كۈشەندە

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-21 15:09:40

دوختۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بارلىق بېساتىنى ئىنىسىغا قالدۇردى. رەسسام دوختۇرنىڭ ھۇجرىسىدىن 25 يىلدىن بۇيان نامسىز خېرىدار سېتىۋالغان بارلىق ئەسىرىنى تاپتى.

    كۈشەندە
    ماۋگام (ئەنگلىيە)

    ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ۋاپات بولدى. ئۇلارنىڭ بىرى رەسسام، يەنە بىرى دوختۇر ئىدى.
    رەسسام ئۆزىنى ئەزەلدىن «رەسىم سىزىش تالانتتىم بار« دەپ چاغلايتتى، شۇڭا ئۇ ھاكاۋۇر، ئاچچىقى يامان ئىدى، ئاكىسىنىڭ چاكىنا، مىسكىن خاراكېترىنى ياراتمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تۈزۈك تالانتىمۇ يوق ئىدى، ئەگەر ئاكىسى ئۇنى يۆلىمىگەن بولسا، ئۇ چوقۇم ئاچ قېلىپ ئۆلەتتى.
    بىراق ئۇنىڭ رەسىمى تېخنىكا، مەزمۇن، ئىشقىلىك ھەرقايسى جەھەتلەردىن شۇنچىلىك ناچار بولسىمۇ، ئۇ سىزىشتىن توختاپ قالمىدى. رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچسا، پەقەت ئىككى پارچىلا رەسىمى سېتىلاتتى. ھەر قېتىم شۇنداق بولاتتى، كەم ياكى ئارتۇق ئەمەس پەقەت ئىككى پارچىلا رەسىمى سېتىلاتتى. ئاخىرى دوختۇرمۇ ئىنىسىنىڭ «تالانتى» دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، بىراق ئىنىسىنى قوللىدى، ئۇنىڭغا ياردەم بەردى، كېيىن ئۇ ئىنىسىنىڭ پەقەت ھەۋەسكار بولۇشقىلا يارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بەك ئازابلاندى، لېكىن بۇ خخيالىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا كۆمۈۋەتتى.
    دوختۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بارلىق بېساتىنى ئىنىسىغا قالدۇردى. رەسسام دوختۇرنىڭ ھۇجرىسىدىن 25 يىلدىن بۇيان نامسىز خېرىدار سېتىۋالغان بارلىق ئەسىرىنى تاپتى. بۇ چاغدا ئۇ داڭ قېتىپلا قالغانىدى. ئاخىر ئۇ مۇنداق يەكۈنگە كەلدى: بۇ ھىيلىگەر ئەبلەخ ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ توغرا مەبلەغ ساپتۇ...
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دوختۇر