ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خەت

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-28 18:36:08

شۇ چاغدا سىزنى قاتتىق سىلكىشلۈگۈم، سىزنى جاندىن ئۆتكۈدەك ئاچچىق سۆزلەر بىلەن تىللىغۇم كەلدى... ئاشۇ چاغدا، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك غۇرۇرسىز، ئەرزىمەس، چاكىنا سەزگەنىدىم...

     
    ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خەت
     
    رومان روللان  (فىرانسىيە)
    غوپۇرجان قۇربان تەرجىمىسى
     
    ...
    شۇ چاغدا سىزنى قاتتىق سىلكىشلۈگۈم، سىزنى جاندىن ئۆتكۈدەك ئاچچىق سۆزلەر بىلەن تىللىغۇم كەلدى... ئاشۇ چاغدا، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك غۇرۇرسىز، ئەرزىمەس، چاكىنا سەزگەنىدىم... مۇھەببىتىم كۈزدىكى غازاڭ بولدى! «باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم!» دېگەن بۇ بىر جۈملە مەن ئۈچۈن ئەجەل كۈيىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈمى نۇرىنىڭ خاتىمىسى بولۇپ قالدى.
    ئورنۇمدىن تۇرغان پېتى كېتىپ قالدىم!
    بۇرۇن سەپرا مىجەزىم سىزگە كۆپ دىل ئازارى بەرگەنىدى، شۇڭا ھەر قېتىم پۇرسەت تاپساملا سىزگە چىن يۈرىكىمدىن قەلبىمنى ئىزھار قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەنىدىم! ھېچقاچان سىزدىن ئۆزگىنى سۆيۈشنى ئويلىمىغانىدىم، شۇ كۈنىمۇ سىزنى كەلگۈسىدىكى پىلانلار توغرىسىدا ئىزدىگەنىدىم! شۇ پەيىتتە پۈتۈن جاھاننى زۇلمەت قاپلىدى، لېكىن پۇتلىرىم ماڭا: «ئورنىڭدىن تۇر» دېگەنىدى، ئۇلار ماڭا «مەزمۇت قەدەم تاشلاپ بۇ قىزنى جايىدا قالدۇرۇپ قوي» دېگەنىدى، ئورنىمدىن تۇرغان شۇ پەيىتتە مەن زېمىننى سۆيگەن كۆكنى تىرىگۈدەك كۈچ بىلەن ئورنىمدىن تۇردۇم.
    ھازىر بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن! خەتنى يېزىشتىن بۇرۇن ئۆزۈم قىلغان سەۋەنلىكلەرنى بىرمۇ-بىر ئويلاپ چىقتىم...
    مېنى كەچۈرۈڭ!
    ھەقىقەتەن، تا ھازىرغىچە سىزنى چىن يۈرىكىمدىن ياخشى كۆرىۋاتىمەن! ئۇنى-يۈرىكىمنى قاتتىق كونترول قىلىشقا شۇنچىلىك ئۇرۇنۇپ باقتىم، لېكىن خۇددى گىياھ تاشنى يېرىپ چىققاندەك، سىزگە بولغان مۇھەببىتىممۇ بارلىق مەجبۇرلاش ۋە ئۆزۈمنى كونترول قىلىشنى تارمار قىلىپ، قەلبىمدىن بىخ تارتىپ قەغەز يۈزىگە ئۈندى.
    ئەسلىدە، بىۋاستىلا ئۆيىڭىزگە بارماقچى ئىدىم، سىزنى كۈتمەكچى، سىزگە ئۆزۈمنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرمەكچى ئىدىم، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىم! زادى نېمىنىڭ مېنى توساپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن؟! ئۇنداق قىلالمىدىم، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن نېمە ئۈچۈن قەغەز يۈزىدىلا توختاپ قالىمەن؟! يۈرەكسىزلىكمۇ، ياق! سىزنى ئۆزۈمچە كەچۈرەلمەيۋاتىمەنمۇ، ياق! ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دېگەنىدىم، لېكىن يەنىلا سىزنى ئۇنتۇيالمايۋاتىمەن...
    ھەئە، سىزمۇ ئاشۇ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە، ئاشۇ ئۇنتۇلمىغان پەيىتلەرنىڭ ھەممىسىدە سىزنىڭ سىيمايىڭىز بار، سىزنى تاتلىق كۈلۈشلىرىڭىز، ئۈنچىدەك كۆز ياشلىرىڭىز، ئەنسىرەش ئىچىدىكى ھالىتىڭىز، شۇنداقلا تەنناز قامىتىڭىز... بۇلارنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كېتەي، سىزنى قانغۇچە سۆيگۈنىمنى، مەھكەم قۇچاقلىغىنىمنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كېتەي؟ قانداقمۇ ئۇنتۇيالاي؟ ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن، سىزنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق!
    سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مەلۇم بىر باسقۇچىدىكى ئەسلىمە ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭىزدىكى بىر پۈتۈن ئەسلىمە بولسام دەيمەن، ئىككىمىزنىڭ ھاياتى ئىرماش-چىرماش، ئايرىغۇسىز زىچ باغلانسا دەيمەن، ئارزۇ قىلىمەن! سىز مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نازىنىن، شۇنداقلا ئەڭ مېھرىبان يارىم، سىزدىن باشقىسى ماڭا لازىم ئەمەس!
    بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خېتىم، سىزگە سۇنغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە مۇھەببەت مەكتۇپۇم! مەن ساراڭ بولدۇم، ياق، سىزگە ئاشىق بىقارار بولۇپ، شەيدا بولدۇم؛ ئەمدى مەن خەت يازمايمەن، مۇشۇ خەتنى يازغان قوللىرىم بىلەن مۇزلاپ كەتكەن يۈرىكىمنى يېرىپ سىزگە تەقدىم قىلىمەن!

    مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 5-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.