مەملىكەتلىك كىچىك ھېكايە قەلەمكەشلىرى يىغىنى

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-28 21:01:00

مەملىكەتلىك كىچىك ھېكايە قەلەمكەشلىرى يىغىنى چېڭدۇدا ئېچىلدى. سىچۈەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك كىچىك ھېكايە قەلەمكەشلىرى يىغىنى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلد...

        مەملىكەتلىك كىچىك ھېكايە قەلەمكەشلىرى يىغىنى چېڭدۇدا ئېچىلدى. سىچۈەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك كىچىك ھېكايە قەلەمكەشلىرى يىغىنى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان 2008-يىل مەملىكەتلىك نەۋرۇز كىچىك ھېكايە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى، شۈ جۈنشېڭ، يۈ شاۋيۈ، چاڭ شاۋ، خې داۋ قاتارلىق يەتتە قەلەمكەش «ئىجادىي كىچىك ھېكايە» مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. سىچۈەنلىك يازغۇچى دوڭرى ياڭگۇاڭ «ئىجادىي كىچىك ھېكايە ئوبزور »مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىەىلىنىشىچە بۇ قېتىمقى قەلەمكەشلەر يىغىنىغا 20 نەچچە ئۆلكە، شەھەردىن كەلگەن 120دىن ئارتۇق كىچىك ھېكايە يازغۇچى، ئوبزورچىلار قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە تېڭ گاڭدەك داڭلىق كىچىك ھېكايىچىلارمۇ، ليۇ خەيتاۋ قاتارلىق داڭلىق كىچىك ھېكايە ئوبزورچىلىرىمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان قەلەمكەشلەر يىغىنىدا 2008-يىل مەملىكەتلىك نەۋرۇز كىچىك ھېكايە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىىزملىكى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا ، يىغىنغا قاتناشقان يازغۇچى، ئالىملار يەنەئېلىمىز كىچىك ھېكايىچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا چڭۇقۇر مۇھاكىمە ئىلىپ بارغان. يىغىن مەزگىلىدە يەنە «شۈيچېڭ لىخۇا(سۇ شەھىرى نەشپۈت چېچىكى)» لوڭقىسى ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجادىيەت مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. جۇڭگو يازغۇچىلار تورىدىن ئارغۇ تەرجىمىسى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق