ئانىلىق كۈيى(مىسترال )

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-10 00:00:00

ئانىلىق كۈيىمىسترال (چىلى)ئەركىن نۇر تەرجىمىسى1. سۆيۈلۈشمەن سۆيۈلگەندىن ئېتىبارەن باشقىچىلا بىر ئايال بولۇپ قالدىم ــ تومۇرلىرىمغا تەڭكەش سوققان تومۇرلار ۋە تىنىقلىرىمغا قوشۇلغان تىنىقلار مې...

    ئانىلىق كۈيى
    مىسترال (چىلى)
    ئەركىن نۇر تەرجىمىسى

     

    1. سۆيۈلۈش


    مەن سۆيۈلگەندىن ئېتىبارەن باشقىچىلا بىر ئايال بولۇپ قالدىم ــ تومۇرلىرىمغا تەڭكەش سوققان تومۇرلار ۋە تىنىقلىرىمغا قوشۇلغان تىنىقلار مېنى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەمدىلكتە، تومپايغان قورسىقىم مېنىڭ قەلبىمگە ئوخشاشلا يۈكسەكلىككە مۇيەسسەر بولدى...ھەتتا، تىنىقلىرىمدىنمۇ خۇشبۇي ئۇرۇلغىنىنى سىزىمەن، بۇلارنىڭ ھەممە-ھەممىسى گۈل-گىياھلارنىڭ بەرگىدە لۇغۇلداپ تۇرغان شەبنەم كەبى قورسىقىمدا نازۇك قىمىرلاپ ياتقان ئاشۇ كىچىككىنە ھامىلە سەۋبەدىنغۇ-ئاخىر!

     

    2. ئۇنىڭ چىرايى قانداق توغۇلار؟

     

    ئۇنىڭ چىرايى قانداق توغۇلار؟ مەن ئەتىر گۈللەرنىڭ بەرگىگە ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ كېتىمەن، ئۇلارنى مېھرىم بىلەن سىلايمەن، ئۇنىڭ ئوماققىنە يۈز-چىرايى گۈلدەك ئۇزلۇققا تولسۇن، دەپ. مەن غۇچچىدە بۆلدۈرگەنلەر ئارىسىدا ئايلىنىمەن، ئۇنىڭ چاچلىرى بۆلدۈرگەندەك قاپقارا بولسۇن، دەپ. ناۋادا، ئۇنىڭ يۇمران تېرىلىرى كۇلالچى ئامراق سېغىزدەك بېغىررەڭ بولۇپ قالسا، ياكى ئۇنىڭ چاچلىرى مېنىڭ ھاياتىمدەك تۈز بولۇپ قالسىمۇ مەيلى.
    مەن يىراقتىكى جىرالارغا نەزەر سالىمەن، ئۇ يەرنى قويۇق تۇمانلار قاپلىغىنىدا بۇ تۇمان خىيال كۆكۈمدە بىر قىزغا، تولىمۇ سۆيۈملۈك بىر قىزغا ئايلىنىدۇ، چۈنكى، ئۇمۇ قىز توغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىنغۇ.
    مۇھىمى، مەن ئۇنىڭ باشقىلارغا نىگاھ تاشلايدىغان كۆزلىرىنىڭ دادىسىنىڭكىدەك ئوتلۇق، ئاۋازىنىڭ دادىسى ماڭا گەپ قىلغاندا سەل-پەل تىترەپ چىقىدىغان ئاۋازىدەك ھاياجانلىق بولۇشىنى ئىستەيمەن. چۈنكى، مەن ئوماق قوزامنىڭ جىسمىدىن مېنى سۆيگەن دادىسىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرۈشنى ئارزولايمەن.


    3. ئەقىل-پاراسەت

     

    نېمە ئۈچۈن ياز بويى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، دالىلاردا تەرگەن گۈل-غۇنچىلارغا كۆمۈلۈپ يۈرگىنىمنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم. ئاشۇ گۈزەل كۈنلەردە، مەن «ئىللىق قۇياش، ئانا تەبىئەتنىڭ ماڭا يۇمران گىياھتەك بۇنچىۋالا مېھىر تۆكۈشىنىڭ نېمە مەنىسى باردۇر» دەپ سورايتتىم ئۆز-ئۆزۈمدىن.
    قۇياش ساپىقىدا ئەمدىلا غورىلاشقان باشلىغان ئۈزۈمگە نۇر چاچقان مىسالى ماڭا سېخى نۇرلىرىنى سېپىدۇ، مېنى پىشىپ تەمگە كىرسۇن، دەپ. تېنىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىكى ھامىلە مېنىڭ تومۇرلىرىم ئارقىلىق ئاز-ئازدىن پىشىپ ۋايىغا يېتىدۇ، ئۇ مېنىڭ گۈلگۈن شارابىم.
    مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىمەن، تەڭرىنىڭ قۇتلۇق نامى مېنىڭ پۈتكۈل تېنىمنىڭ توپىسىغا سىڭىشىپ كەتسۇن، دەپ. ئۇمۇ مۇشۇ توپىدىن ئاپىرىدە بولىدىغۇ ئاخىر. مەن چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە نەزىم ئوقۇسام، گۈزەل تۇيغۇلار مېنى ئوتتەك كۆيدۈرىدۇ. بۇمۇ قوزام ئۈچۈن، چۈنكى، ئۇ مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن مەڭگۈ ئۆچمەس ئاتەش تەپتىنى سەزسىكەن، دەيمەن.

     

    4. تاتلىقلىق

     

    قورسىقىمدىكى قوزام بىر تاتلىق ئۇيقىغا كەتكەن، ئۇنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ قەدەملىرىمنى شۇنچە پەم بىلەن ئالىمەن. مەن بۇ سىرلىق تۆرەلمىگە قورساق كۆتەرگەندىن ئېتىبارەن پۈتكۈل روھىم ئىخلاسمەن بولۇپ كەتتى.
    ئاۋازلىرىم مۇھەببەت سازىدەك لەرزان، چۈنكى، ئۇنى ئويغىتىپ سېلىشتىن قورقىمەن.
    ئەمدىلىكتە كۆزلىرىم كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن ئىچكىي ئازابلارنى ئىزلەشتۈرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۆزگىلەر چىرايىمنىڭ تامدەك تاتىرىشىنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈپ يەتسۇن، دەپ.
    مەن بۆدۈنە چاڭگا تىزغان چۆپلۈكنى ئاۋايلاپقىنا سىلاشتۇرىمەن. دالىلارنى شەپىسىز كېزىمەن. چۈنكى، دەرەخنىڭمۇ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنىڭ بارلىقىغا، شۇ ۋەجىدىن بېشىنى ئېگىپ ئۇلارنى قوغداپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

     

    5. ھەمشىرىلەر

     

    بۈگۈن بىر ئايالنىڭ ئىشلەۋاتقىنىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ تېنىمۇ مېنىڭكىدەك سۆيگۈ-مۇھەببەتكە لىق تولۇپ تۇرۇپتۇ، شۇغىنىسى ئۇ قەددىنى پۈكۈپ ئېتىزلىقتا تېنىمسىز ئىشلەيتتى.
    ئۇنىڭ بېلىنى سىلاپ قويدۇم، ئۇنى ئېلىپ بىللە ئۆيگە قايتتىم. ئۇ مېنىڭ جامىمدا قۇيۇق سۈتلەرنى قېنىپ ئىچتى، ئايۋىنىمدا سالقىندىدى. چۈنكى، ئۇمۇ مۇھەببەت تۈپەيلى ھامىلىدار بولغانىدى. ناۋادا مېنىڭدىن سۈت چىقماي قالسا، قوزام ئۇنىڭ تولغان كۆكسىدىن قانغۇچە سۈت ئېمەلەيدۇ.

     

    6. ئىلتىجا

     

    ئى تەڭرىم، نېمىشقا كۆكسى-قارنىمنى شۇنچە كەڭ ياراتتىڭ-يۇ، شۇنىڭغا لايىق سۈت بەرمىدىڭ؟ مەن ئۇنى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان نوردەك سېزەتتىم. كۆكسىمنىڭ تولغان ئىزناسى خۇددى قورسىقىمغا ۋەدە بېرىۋاتقاندەك سايە تاشلايتتى. كۆكسۈمدە تەپچىپ تۇرىدىغان سۈت بولمىسا، بۇ جىلغىدا مەندىنمۇ ئۆتە يوقسۇل بولسۇنمۇ؟
    ئاياللار ئاخشىمى ئاپقۇرلىرىنى سىرتتا قويۇپ شەبنەم يىغقاندەك، مەنمۇ كۆكسۈمنى تەڭرى ھوزۇرىدا ئېچىپ تۇردۇم، تەڭرىگە يېڭى بىر ئىسىم قويدۇم ــ ئۇنى تولدۇرغۇچى دەپ ئاتىدىم، مەن ئۇنىڭدىن ھاياتلىق شىرنىسى تىلىدىم، مېنىڭ چاڭقىغان بالام ئۇنى تېپىپ ئىچسۇن دەپ.

     

    7. زېرەكلىك

     

    ئەمدى چىملىقتا ئوينىمايمەن، قىزلار بىلەن ئېلەڭگۈچ ئويناشتىن قورقىمەن. مەن گويا مېۋىسى مەي باغلاپ چۈشۈپ كېتەي دەپ تۇرغان شاخقا ئوخشاپ قالدىم.
    تېنىم زەئىپلەشكەن، بۈگۈن چۈشتە ھەتتا گۈللۈكتىكى ئەتىرگۈل ھىدىغىمۇ بېشىم قېيىپ كەتتى. شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن ناخشىلار، پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئۇپۇقتىكى شەپەقلىرىمۇ مېنى بىئارام قىلىدۇ، ئازابلايدۇ. بەلكىم بۈگۈن ئاخشام پەرۋەردىگارىم ماڭا سوغۇققىنە بىر قاراپ قويغۇدەك بولسا، ئازابىم تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ.

     

    8. مەڭگۈلۈك ئازاب

     

    مۇبادا ئۇ مېنىڭ تېنىمدە تۇرۇپ ئازاب چەكسە، رەڭگىم ئۆلۈكتەك بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن بېسىملىرىدىن قەلبىم ئازابقا تولىدۇ، مەن كۆرەلمەيدىغان قورساقتىكى بالامنىڭ شۇنچىكىم بىر قىمىرلاپ قويۇشىمۇ مېنى مىڭ ئۆلتۈرۈپ، بىر تىرىلدۈرىدىغاندەك بېلىنىدۇ.
    مېنى، ئۇنىڭغا ھامىلدار بولغاچقىلا ئۇنىڭ بىلەن ئىرماش-چىرماش مۇناسىۋەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ قالماڭلار. ئۇ يەرگە چۈشۈپ تايتاڭلاپ ماڭغىنىدا، مەندىن يىراقلاپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ جىسمىنى سوققان بوران مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاھۇ-پەريادلىرى مېنىڭ بوغۇزۇمدىن چىقىدۇ. مېنىڭ يىغا-زارىم ۋە كۈلكىلىرىم، ھەممە-ھەممىسى سېنىڭ خۇشلۇقىڭ ئۈچۈنلا بالام.

     

    9. ئۇنىڭ ئۈچۈن

     

    ئۇنىڭ ئۈچۈن، چىملىق تېگىدە شاۋقۇنسىز ئېقىۋاتقان سۇدەك تىمتاس ئۇخلاۋاتقان ئۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ماڭا زەرەر يەتكۈزمەڭلار، مېنى ئېغىر ئىش قىلدۇرماڭلار.
    مەن ئاش-تاماقتىن چىقىپ كەتتىم، ۋاڭ-چۇڭغا تاۋىم يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەيپ ئەتمەڭلار. ماڭا ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك، موھتاجلىق ۋە دىشۋارچىلىقلارنى ئېيتماي تۇرۇڭلار، بۇلارنى مەن ئامان-ئېسەن يەڭگىپ، بوۋاقنى زاكىلاپ بولغاندا ئېيتساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر.
    مېنىڭ ماڭلاي-پېشانەم، مېنىڭ كۆكرەكلىرىمدە، سەن سىيلاشقا بولىدىغانلىكى يەرلىرىمنىڭ ھەممىسىدە قوزام مەۋجۇد. مۇبادا، ئۇ ئۇندا زەخىم يېسە ئاھ ئۇرىدۇ.

     

    10. خاتىرجەملىك

     

    بويۇم ئېغىرلاشتى، ئەمدى تالا-تۈزگە چىقالماس بولۇپ قالدىم، تومپايغان قورسىقىم ۋە چوڭقۇرلاشقان ئورا كۆزلىرىمدىن ئۇيۇلىمەن. بىراق، گۈل تەشتەكلىرىنى يېنىمغا ئەكىلىپ قانماي پۇراشتىن، چىترا① چېلىشتىن قالمىدىم، چۈنكى مەن گۈزەللىك قۇچىقىدا مەستخۇش بولۇشۇم كېرەك.
    مەن قورسىقىمدا بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مىسرالارنى دېكلىماتسىيە قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايۋاندا سائەت-سائەتلەپ ئاپتاپسىنىمەن. مەن مەي باغلىغان مېۋە كەبى شېرىن شەربەتلەرگە تولاي، قەلبىممۇ ئاشۇ شېرىن-شەربەتلەرگە لىق تولسۇن. قارىغاي-ئارچىزارلىقلاردىن ئەسكەن شاماللار يۈزلىرىمگە سۆيۈپ، چاچلىرىمنى تارىسۇن.
    خىسلەتلىك قۇياش نۇرى بىلەن مەيىن شاماللار تومۇرۇمدا ئۇرغۇۋاتقان قىزىل قانلىرىمنى پاكلايدۇ. قانلىرىمنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنى يىرگەندۈرمەي، دىل ئازارلىقىنى يېقىن يولاتماي، بەلكى يۈرەك-باغرىمنى سۆيگۈ شارابىغا لىق تولدۇراي!
    مەن مانا شۇنداق خاتىرجەملىك ئىلكىدە سىرلىق بىر ۋۇجۇدنى ــ ئىسسىق قېنى، ئايدەك يۈزى، چولپاندەك روشەن كۆزى، پاك قەلبى بار بىر جان ئىگىسىنى ئاپىرىدە قىلماقتىمەن.

     

    11. بوۋاقنىڭ ئاق يۇڭ كىيىمى

     

    مەن ئۇنىڭغا ئاتاپ يىپتىن كىچىككىنە ئاياق-پايپاقلارنى توقۇيمەن، مامۇقتەك يۇمشاق زاكىلارنى تەخلەيمەن، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى ئۆز قولۇمدىن پۈتۈپ چىقسۇن دەپ. ئۇ جىسمىمدىن يەرگە چۈشكىنىدە، ئۇلاردىن مېنىڭ ھىدىمنى تونۇۋالسۇن.
    بۇ يىل ياز كىرگەندە، بوۋاق ئۈچۈنلا ئالاھىدە جاينىڭ قويىنى قىرقىتىپ يۇمشاق يۇڭلارنى تەخلەپ قويدۇم. بۇ يۇڭلارنى سەككىز ئاينىڭياقى قوي بىر بەلەن ئۆستۈرۈپ بەرگەن بولسا، يانۋارنىڭ ئاي-قەمەرلىرى پاكلاپ ئۇچتەك ئاقارتىپ بەردى. بۇ يۇڭ ئارىسىغا قېرىقىز ياكى قارا بۆلجۈرگەننىڭ تىكەنلىرى قىلچە ئارىلىشىپمۇ قالمىغان. شۇ تاپتا ئۇ مېنىڭ قورسىقىمدا ئاشۇ يۇمشاققىنە يۇڭ-مامۇقلار ئۈستىدە ياتقاندەك تاتلىق ئۇخلىماقتا.
    بوۋاقنىڭ ئاق يۇڭ كىيىمى! ئىچىمدىكى بوۋاق مېنىڭ كۆزلىرىم ئارقىلىق بۇ كىيىملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بەكمۇ يۇمشاقلىقىنى سىزىپ ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈپ كېتىدۇ...

     

    12. زېمىن ئوبرازى

     

    مەن بۇرۇن زېمىننىڭ ئوبرازىنى ھەقىقىي كۆرۈپ يەتمىگەن ئىكەنمەن. زېمىننىڭ تۇرقى بالىغا ھامىلدار بولغان ئايالنىڭ تومپايغان قورسىقىغىلا ئوخشايدىكەن (جانلىقلار ئۇنىڭ بىپايان قوينىغا تاينىپ ياشايدىكەن).
    مەن بارا-بارا كۈللىياتنىڭ ئانىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئېگىزدىن نەزەر سالسام، تاغۇ-تاشلارمۇ گويا بىر ئانا، گۇگۇم پەيتىدە يۇققا تۇمانلار ئۇنىڭ مۈرە ياكى يوتىسىدا ئويناپ يۈرگەن بوۋاق بالا.
    شۇ تاپ خىيالىمدا جىلغا. جىلغا ئاستىدىكى ئېقىن جىغان-خوخىلارنى ئۆز باغرىغا ئېلىپ ئاقىدۇ، ئۇنى كۆرەي دەپمۇ كۆرەلمەيسىز، شارقىرىغان كۈيىنىلا ئاڭلىيالايسىز. مەنمۇ مانا شۇ جىلغىغا ئوخشايمەن، ئېقىنلار مېنىڭ چوڭقۇرلۇقۇمدا كۈيلىمەكتە، تېنىم ئارقىلىق خوخا-تىكەنلەرنى يوشۇرۇپ تۇرىمەن، ئۇندا نۇر-زىيادىن ئەسەرمۇ يوق.

     

    13. ئېرىمگە

     

    سۆيگۈگە چاڭقىغان ئېرىم، مېنى تىنالماي قالغۇدەك چىڭڭىدە قۇچاغلىۋالما. سەن ئۇنى مېنىڭ تېنىم چوڭقۇرىدا گۈلسامساقتەك لەيلەپ ئازادە تۇرغىلى قوي. مېنى چوڭقۇر سۇدەك تىمتاس قوي.
    مېنى سۆي، ماڭا كۆپرەك سۆيگۈ بەخش ئەت! مەن شۇ قەدەر نازۇك-مىسكىنلىشىپ كەتتىمكى، سېنىڭ سايەڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايمەن؛ مەن شۇ قەدەر بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدىمكى، مېھىرلىك كۆزلىرىڭسىز، سۆيگۈ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئېغىزىڭسىز بۇ دۇنيادا ماڭا نە ھوزۇر-خۇشاللىق بولسۇن؛ مەن شۇ قەدەر ئاجىزلىشىپ-زەئىپلىشىپ كەتتىمكى، سۆيگۈ-مۇھەببەت مېنى مەي كومزىكىدەك پارە-پارە قىلىپ چېقىپ تاشلاپ، ئىچىمدىن ھاياتلىق شارابىنى تۆكتى.
    كەچۈر، مېنى! سەن مەست بولۇپ قالساڭ پۇت-قولۇڭ كالۋالاشقاندەك دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىمەن. مېنىڭ ئىچىمنى بۇ قەدەر لىق تولدۇرۋەتكەنمۇ سەن، مېنىڭ سۆز-ھەرىكىتىمنى غەلىتى قىلىپ قويغىنىمۇ سەن.
    ماڭا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكراك مېھرىبانلىق كۆرسەت. قېنىمنى قىزدۇرۇپ، تىنىقلىرىمنى جىددىيلەشتۈرمە.
    ئەمدىلىكتە مەن گويا نېپىز بىر پەردە، پۈتكۈل جىسمىم ئاستىدا بالام تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان بىر پەردىگىلا ئوخشاپ قالدىم.

     

    14. ئانام

     

    ماڭا ئانام كېلىپ قارىدى. ئۇ يېنىمدىلا ئولتۇراتتى، بىز خۇددى تۇنجى قېتىم كەلگۈسىدىكى چوڭ ئىش توغرۇلۇق پاراڭلاشقان ئاچا-سىڭىللارغا ئوخشاپ قالدۇق. ئۇ تىترەك قوللىرى بىلەن قورسىقىمنى سىيلاپ، سىقىپ تۇرغان كىيىملىرىمنى بوشاتتى. ئۇنىڭ سىيلاشلىرىدىن قەلبىم يايراپ، سۈت دولقۇنلىرى كۆكسىمگە دەۋرەپ ئۇرۇلدى.
    يۈزلىرىم شەلپەردەك قىزاردى، مەن گاڭگىراش ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ غەم ۋە ئەندىشىلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم. مەن ئۇنىڭ كۆكسىگە باش قويغىنىمدا، كىچىك بىر قىزچاققا ئايلىنىپ ھاياتنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۆكسۈپ يىغلىدىم.

     

    15. ئېيتقىنا، ئانا...

     

    ئانا، سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ بۇرۇنقى غەم-ئەندىشىلىرىڭنى ماڭا قويماي ئېيتىپ بەر. ئېيتقىنا ئانا، قورسىقىمدىكى بۇ كىچىك جان ئىگىسى قانداقلارچە تۇغۇلىدۇ.
    ئېيتقىنا ئانا، ئۇ كۆكسۈمنى ئۆزى تېپىپ ئېمەلەمدۇ ياكى مەن ئېمىتەمدىم؟
    ئانا، ئەمدى ماڭا ئۆزۈڭ بىلىدىغان سۆيگۈ-مۇھەببەت خۇسۇسىدا تەلىم بەر، ماڭا سۆيگۈنىڭ يېڭى-يېڭى ئۇسۇللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەر، ئېرىمنىڭ سۆيگۈسىدىنمۇ مېھرىبان.
    كېيىنكى كۈنلەردە، ئۇنى قانداق يۇيىمەن؟ قانداق زاكىلىسام، خۇش ياقىدۇ؟
    ئانا، ماڭا بۇرۇن ئېيتىپ بەرگەن ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ بەر. ئاشۇ ناخشىلا ئۇنى ھەرقانداق ناخشىدىن تاتلىق ئۇخلىتىدۇ.

     

    16. تاڭ

     

    مەن قىممەتلىك سوۋغامنى تەقدىم ئېتىش ئۈچۈن ئاچچىق تولغاق ئازابىدا تاڭغا ئۇلاشتىم، كېچىچە بەدەنلىرىم چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ، بەزگەكتەك تىترەپ چىقتىم. ماڭلىيىمدىن تۆكۈلگىنى ماماتلىق، ياق، ھاياتلىق تەرلىرى.
    ئاھ پەرۋەردىگارىم، ئۇنىڭ بۇ ئالەمگە ئامان-ئېسەن كۆز ئېچىشى ئۈچۈن ماڭا چەكسىز شېرىنلىك ئاتا قىلغايسەن!
    بالا ئاخىر تۇغۇلدى، مېنىڭ ئازابلىق نەپەسلىرىم تاڭغا سوزۇلۇپ، قۇشلارنىڭ نەغمە-ناۋالىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى.

     

    17. مۇقەددەس قانۇنىيەت

     

    كىشىلەر توغۇت يامان، دېيىشىدۇ. ئۇلار تېنىمنىڭ زەئەپلىشىپ، قېنىمنىڭ سىقىلغان ئۈزۈم شەربىتىدەك ئېقىپ چىقىدىغىنىنى ئېيتىشقان، بىراق مەن ئۇھ دەپ چوڭقۇر نەپەس ئالغىنىمدا، كۆڭلۈم چەكسىز يايراپ كەتتى!
    مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن سوراقلايمەن: «مەن كىم؟ مەن راستتىنلا بىر بالا توغدۇممۇ؟»
    مەن ئۆز-ئۆزۈمگە جاۋاب بېرىمەن: «سۆيگۈ ھامىلدار قىلغان بىر ئايال ھەر بىر ئۈپۈلگەندە، ھەر بىر سۆيۈلگەندە، بۇ سۆيگۈنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى تىلەيدۇ.»
    زېمىن قۇچىقىمغا ئالغان بوۋاقنى كۆرۈپ مېنى قۇتلۇقلىدى، چۈنكى، مەن پالما دەرىخىدەك ھوسۇللۇق ئىدىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.