ئانا مېھرى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-18 19:01:34

ئانىڭىزنىڭ ئۆمرىدە سىزگە قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ

     
    ئانا مېھرى
     
       ئانىڭىزنىڭ ئۆمرىدە سىزگە قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ:
       بىر ياش ۋاقتىڭىزدا ئۇ تىنىم تاپماي سىزنى ئېمىتىدۇ، يەنە سىزنى يۇيۇپ باقىدۇ، لېكىن سىز ئۇنىڭ ئەجرى ئۈچۈن كېچىچە يىغلاپ ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئارام ئالغىلى قويمايسىز.
       ئۈچ ياش ۋاقتىڭىزدا، ئۇ سىزگە ئوزۇقلۇقى مول يېمەكلىكلەرنى بېرىدۇ، لېكىن سىز ئۇنىڭ تەييارلىغانلىرىنىڭ قەدرىنى بىلمەي قالايمىقان چاچىسىز.
       تۆت ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز قىزىقىشىڭىزنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، سىزگە ھەرخىل رەڭلىك بوياق ئېلىپ بېرىدۇ، لېكىن سىز ئۆينىڭ تاملىرىغا قالايمىغان رەسىملەرنى سىزىپ، ئارام بەرمەيسىز.
       بەش ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ ئوينىشىڭىز ئۈچۈن توپ ئېلىپ بېرىدۇ، لېكىن سىز ئۇ توپ بىلەن قوشنىلارنىڭ دېرىزىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بېرىسىز.
       يەتتە ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز ئائىلىنىڭ جاپادا جۇغلىغان پۇلىنى سەرپلەپ سىزنى مەكتەپكە بېرىدۇ، لېكىن سىز ئۇنىڭ ئۈمىدىنى نۆل قىلىسىز.
     11 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە ھەمراھ بولۇپ كىنو كۆرگىلى بارىدۇ، سىز ئۆزىڭىز ياخشى ئورۇندا ئولتۇرۇۋېلىپ ئانىڭىزنىڭ كىنو كۆرەلمەسلىكى بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ.
     13 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چېچىڭىزنىڭ ئۆسۈپ قالغانلىقىنى، ياسىتىۋېتىشنى ئېيتىدۇ، لېكىن سىز ئۇنىڭ پىكرىگە قارشى چىقىپ، سېنىڭ ئىدىيەڭ بەك كونا، ھازىر دېگەن مۇشۇنداق چاچ مودا دەيسىز.
     15 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ئىشتىن كېلىپ سىزنى مېھرىبانلىق بىلەن قۇچاقلاي دېگەندە، سىز ئۆرۈلۈپلا ھوجرىڭىزغا كىرىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ھارغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىسىز.
     18 ياش ۋاقتىڭىزدا، ھەركۈنى دوستلار يىغىلىشى دەپ كېچە – كۈندۈز ئالدىراش يۈرۈيسىز، ئانىڭىز سىزدىن ئەنسىرەپ قانچىلىغان كېچىلەردە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىدۇ.
     20 يېشىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە سىرتتا قالايمىقان بالىلار بىلەن ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلسا، سىز ئۇنىڭغا مەن چوڭ بولدۇم دەپ رەددىيە بېرىسىز. ھەتتا ئۇنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلاشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز.
     23 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ يېڭى ئۆيىڭىزگە ئۆي سايمانلىرى ئېلىپ بېرىدۇ، لېكىن سىز ئانىڭىز ئېلىپ بەرگەن ئۆي سايمانلىرىنى زاماندىن قالغان دەپ ياراتمايسىز.
     30 ياشقا كىرىپ بىر بالىغا ئانا بولغىنىڭىزدا ئانىڭىز سىزگە بوۋاق بالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلسا، ھازىر زامان ئۆزگەردى دەپلا ئانىڭىزنىڭ نەسىھەتىنى تىڭشىمايسىز.
     40 يېشىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە تېلېفون قىلىپ بۈگۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى، بىللە غىزالىنىشنى ئېيتسا، سىز«بۈگۈن ۋاقتىم يوق» دەيسىز.
     50 يېشىڭىزدا، ياشىنىپ قالغان ئانىڭىز ئۆزىگە كۆپرەك ھەمراھ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن سىز پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كويىدا بولۇپ، ئانىڭىزغا ھەمراھ بولۇشقا ۋاقتىڭىز چىقمايدۇ.
       ئاخىرى بىر كۈن ئۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئېلىپ، پۇچۇلىنىسىز، لېكىن ئورنىغا كەلمەيدۇ.
       ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادا ئانىلارنىڭ مېھىر–مۇھەببىتىگە يېتىدىغان ھېچقانداق مېھىر–مۇھەببەت يوق. ئۇلارنىڭ مېھرى دۇنيادىكى شەخسىيەتسىز مېھىردۇر.
    مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2012-09-14-كۈندىكى سانى
    توردىكى مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا ياش مېھىر