ئامېرىكا جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كېچىكتۈرەلەمدۇ؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 19:40:13

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كېچىكتۈرەلەمدۇ؟ خەن دەۋرىدىكى كۇڭزىچى كلاسسىكشۇناس جېڭ شۈەن ئۆزىنىڭ «نەزمە شەجەرىسى» دېگەن ئەسىرىدە «تۇتقا تۇتۇلسا، ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ، بىر جىلىت يېش...

    ئامېرىكا جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كېچىكتۈرەلەمدۇ؟

     

       خەن دەۋرىدىكى كۇڭزىچى كلاسسىكشۇناس جېڭ شۈەن ئۆزىنىڭ «نەزمە شەجەرىسى» دېگەن ئەسىرىدە «تۇتقا تۇتۇلسا، ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ، بىر جىلىت يېشىلسە، ھەممە سەھىپىلەر روشەنلىشىدۇ.» دېگەن، بۇ دەل ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستىراتېگىيىلىك تەپەككۇرى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈرگۈزگەن يەر شارىغا خوجا بولۇش ئىستىراتېگىيىسىنىڭ بىر يېڭى يۈزلىنىشى.

       ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستىراتېگىيىسىنىڭ «تۇتقىسى» قايسى؟ بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانىغا «يېتەكچىلىك قىلىش»، جۇڭگونىڭ يۆنىلىشىنى «ئىگىلەش» تىن ئىبارەت. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسى مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىرسى، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ تاشلاش، يەنە بىرسى ھەربىي چەكلەش زەنجرىنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگونى ھەربىي ئىشلار تەسىرىنى سىرتقا قارىتا تەرەققىي قىلدۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىدى.

       ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنىڭ «تۇتقىسى» قايسى؟ بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانىغا «يېتەكچىلىك قىلىش»، جۇڭگونىڭ يۆنىلىشىنى «ئىگىلەش» تىن ئىبارەت. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسى مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىرسى، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ تاشلاش، يەنە بىرسى ھەربىي چەكلەش زەنجىرىنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگونى ھەربىي ئىشلار تەسىرىنى سىرتقا قارىتا تەرەققىي قىلدۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىدى.

       ئەمما، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنى قايتىدىن قاراپ چىقىش ۋە تەڭشەشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى تېزگىنلەيمەن دېيىشى «ئورۇنداشقا بولمايدىغان ۋەزىپە» گە ئايلىنىپ قالدى.

       ھەربىي ئىشلار جەھەتتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق قورال-ياراقلارنى ئۆزى تەتقىق قىلىش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېزلەشتى. ئۆتكەن يىلقى ھەربىي پاراتتا كۆرسىتىلگەن بارلىق قورال – ياراقلارنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئارمىيىمىزنىڭ بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقىغا ئۆزى ئىگە بولغان ئىلغار قورال – ياراقلىرى 10 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 15 ھەسسە ئاشتى. جۇڭگو ھەربىي كۈچىنىڭ خەلقئارادا جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئاكتىپ رولىنى ھەر قانداق ئامىل توسۇپ قالالمايدۇ.

       ئىقتىسادىي جەھەتتە، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو 1997 – يىلدىكى ئاسىيا – پۇل مۇئامىلە كىرزىسى، 2008 – يىلىدىكى يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ «سىناقلىرى» نى باشتىن كەچۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي خېيىم – خەتەر ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پاراكەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ بېشىدا، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا: «جۇڭگو ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى دەپ قارىدى».

       تېزگىنلەش ئۈنۈم بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ئىلاجسىز «يېتەكلەش» ھىيلىسىنى تاللاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى كەينىگە سۈرۈش مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

       شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ساھەلەردە پاراكەندىچىلىك سېلىش ئارقىلىق، جۇڭگونى زېھنى كۈچىنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ دۆلەت كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئامالسىز قالدۇرۇشنى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسى قىلماقچى بولدى. ھازىر قارىغاندا، ئامېرىكا ئاساسەن تۆۋەندىكى چارىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ:

       1 . «تەيۋەن مەسىلىسى» نىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قوغداپ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىكككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا مەلۇم دەرىجىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاۋاتىدۇ.

       2 . جۇڭگو بىلەن چېگرا تالاش – تارتىشى بار دۆلەتلەرنى قۇترىتىپ، داۋاملىق جۇڭگوغا قارىتا ۋەقە سادىر قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋېيتنام، ھىندىستان، ياپونىيىلەر كەينى – كەينىدىن جۇڭگوغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بار.

       3 . جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا، بولۇپمۇ دېڭىزغا يېقىن رايونلاردا ھەر خىل تۆلەم ۋە تۈرلۈك شەكىللەردىكى ھەربىي مانىۋېرلارنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.

       4 . جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئىلغار قورال – ياراقلىرىنى كىرگۈزۈپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆرلەتتى.

       5 . رۇسىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنى «باستى». يېقىندا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بېرىش – كېلىش كۆپەيدى. رۇسىيە تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ناۋادا، ئامېرىكا رۇسىيەگە ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسىنى سېتىپ بېرىدىغان ئىش رېئاللىققا ئايلىنىدىغان بولسا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى – يېڭى ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى «ئۆز – ئارا تولۇقلاش» ئىمكانىيىتى زورىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتىلغان ھەربىي تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتەلەيدۇ.

       6. ئامېرىكا «يادرو زوراۋانلىقى» غا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرىۋېلىپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە پاراكەندىچلىك سېلىۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىسىدىكى بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك شۇكى، مۇھىم بىر نۇقتا مۇنتىزىم تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن يادرو زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا تەڭشەلدى. ئامېرىكا «يادروسىز دۇنيا» ئىدىيىسىنى كۈچەپ بازارغا سېلىپ، خەلقئارادا ئەخلاق ئېگىزلىكىنى تىكلەپلا قالماستىن، يەنە «يادرو» چوڭ بايرىقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەتراپىغا قاراتقان يۇقىرى بېسىمنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ.

       ئومۇمەن ئالغاندا، جۇڭگونى «ئىگىلەش»، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم بىر ھالقا. ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى ئوبېكتى يەر شارى خاراكتېرىنى ئالغان، ھەرگىزمۇ مۇئەييەن، كونكېرت، ئېنىق دۆلەت ئەمەس. ئەمما، جۇڭگوغا قارىتا «تورسىمان» كېچىكتۈرۈلۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىنى «يېتەكلەش» ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئىستراتېگىيىلىك تاللىشى ھېسابلىنىدۇ.

       بىراق، بىزمۇ كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسى، پەقەتلا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىگە توسالغۇ ياكى تەھدىت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن «تېزگىنلەپ تۇرۇش» تىن ئىبارەت. مۇشۇ ھۆكۈمنى ئاساس قىلغاندا، بىزنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان ئىستراتېگىيىمىز شۇكى، ھەممىدىن چۈچۈپ يۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى جۇڭگوغا قارىتىلغان – دەپ يىغىنچاقلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى جەزمەن ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ ۋە يەكۈن چىقىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىمىزنى تاللاشنى توغرا ئىگىلىشىمىز لازىم.

     

    (ماقالىنىڭ ئاپتورى: دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففىسورى)

    تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت بارات

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.