تارىختىكى مەشھۇر مەرگەنلەر

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:23:12

1.سايمو ھايھا 1 لەقىمى-ئاق ئەرزائىل ئېنىق نەتىجىسى -705 كىشى (505 نى مىلتىق بىلەن،200نى ئاپتومات بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن). ھايھا فېنلاندىيەلىك ئەسكەر بولۇپ،تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ياراتقۇ...

    1.سايمو ھايھا


    1
    لەقىمى-ئاق ئەرزائىل

    ئېنىق نەتىجىسى -705 كىشى (505 نى مىلتىق بىلەن،200نى ئاپتومات بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن).

    ھايھا فېنلاندىيەلىك ئەسكەر بولۇپ،تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ياراتقۇچى.ئۇ فېنلاندىيە-روسىيە چېگرىسىغا يېقىن بىر جايدا تۇغۇلغان بولۇپ،1925-يىلى ئارمىيەگە قاتناشقان.1939-1940 يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان فېنلاندىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا مەرگەنلىك ھاياتىنى باشلىغان.ئۇرۇش جەريانىدا ئۇ نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇسلۇق سوغۇققا بەرداشلىق بېرىپ 100 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 505 كىشىنى مىلتىق بىلەن،200 كىشىنى سىئومى

      KP/31

     تىپلىق ئاپتومات بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ.جەمئى نەتىجىسى 505 كىشى بولغان.(ئەينى ۋاقىتتا ئاندىنقى سەپتىن ئېرىشىلگەن بىرەسمى سان بولسا 800 دىن ئارتۇق.)

    ھايھانىڭ مەرگەنلىك قابىليىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.ئۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا كۈن بويى قارغا كۆمۈلگەن ھالەتتە روسلارنى قەنلەپ بىردىن بىردىن جەھەننەمگە ئۇزىتىپ قويىدۇ. دەسلەپتە روسلار بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرنىڭ كەينى كەينىدىن جېنىدىن ئايرىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ،ئۇرۇش دېگەندە ئۆلۈم-يېتىم دېگەن نورمال ئەھۋال دەپ ئويلاپ ئانچە پەرۋا قىلمىغان. كېيىن بۇنى قىلىۋاتقىنى يالغۇز بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە ئاندىن تەدبىر كۆرۈشكە ئاتلانغان. ئالدىن بىلەن ئۇلار بىر تۈركۈم خىللانغان مەرگەنلەرنى ئەۋەتكەن.لېكىن ئۇلار قايتىپ كەلمىگەن.ئاندىن پۈتۈن بىر باتالىيون ئەسكەر ئەۋەتكەن.ئۇلارمۇ قايتىپ كەلمىگەن.ئاخىرىدا زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم قىلغان.بۇنىڭمۇ پايدىسى بولمىغان.چۈنكى ھايھا ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ،بۇ رايوننى بەش قولىدەك بىلەتتى. ئۇ ئاق رەڭدە نىقاپلىنىۋالاتتى.ئالدىغا بىر چېلەك قويۇۋالاتتى ھەم ئوق چىقارغانداچېلەكنىڭ مىدىراپ كېتىپ ئورنىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا قارلارنى دۆۋىلەپ ئىستىكامنى مەھكەملەشتۈرۋالاتتى.ھەتتا نەپەسلەنگەندە چىقارغان ھوردىن ئاشكارلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېغىزىغا قار سېلىۋالاتتى.1940-يىلى 6- مارتتىكى بىر جەڭدە غايىپ ئوق تەرىپىدىن يارلانغان.ئوق ئۇنىڭ ئېڭىكىنى چۇگۇۋەتكەن.ئۇ سەپداشلىرى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۋىلىنىپ،13-مارت داۋالنىپ ھوشىغا كەلگەن. دەل شۇ كۈنى تىنىچلىق ئېلان قىلىنغان.
    2.كارلوس نورمان خەسكوك 



    دېڭىز ئارمىيەسى تارىخىدا ئەڭ كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان مەرگەن.ئۇ ئون نەچچە قېتىملىق قارىغا ئېتىش مۇسابىقىلىرىدا چېمپىيون بولغان.ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە 93 كىشىنى ئاتقان.ۋېيتام ئارمىيىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ بەرگەنلەرگە 30،000 دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.ئۇ چاغدا بىر مەرگەن ئاتقانلارغا ئاران8 دوللار مۇكاپات بېرىلەتتى.

    مەرگەنلەر تارىخىدا ئەڭ قالتىس ئوقنى ئاتقۇچى بولسا خەسكوك.

    خەسكوك دۈشمەن تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قارشى مەرگەن قويغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن. نەتىجىدە ئىككىلا مەرگەن بىر –بىرىنى قارىغا ئالغان.خەسكوك قارشى مەرگەننىڭ كۆزىتىش دائىرىسىدە نۇر ئۇچقۇنىنى كۆرۈش ھامانلا چاقماق تېزلىكىدە تەپكىنى بېسىپ تارىختىكى ئەڭ قىممەتلىك ئوقنى ئاتقان.بۇ ئوق ئايلانما شەكىلدە قارشى تەرەپ مەرگەننىڭ كۆزىتىش دائىرىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ،ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن ۋە جېنىنى ئالغان.

    خەسكوك تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر ئاق رەڭلىك پەينى ئېسىگە ئالىدۇ.چۈنكى ئۇ ھەمىشە شىلەپىسىگە بىر تال ئاق رەڭلىك پەي قىستۇرۋالدىغان بولۇپ،بىر قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئېھتىياجى بىلەن بېشىدىن ئېلىۋەتكەننى ھېساپقا ئالمىغاندا قالغان ۋاقىتلاردا ھەمىشە قاداپ يۈرەتتى.ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك نەتىجىسىدىن يەنە بىرى بولسا ئۆزى تەلەپ قىلىپ ۋېيتام ئارمىيىسىنىڭ بىر گېنىرالىنى ئېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى بولۇپ،ئۇ ئۈچ كېچە توختىماي بىر سانتا-بىر سانتىدىن 1500 يارىد ئارلىقنى ئۆمىلەپ  دۈشمەن تېرىتورىيەسىگە كىرىپ گېنىرالنى ساقلاپ تۇرغان.گېنىرال يېتىپ كەلگەندە ئۇ ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان بولۇپ، گېنىرالنىڭ كۆكرىكىنى قەنلەپ بىر ئوق بىلەنلا ئۇنى جەھەننەمگە ئۇزىتىپ قويغان. ئەسكەرلەر پىتپاراق بولۇپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغاندا بولسا ئەپچىللك بىلەن ئۆمىلەپ قارارگاھىغا قايتىپ ئۇلارغا تۇتۇق بەرمىگەن.


    3.ئالدىبېرىت ف ۋورجىرون
    نەتىجىسى-109 كىشى

    ئۇ ئامىركا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ياراتقان مەرگەن.لېكىن ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغىنى يۇقىرى رېكوردى ئەمەس بەلكى ئاتقان ئوقىنىڭ توغىرلىق دەرىجىسى.

    ئۇ قولۋاقتا مېكوڭ دەرياسىنى بويلاپ يۈرىۋاتقاندا دۈشمەن تەرەپنىڭ مەرگەنى قارشى قىرغاقتىن 900 مېتىر يىراقلىقتا ئۇلارغا قاراپ ئوق ياغدۇرغان. ئالدىبېرىت مىلتىقىنى قولىغا ئېلىپ بىر پاي ئوق بىلەنلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان.ئۇنىڭ بۇ ئوقى 900 مېتىر يىراقلىقتىن يەنى كېلىپ ھەركەتلىنىپ تۇرغان قولۋاقتىن ئېتىلغان بولسىمۇ توغىرلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۇنىڭ مەرگەنلىكىگە قول قويماي تۇرالمايدۇ.ئەگەر بۇ ئوقنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە باھا قويۇشقا توغرا كەلسە ئۇنداقتا بۇنى پەقەت ئىنسان قولىدىن كەلمەيدىغان دەرىجىدە سۈپەتلەش مۇمكىن.


    4.فىرانسىس پېگاخماگوبوۋ


    نەتىجىسى-378 كىشى،+300كىشىنى ئەسىرگە چۈشۈرگەن.

    ئۈچ قېتىم مېدال ئالغان،ئىككى قېتىم ئەجەللىك يارىلانغان.ئۇ مەرگەنلىك ۋە رازۋىدكىچىلىك مۇتەخەسسىى. ئۇ دۈشمەن تەرەپنىڭ ناھايىتى قاتتىق ئوققا تۇتىشىغا قارىماي ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغانلىقى ۋە ئارمىيەگە ئوق-دورا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى  ئۈچۈن مېدال ئالغان. گەرچە ئۇ ئۆز سەپداشلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن قەھىرمان ۋە 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى داڭلىق مەرگەن بولسىمۇ،ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ يۇرتى كاناداغا قايتقاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن.
    5. لىيۇدمىلا پاۋلىچنىكو


    1944-يىلى24 ياشلىق لىيۇدمىلا سوۋىت ئىتىپاقىغا بېسىپ كىرگەن ناسسىت گېرمانىيەسىگە قارشى پىيادە ئەسكەرلەر قوشۇنىغا تۇنجى تۈركۈم ئاۋانگاردلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاتناشتى ۋە قىزىل ئارمىيە 25-پىيادە قىسىم دىۋىزىيىسىگە تەقسىم قىلىندى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لىيۇدمىلا سوۋىت تارىخىدىكى 2000 ئايال مەرگەننىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ بىليايىۋغا يېقىن بىر جايدا تىپلىك ھەركەتچان مىلتىق بىلەن ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ مەرگەنلىك ھاياتىنى باشلىغان.ئودىسسا توقۇنىشى جەريانىدا ئىككى يېرىم ئاي ئىچىدە 187 كىشىنى ،كېيىن ئورۇن يۆتكەلگەندىن كېيىن سەككىز ئايدا257 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.ۋە بۇ نەتىجىسى ئۈچۈن جەنۇبى ئارمىيە كونسۇلى تەرىپىدىن تەقدىرلىنىپ مېدال ئالغان.لىيۇدمىلا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەمىئى 309 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ،تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۆلگەنلەرنىڭ  ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ ئۇنى قەنلەش ئۈچۈن قويغان مەرگەنىدىن 36 سى بار.
    6. ۋاسلى زايىتسېۋ


    نەتىجىسى-242 كىشى

    ۋاسلى بەلكىم «بوسۇغىدىكى دۈشمەن» ناملىق فىلىمنىڭ تەسىرىدە تارىختىكى ئەڭ داڭلىق مەرگەن دەپ قارىلىشى مۇمكىن.

    ۋاسلى ئۇرال تاغلىقىدا ئۆسكەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى ياۋا توشقان ئىدى.سىتالىنگىرات جېڭىدىن بۇرۇن سوۋىت دېڭىز ئارمىيىسىدە خىزمەتچى خادىم بولۇپ ئىشلىگەن.كېيىن قالايمىقانچىلىق چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئالدىنقى سەپكە بارغان.ئۇ 1047-پولىكتا تۇرغان.1942-يىلى ئۆكتەبىردىن 1943-يىلى يانۋارغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇ 242 كىشىنى ئاتقان بولۇپ،بىراق ھەقىقى سان 500 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. سىتالىنگىرات جېڭىدە ئۇ قارشى تەرەپنىڭ مەرگىنى بىلەن ئۇرۇش خارابىلىقىدا ئۈچ كۈن ئېتىشقان.نەق مەيداندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ،لېكىن بۇ دوئىلدا ۋاسلى قارشى مەرگەننى ئېتىپ تاشلاپ غەلبە قىلغان. ھەم بۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ قالتىس نەتىجىسى دەپ ھېساپلىغان.بۇنىڭدىن ئۇ مەرگەننىڭمۇ قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش مۇمكىن.

    ۋاسلى يەنە مەرگەنلەرنى تەربىلەش مەكتىپى ئېچىپ بىر يۈرۈش مەرگەنلەرنى يېتىشتۇرۇپ چىققان.ئۇنىڭ شاگىرتلىرى 3000 دىن ئارتۇق دۈشمەننىڭ جېنىنى ئالغان.بۇنىمۇ ئۇنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ-ئەلۋەتتە.
    7. روب فېرلوڭ


    كانادا ئارمىيەسىنىڭ سابىق سېرژانتى.ئۇنىڭ نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ئوقنى ئاتقان مەرگەن ئىكەنلىكىدە.ئۇ ئاتقان ئوقنىڭ مۇساپىسى 2430 مېتىر بولۇپ،26 پۇتبول مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلىقىغا توغرا كېلىدۇ.

    ئۇنىڭ بۇ قالتىس نەتىجىسى 2002-يىلى بوغما يىلان ھەركىتىگە قاتناشقان چېغىدا يۈز بەرگەن. ئۈچ نەپەر قوراللىق ئەل-قائىدە ئەزاسى تاغ تەرەپكە يوشۇرۇنۋالغان ئىدى.روب 50 كالىبىرلىق مىكمېلىن مىلتىقى بىلەن قوراللانغان بولۇپ،بىرىنچى پاي ئوقنى جايىغا تەككۈزەلمىگەن.ئىككىنچى پاي ئوق دۈشمەننىڭ دۈمبىسىدىكى بوغچىسىغا تەككەن.ئۇ ئۈچ سىكۇنىت تاشلاپ ئۈچىنچى پاي ئوقنى ئاتقان.ئارلىق يىراق بولغاچقا ئىككىنچى پاي ئوق تېخى تەگمەي تۇرۇپلا ئۈچىنچى پاي ئوق ئېتىلغان.شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن ئۆزىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا كۆكرىكىگە ئوق يېگەن.
    8. چارلىس ماۋىننېرى


