تامچە ـ تامچە كۆل بولار

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-08 21:54:00

تامچە ـ تامچە كۆل بولار ئەنگىليەلىك يازغۇچى مارىكلىن1989 ـ يىلى ئۇشتۇمتۇت كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ پۈتۈن ئەزايى ھەرتكەتتىن توختاپ پەقەت قېشىنىڭ ھەركىتى تېخى ھەركەتتىن توختىمىغان ئۇ شۇنداق بۇلۇپ...

    تامچە ـ تامچە كۆل بولار

         ئەنگىليەلىك يازغۇچى مارىكلىن1989 ـ يىلى ئۇشتۇمتۇت كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ پۈتۈن ئەزايى ھەرتكەتتىن توختاپ پەقەت قېشىنىڭ ھەركىتى تېخى ھەركەتتىن توختىمىغان ئۇ شۇنداق بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ كۆزىنىڭ كۈرۈشى ، ئاغزىنىڭ گەپ قىلىشى، قۇلقىنىڭ ئاڭلىشى، قوللىرىدا خەت يېزىش، قاتارلىق ئەزالىرىنڭ ھەممىسى ھەركەتتىن توختىغان شۇنداق خەتەرلىك پەيىتتە باش ئەگمەي ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە پۈتكەن ئەسىرىنى نەشى قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان نەشىرياتنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ بۇ ئىرادىسىگە ۋە ئۈلۈم ئالدىدىمۇ باش ئەگمەي باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئاپرىن ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭغا بىر ياردەمچى ئەكىلىپ بەرگەن.
         مارىكلىن دىمەكچى بولغان ھەرىپلەرنى ياردەمچى يازغان، ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىر كۈندەك 6 سائەت ئىشلىگەن . ئەگەر ئۇ ياردەمچى قەغەزگە بىر قاتار ھەرىپلەرنى يازغان ئۇ ھەرىپلەر توغرا بولسا مارىكلىن ئوڭ قېشىنى بىر قېتىم ئاتقان ئەگەر خاتا بولسا مارىكلىن سول قېشىنى بىر قېتىم ئاتقان. ئۇلار شۇنداق قىلىپ  پاراڭلاشقان .
       بىرقانچە يىل ئۈزۈلدۈرمەي جاپالىق خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ بۇ ئەسىرى تاماملانغان.
       بۇ ئەسەر پۈتكۈچە مارىكلىن ئوڭ قېشىنى 200 مىڭ قېتىم ئاتقان سول قېشىنى 100 مىڭ قېتىم ئاتقان بۇ ئەسەر جەمى 120 بەت بۇلۇپ نەشىردىن چىققان. ئەسەرگە (تامچە ـ تامچە كۆل بولار) دەپ ماۋزۇ قۇيۇلغان.
         دۇنيادا ئەقىللىق ئادەملەر كۆپ ،بىراق غەلبە قازانغانلار ئاز ،نۇرغۇن ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزلىرى غەلبە قازىنىش شارائىتىگە ئېرىشكەندە ،بۇنىڭدىنمۇ پايدىلىق شارائىتلار كۈتۈپ تۇرىدۇ،غەلبە قازانغۇچىلار بولسا ،شارائىت تاللاپ ئولتۇرمايدۇ، شارائىتنى ئۆزى يارىتىدۇ. مەسىلەن پۈتۈن ئەزاسى ھەركەتتىن توختىغان بولسىمۇ پەقەتلا ئىككى قېشى قالسىمۇ قېشىنى ئاتقانغا ئوخشاش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق