يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ46-سى ھېيزېنبېرگ(1901-1976)

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-21 00:25:00

ھېيزېنبېرگWerner Karl Heisenberg-گېرمانىيە نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى. ھېيزىنبېرگ 1901-يىلى12-ئاينىڭ5-كۈنى ۋۇرىزبۇرگدا ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە ...

        ھېيزېنبېرگWerner Karl Heisenberg-گېرمانىيە نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى.
        ھېيزىنبېرگ 1901-يىلى12-ئاينىڭ5-كۈنى ۋۇرىزبۇرگدا ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1920-يىلى مىيۇنخىن ئۇنىۋېرسىغا كىرىپ 1924-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، 1925-يىلى  «كىنېماتىكا(ھەركەتشۇناسلىق)بىلەن مېخانىكنىڭ ئۆزئارا  مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرىدىغان كۋانت نەزەرىيىسى توغرىسىدا»ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى پۈتتۈرگەن. بۇ ماقالە كۋانت مېخانىكىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. 1927-يىلى مەشھۇر توغرا ئۆلچىگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇ يىلدىن باشلاپ لېيپىسىگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.
        ھېيزىنبېرگ 1932-يىلى كىۋاېنت مېخانىكىسىنى ياراتقانلىقى ۋە غەيرى تەبىئى ھالدىكى ھېدروگېن ئىزوتوپىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قۇيۇن نەزەرىيىسى، تۆمۈرنىڭ ماگىنىتلىق خۇسۇسىيىتى نەزەرىيىسى، يادروفىزىكىسى، كۋانت ئېلېكترودىنامىكىسى، ئالەم رادىئاتسىيىسى فىزىكىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «فىزىكا ۋە پەلسەپس»،  «ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى تەبىئەتنىڭ مەنزىرىسى» قاتارلىقلار بار.
    ھېيزىنبېرگ 1976-يىلى مىيۇنخىندا ۋاپات بولغان.
       ھېيزېنبېرگ ئىلىم-پەن تارىخنى ئاساس قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا سۈرىتىگە بولغان تونۇشنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى بايان قىلىپ، مەشھۇر توغرا ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش قائىدىسىنى چۈشۈندۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى كۋانت مېخانىكىسى توغرىسىدىكى ئىلىم-پەن تارىخ ۋە بىلىش نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى خۇلاسە بولۇپ قالغاچقا ھېيزىنبېرگ «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» 46-ئورۇنغا تىزىلىپ نۇرغۇن ئىمپىراتۇر ۋە گېنېراللارنىڭ ئالدىغا تىزىلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق