مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن خەۋەر(فېليەتون)

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 23:44:35

مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن خەۋەر(فېليەتون) شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىر پارچە ئىچكى ھۈججەت تارقاتتى. ھۈججەتتە ئىجابىي تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تاراتقۇلاردا ئىشلىتىل...



    مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن خەۋەر
    (فېليەتون)

     

    شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىر پارچە ئىچكى ھۈججەت تارقاتتى. ھۈججەتتە ئىجابىي تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تاراتقۇلاردا ئىشلىتىلگەن ئورۇنلارغا كاتتا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى جىددىي يىغىن ئېچىپ، مەخسۇس ئاپپارات-خەۋەر ئىشلەش ئىشخانىسى قۇرۇپ چىقتى. ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى يۆ جۈن بىر گۇرۇپپا ئادەملەرنى تاللاپ، تولۇق تەييارلىق بىلەن ئىشقا ئاتلاندى.
    سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا يۆ مۇدىر ئىنتايىن ھەسرەتلەنگەن قىياپەتتە:

    -يولداشلار، ناھىيىمىزدە پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتكەن ئىشلارمۇ بولماي قالمىغان، مەسىلەن ئالايلى، قۇرۇلۇش بانكىسى باشلىقىنىڭ غايەت كۆپ پۇلغا خىيانەت قىلىشى، ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ئوت كېتىش سەۋەبىدىن توققۇز بىمارنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىشى، يەنە مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشى قاتارلىقلار. لېكىن، بۇلارنى خەۋەر دېگىلى بولامدۇ؟ بۇلار خەۋەر ئەمەس، يۈندە، يۈزىمىزگە چېچىلغان يۈندە،- دېدى.
    بىر ئوتلام چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن، يۆ مۇدىرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ياڭراپ كەتتى:

    - ئەمدى بىز خىزمەت تەپەككۇرىمىزنى يېڭىلىشىمىز، ئىستىلىمىزنى ياخشىلىشىمىز، ناھىيىمىزنىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ نىشانىمىز-ئىجابىي تەشۋىقات خەۋىرىنى ئۆلكە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە چىقىرىشتۇر. خىزمەتلەرنى ياخشى قىلالىساق، ناھىيىمىز خەلقىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنى تېز يۈكسەلدۈرەلەيمىز، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دارامەتمۇ تېز ئاشىدۇ. بىز دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، باشقا ناھىيە-رايونلاردىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالايلى!
    ھەممەيلەن روھلىنىپ كەتكەن ئىدى، يەتتە ئەزانىڭ ئالقىش ساداسى كىچىككىنە مەجلىسخانىنى بىر ئالدى. ئۈچ كۈن تىرىشىش نەتىجىسىدە ، ئاخبارات قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان بىر يۈرۈش تېلېۋىزىيە خەۋەر لايىھەسى رەھبەرلەرنىڭ كۆزدىن كۆچۈرىشىگە تاپشۇرۇلدى.

     

    خەۋەر تېمىسى: ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى پىداكارلىق بىلەن قۇتقۇزدى.

    لايىھە تەپسىلاتى:

    1- ۋاقت: ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى يۈگو بازىرىنىڭ شوخدەريا كەنتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرىۋاتقان مەزگىل.

    2- ئورۇن: كۆل (سۇ يۈزى كەڭرەك كۆل تاللىنىدۇ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۈزۈپ بېرىشقا بىرەر مىنۇت كېتىدۇ. كۆل چوڭقۇرمۇ ئەمەس، تېيىزمۇ ئەمەس، بەك تېيىز بولۇپ قالسا، سۇ ئۈزۈشكە بىئەپ بولىدۇ، بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتسە، كۈتۈلمىگەن ھادىسە چىقىپ قالىدۇ.)

    3- قاتناشقۇچى ئەربابلار: ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن بىر قانچەيلەن، يېزا كادىرلىرىدىن بىر نەچچە ئادەم، ئون نەچچە دېھقان، گېزىتخانا، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى بىر نەپەردىن.
    4- قۇرال-جابدۇق: بىر تال بادرا، بىر تال قوزۇق، ئېگىز ئورۇندۇق، 10-12 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا (سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، لېكىن توخۇ يۈرەك بولسا بولمايدۇ، قورقۇپ كېتىپ چاتاق چىقىرىپ قويسا بولمايدۇ.)
    5- مۇھىت ئورۇنلاشتۇرۇش: دامبىنىڭ مەلۇم ئاتكوسى بولغان بولۇپ، باشلىق سۇغا كىرگەندە، سەكرەپ چۈشكەن ھەرىكىتى گەۋدىلەندۈرىلىدۇ. سۇ لېيىتىۋېتىلىدۇ، بولمىسا سۇدىكى قوزۇق ۋە ئورۇندۇق كۆرۈنۈپ قالىدۇ. باشقا يەرلەردىن لەش-لاتقىلار كەلتۈرۈلۈپ، كۆلگە يېيىتىلىدۇ. باشلىقنىڭ سەكرىگۈسى كەلمەي قالماسلىقى ئۈچۈن، سۇ بەك مەينەت قىلىۋېتىلمەيدۇ. كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قوزۇق قېقىلىپ (قوزۇقنىڭ ئۇچى كۆرۈنمەيدۇ)، قوزۇقنىڭ يېنىغا ئورۇندۇق قويىلىدۇ. ئوغۇل بالا شۇ ئورۇندۇققا دەسسەپ تۇرىدۇ، سۇ يۈزى دەل ئېڭىكىگە تاقىشىدۇ.


    6- نەقمەيداندا سىنغا ئېلىنىدىغان كۆرۈنۈشلەر:
    1-كۆرۈنۈش: 
    ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىر توپ ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ، كۆلنى بويلاپ تەكشۈرۈشتە بولىدۇ، كېتىۋېتىپ يېزا رەھبەرلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ماڭىدۇ. توساتتىن بىرەيلەن: ئادەم بارمۇ، بىر بالا سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، دەپ ۋارقىرايدۇ.

    2- كۆرۈنۈش:

    لەش-لاتقىلارغا تولۇپ كەتكەن كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئادەمنىڭ بېشى مىدىرلاپ، قوللىرىنى پالاقشىتىدۇ.
    3- كۆرۈنۈش:

    بىر يېزا كادىرى جىددىي ۋە ئىلاجىسىز قالغان قىياپەتتە: بىزلەر سۇ ئۈزەلمەيتتۇق، قانداق قىلارمىز، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان دېھقانلارمۇ: سۇغا چۈشۈپمۇ باقماپتىكەنمىز، دېيىشىدۇ.
    4- كۆرۈنۈش

    ئاساسلىق رەھبەر(بىرىنچى قول ياكى ئىككىنچى قول باشلىق) سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئۈزۈپ ماڭىدۇ. يۆ مۇدىر باشلىققا تۆت-بەش مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، قىينالغان ھالەتتە سۇ ئۈزۈپ ماڭىدۇ.

    5- كۆرۈنۈش

    سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنىڭ ھاياتى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قېلىپ تىركىشىۋاتقان، ئادەم بارمۇ دەپ ۋارقىراۋاتقان كۆرۈنۈشى تەكرار ئېلىنىدۇ.

    6- كۆرۈنۈش

    باشلىق سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى تۇتۇپ، قىرغاققا قاراپ سۇ ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندا يۆ مۇدىر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۆسمۈرنى قىرغاققا ئېلىپ كېلىدۇ.

    7- كۆرۈنۈش

    بىرەيلەن بىر تال بادرىنى ئېلىپ كېلىپ، باشلىققا سۇنۇپ بېرىدۇ، باشلىق بادرىنى ئۆسمۈرنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ، باشقىلار بادرىنى باشلىق بىلەن تەڭ تارتىشىدۇ، بەزىلىرى ئۆسمۈرنىڭ قولىدىن تارتىدۇ.

    8- كۆرۈنۈش

    تۇنجۇقۇپ ئاران-ئاران قالغان ئۆسمۈر مىڭ تەستە قىرغاققا ئېلىپ چىقىلىدۇ.

    9- كۆرۈنۈش

    سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنىڭ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ، بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، دۈم ياتقۇزىلىدۇ، باشلىرىغا لەش-لاتقىلار چاپلىشىپ قالغان بولىدۇ، ئەتراپىدا تۇرغانلارنىڭ پاچاقلىرى كۆرسىتىلىدۇ.

    10- كۆرۈنۈش

    بىردەمدىن كېيىن، ئۆسمۈر مىدىرلايدۇ ھەم ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ، يېنىدا تۇرغانلارغا مىننەتدار ھالەتتە قارايدۇ.

    11- كۆرۈنۈش

    باشلىق كىيىمىدىكى سۇنى سىقىۋېتىدۇ.
     

    7- مۇناسىپ تەدبىرلەر: تىببى خادىملار دېھقانچە ياسىنىپ، قۇتقۇزۇش ئەسۋاپلىرىنى تەقلەپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسە چىقىپ قالسا، باشلىق ياكى ئۆسمۈرنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەييار تۇرىدۇ. خەۋەر ئىشلەش ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى باشلىققا ئىككى-ئۈچ قۇر يېڭى كىيىم، سەككىز-ئون لۆڭگە، بىر قانچە تۇڭ سۇ تەييارلايدۇ.
    8- دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

    چىنلىق-ئاخباراتنىڭ جېنى. يالغان خەۋەرلەر كۆپىيىپ كەتكەن بولغاچقا، سىنئالغۇچىلار راست، تەبىئىي بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، تۇيۇقسىز ئۇچرىغان نەقمەيداندا سىنغا ئېلىۋاتقاندەك، ئاپاراتنى ئۇياق-بۇياققا لىڭشىتىپ قويۇشى كېرەك. كەسپ ئەھلىلىرى پىلانلىق ياسىغان نەقمەيدان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالمىغىدەك بولۇشى، تەھرىرلىك ئۆتكۈلىدىن ئۆتكىدەك بولۇشى كېرەك.

    ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خەۋەر ئىشلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۆلكىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ناھىيىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەۋەتكەن بۇ خەۋەرنى چۈشلۈك خەۋەرلەر پروگراممىسىدا كۆرسەتتى. ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسى ئالدىن تېلېفۇن ئۇقتۇرۇشى قىلىپ، ناھىيىدىكى بارلىق ئىدارە-ئورگان كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ بۇ خەۋەرنى كۆرۈشىنى تەلەپ قىلدى. 
    خەۋەر ئىشلەش ئىشخانىسى 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، ناھىيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەقدىرلەندى. يەتتە خادىمغا خېلى كۆپ مۇكاپات بېرىلدى. خەۋەر ئىشلەشكە قاتناشقان باشقا كىشىلەرگىمۇ قىزىل بولاق بېرىلدى.
    سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈر ئوقۇۋاتقان مەكتەپ يۇقۇرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، شۇ ئۈسمۈرنى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى دەپ باھالاپ، بىر ماۋسۇملۇق ئوقۇش چىقىمىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى.
    مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خەۋەر كۆرسىتىلىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئادەم قۇتقۇزۇلغان نەقمەيدانغا ئۈگىنىش-تەربىيلەشكە كەلگەن ھەر ساھە ئاممىسى نەچچە ئون مىڭغا يەتكەن. شوخدەريا كەنتىنىڭ كۆلىمۇ ساياھەت رايونى بولۇپ قالغان. 
    خۇلاسە يىغىنىدا، يۆ مۇدىر روھلۇق ھالدا:

    - يولداشلار، بۇ قېتىمقى خەۋەر ئىشلەش خىزمىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، تەسىرى ياخشى، ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولدى، لېكىن، يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس، بىرى، دورا ۋە چاي تەييارلانمىغانلىقتىن، ئادەم قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئورۇنباسار ھاكىم زۇكامداپ قالدى، يەنە بىرى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالا قىرغاققا ئېلىپ چىقىلغاندا بېشىنى بەك بالدۇر كۆتۈرىۋالدى، يەنە تېخى كۈلۈپ سالدى. نېمىلا دېگەن بىلەن نەتىجىلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. بۇندىن كېيىن، ئاخبارات خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ چىن، تېخىمۇ قالتىس، چانمىغىدەك ئىشلەيلى. ناھىيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! -دېدى.
     

     

    جاڭ باۋگو ئىمزاسىدىكى بۇ فېليەتون ئەسلى «خانىم-قىزلار» تورىدا ئېلان قىلىنغان. «تاللانغان فېليەتونلار» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 7-سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.

    تەرجىمىدە: ئابلاجان تۇردى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.