاراشتى. نەپ-پايدا ئۈچۈن، يامانغا يانتاياق بولۇپ، سېپى ئۆزىدىن غالچا بولدى. تاراتقۇلاردا سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىس، پروفېسسور دېگەندەك نام-ئاتاقلار بىلەن ئۆزى تەۋە تەبىقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن گەپ ساتتى، ھەق-ناھەقنى، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاۋام-پۇقرانى تۇزاققا دەسسىتىپ، زىيانغا ئىتتىردى.

    بۇنداقلار ئاز دەمسىلەر؟
    شۇنداق زىيالىي، مۇتەخەسسىسلەردىن سوراپ باقاي، دەۋاتقان گەپلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيەلەمسىلەر؟ توردا – بلوگدا ئېلان قىلغان ماقالەڭلاردا ئاۋام ئۈچۈن گەپ قىلدۇق دەپ، مەيدەڭلارغا ئۇرالامسىلەر؟ ۋىجدان تارازاڭلار تەڭپۇڭمۇ ياكى كىمدىن كۆپ نەپ يەتسە، شۇ تەرەپكە ئېغىپ كەتتىمۇ؟
    «سەن تاش سانىساڭ، خەلق قۇم سانايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ئەل-ئاۋامغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئەل-ئاۋاممۇ تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ. تورلاردا زىيالىيلارنى نېمە دەپتۇ دېمەمسىز، زىيالىينى زەيپانە، پروفېسسورنى پەسەندى، مۇتەخەسسىسنى كۆتەرمىچى دەپتۇدەك. مانا بۇ ئەل-ئاۋامنىڭ زىيالىيلارغا بەرگەن جاۋابى.
    زىيالىيلارغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرام مەسخىرە ۋە تىل-ئاھانەتكە ئايلانغاندا، زىيالىيلار يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟

    مەنبە: سىنا تورى
    ئاپتور: گو مۇخۇا
    تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.