    نەتىجىسى-104 كىشى

    بالا چاغلىرىدىن تارتىپلا مەرگەنلىككە ئوتتەك ئىشتىياقى بار بولۇپ،1967-يىلى دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى بولغان.ئۇ ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامىركا دېڭىز ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ،دېڭىز ئارمىيە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ياراتقان مەرگەن بولۇپ،مەشھۇر كارلوس خەسكوكتىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.16 ئاي ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۇ 103 دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن بولۇپ،ئەينى چاغدا ئۆلگەنلەرنى ئىزدەش خىزمىتى خەتەرلىك بولمىغان بولسا بەلكىم ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 216 غا يېتىشى مۇمكىن.ئۇ ئارمىيەدىن ئايرىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ تۆھپىلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتمىغان.20يىلدىن كېيىن بىرەيلەن ئۇنىڭ قالتىس مەرگەنلىك قابىليىتى توغۇرلۇق كىتاپ يازغىنىدىلا كىشىلەر ئاندىن ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ بىر مەرگەنلەر مەكتىپىدە لېكسىيىچى بولغان.ئۇ مەرگەنلىك ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:بۇ بىر ئاخىرقى چەكتىكى ئوۋچىلىق سەپىرى.مېنى بىرى قەنلەيدۇ.ئۇنى بولسا يەنە بىرى قەنلەيدۇ.ماڭا شىر-يولۋاسلارنى،پىللارنى ئوۋلاش توغىرلىق سۆز ئاچما.چۈنكى ئۇلار مىلتىق بىلەن ساڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتمەيدۇ.مەن مەرگەنلىكنى سۆيىمەن.ئەڭ يۇقىرى قىزغىنلىقىم بىلەن سۆيىمەن.
    9. گىرەيىس


     1864-9 –مايدىكى سىپوستىۋالسىيە جېڭىدا،ئۇ گېنىرال جوننى قەنلەپ مىلتىقىنى بەتلەپ بولغان ئىدى. ئارلىق 1000 ياردتىن ئوشۇق بولۇپ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن مۇساپە ھېساپلىناتتى. گېنىرالنىڭ قاراۋۇللىرى ئۇنى بەدىنى بىلەن توسۇپ قوغداشقا ئۇرۇنغاندا گېنىرال : بىر پاي ئوقتىن قېچىپ يوشۇرنامدىم؟ ئەگەر پۈتۈن بىر سەپنىڭ ئالدىدا ئوققا تۇتۇلغان بولساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار؟مەن سىلەردىن نومۇس قىلىۋاتىمەن.خاتىرجەم بولۇڭلار بۇنچە يىراق ئارلىقتىن ئۇلار بىر تال پىلنىمۇ ئاتالمايدۇ دەپ يوشۇرنۇشنى رەت قىلغان.لېكىن قاراۋۇللار ئۇنى بەدەنلىرى بىلەن توسۇپ قوغداشتا چىڭ تۇرغان.گېنىرال يەنە ئۇلار بۇنچىلىك ئارلىقتىن بىر پىلنىمۇ ئاتالمايدۇ دەپ،گېپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا گىرەيىسنىڭ ئاتقان ئوقى ئۇنىڭ سول كۆزىنى تېشىۋەتكەن.

    گېنىرال جونننىڭ ئۆلۈمى ئامىركا ئىچكى ئۇرۇشىدا بىرلەشمە قوشۇن تارتقان ئەڭ قاتتىق زىيانلارنىڭ بىرسى بولۇپ، گېنىرال ئۇلىسسى ئۇنىڭ ئۆلىمىنى ئاڭلىغاندا تەكرار تەكرار؛ئۇ راستىنلا ئۆلدىمۇ؟ دەپ سورىغان.
    10. توماس پىلانكىت


    توماس بولدا بىر ئېرلاندىيەلىك ئەسكەر بولۇپ،ئۇنىڭ بۇ قاتارغا كىرىشى ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر فىرانسىيەلىك گېنىرالنى ئاتالىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

    1809-يىلدىكى كاكابېلو جېڭىدە ئۇ 600 مېتىر يىراقلىقتىن فىرانسىيەلىك گېنىرالنى ئېتىپ تاشلىغان.19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياسالغان مىلتىقلارنىڭ سۈپىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر بولسا ناھايىتىمۇ يۇقىرى توغىرلىقتا ئېتلىغان ئوق ياكى بىر بولسا كارامەت ئوڭ كەلگەن تەلەي. خوماس سەپداشلىرىنىڭ ئۇنى تەلىيى ئوڭ كېلىپ ئوقى نەق تەگدى دەپ قالمىسۇن دەپ مىلتىقىنى قايتىدىن بەتلەپ گېنىرالنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن گۈدۈكچىنى قەنلەپ ئوق چىقارغان. بۇ ئوقمۇ نەق جايىغا تېگىپ ئۇنىڭ قالتىس مەرگەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپ قالغان سەپداشلىرىنىڭ چىرايىنى راسا تاماششا قىلغان.
    مەنبە--
    -            http://listverse.com/2009/11/13/top-10-snipers-in-history/  

    Lady-Uyghur تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەرگەن