ئىككى خىل مېيىت(ئورفات)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-31 08:40:54

ئىككى خىل مېيىتئورفات(ئاففانىستان)بىرلا كۈندە،بىرلا ۋاقىتتا،بىر دوختۇرخانىدىن ئىككى تاۋۇت ئېلىپ چىقىلدى.بۇنىڭ بىرى قان ئازلىقتىن ئۆلگەن بولسا،يەنە بىرى يۇقىرى قان بېسىمىدىن ئۆلگەن.قان ئازلى...



    ئىككى خىل مېيىت
    ئورفات(ئاففانىستان)

     

     


    بىرلا كۈندە،بىرلا ۋاقىتتا،بىر دوختۇرخانىدىن ئىككى تاۋۇت ئېلىپ چىقىلدى.بۇنىڭ بىرى قان ئازلىقتىن ئۆلگەن بولسا،يەنە بىرى يۇقىرى قان بېسىمىدىن ئۆلگەن.قان ئازلىقتىن ئۆلگىچىنىڭ تاۋۇتىنى پەقەت تۆتلا ئادەم كۆتۈرگەن،يۇقىرى قان بېسىمىدىن ئۆلگۈچىنىڭ تاۋۇتى كەينىدىن سانسىزلىغان چوڭ-كىچىك ماشىنلار كىتىۋاتقانىدى.
    بىرى قان ئازلىقتىن ئۆلگەن،يەنە بىرى قېنى قۇيۇقلىشىپ،قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەي قالغان.
    ئىككىلىسى ئۆلدى،ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئوخشاش ئەمەس.بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىنى شورىغانلىقتىن قېنى كۆپىيىپ كېتىپ داۋىلىنىشقا مەجبۇر بولغان؛يەنە بىرسى قېنىنى باشقىلار شورىغانلىقتىن قانسىراپ كەتكەن.
    بىرى قان كۆپلۈكتىن ئۆلگەن،يەنە بىرى بولسا قان ئازلىقتىن ئۆلگەن.ھاياتى نامراتچىلىقتا ئۆتكەن كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن باغدات ئاگىنتلىقى قىلچە بىخەۋەر.ئەمما يەنە بىرىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ھەرقايسى گېزىتلەر قارا رامكىغا ئېلىنغان خەۋەرلەر ۋە ئەپسۇس-نادامەتلەر بىلەن تولغان.


    ئىككىسىنىڭ بىرى باي،يەنە بىرى چاكار ئىدى.يېقىندا باي كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغاندا،دوختۇر چاكارنىڭ قېنىنى بايغا سالغان،شۇنىڭ بىلەن چاكارنىڭ ساغلام بەدىنى بارغانسىرى ئاجىزلاشقان.بايچۇ؟ئۇ بولسا تويغۇچە يەپ-ئىچىپ،قانغۇچە ئويناپ بەزمە قىلغاچقا،ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.
    قەيەردە مۇشۇنداق باي بولىدىكەن،ئۇنىڭ ئۆلۈمى يەنە بىر ئادەمنى سۆرەپ ماڭىدۇ.


    بىرىنىڭ ئاجىزلىشىپ،يەنە بىرىنىڭ كۈچىيىشىپ بېرىشى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،خالاس.ئەزگۈچى بىلەن ئىزىلگۈچىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ جەزمەن شۇنداق.
    مۇنداق قارىغاندا،بۇ ئىككى خىل ئۆلۈم ئۆز ئەجىلى بىلەن كەلگەندەك كۆرىنىدۇ.ئەمىليەتتە بۇ قاتىل بىلەن مەقتۇل ئوتتۇرسىدىكى قەرز-قان قەرزىدۇر.


    بۇ ئىككى خىل ئۆلۈم ئىچىدە قاتىل ۋە مەقتۇل مەۋجۇت.ئەمما بۇنىڭدىن ساقچى ۋە ئەمەلدارلار بىخەۋەر.ھالبۇكى بۇ خىل روھىي جەھەتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراشنى ئۇلار دائىم ئۇچرتىپ تۇرىدۇ.
    بۇ يەردە مۇنداق بىر ئادەت بار:ئەگەر بىرسى قورال بىلەن ئادەم ئۆلتۈرسە ياكى شاپىلاق بىلەن ئادەم ئۇرسا،ئۇ جازاغا تارتىلىدۇ.لىكىن بىرسى خەقنىڭ ھەققىنى يېۋىلىپ،ئۇنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويسا،بۇ قاتىل جازاغا تارتىلمايدۇ،ھىچكىممۇ ئۆلگۈچىنى قۇربان بولغۇچى دەپ قارىمايدۇ،ھەتتا ئۇنىڭ نامىزىنىمۇچۈشۈرۈپ قويماسلىقى مۇمكىن.


    كۆرۈپ تۇرغىنىمىز پەقەت تاشقى كۆرۈنۈش بۇلۇپ،ماھىيىتى بىزگە تېخى ئېنىق ئەمەس.دوختۇرلىرىمىزمۇ،خۇددى بىزگەئوخشاش،كېسەلنىڭ ھەقىقى سەۋەبى«ئېزىلىش»ئىكەنلىكىنى،ئەمما ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى«ئادىللىق»ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.


    «دۇنيا ئەدەبىياتى 1986-يىل 4-سانى»دىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.