10جۈملە راست گەپ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-29 11:52:30

10جۈملە راست گەپ .1 تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ . .2 ئاممىۋى ئاپتوبۇسدا قېرى ، ئاجىز ، كېسەلچان ، مېيىپ ۋە ئىككى قات ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بېرىڭ . قارش...

    10جۈملە راست گەپ

     

    .1      تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ .
    .2
     ئاممىۋى ئاپتوبۇسدا قېرى ، ئاجىز ، كېسەلچان ، مېيىپ ۋە ئىككى قات ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بېرىڭ . قارشى تەرەپنىڭ رەھمىتىگە كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى . ئورنىڭىزنى بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاپتونوستىن چۈشىدىغان قىياپەتتە ئۇ كىشىدىن يىراقراق تۇرۇڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ، ئورنىڭىزدا ئولتۇرغان كىشى ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ .

     .3     ھاۋا سوغۇق ياكى يامغۇر ، قار ياغقان كۈنلەردە كۆكتات ، مېۋە - چېۋە ، گېزىت - ژۇرنال سېتىۋاتقانلارغا ئازراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بېرىڭ ، بۇ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز .

    .4     يولدىن ئېزىپ قالغان بالا ياكى بوۋاي - مومايغا يولۇققىنىڭىزدا ئامال بار ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭ . ئەگەر ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالمىسڭىز ئاپتوبۇسقا سېلىپ قويۇڭ ، ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويسڭىزمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ ئۇچۇر بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ .
    .5
    يولدىن ئېزىپ قالغانلارنىڭ باشقىلاردىن يول سوراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز ، ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يادەم قىلىڭ .
    .6
    بىرەرسىنىڭ پورتمىلىنى تېپىۋالسىڭىز ، دەرھال ئىگىسىگە قايتۇرپ بېرىڭ . ئەگەر پۇلغا بەكلا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ، ئىچىدىكى نەق پۇلنى ئېلىپ قېلىپ ، پورتمالنىڭ ئىگىسىگە تېلېفون قىلىپ « پالانىچى يەردىن تېپىۋالدىم » دېسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىكى ئىناۋەتلىك كارتا ، كىملىك ، پراۋا قاتارلىقلارنى ئۆز پېتىچە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇ كىشى يوقالغان ئازراق پۇل ئۈچۈن ئانچە قىلىپمۇ كەتمەيدۇ . بىراق سىز ئۇنىڭ ئادرېسىنى يېزىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . كېيىنچە پۇل تاپقاندا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
    .7
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قەدىرلەشكە تېگىشلىك روھ ، ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرەر ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى نەرسە - كېرەك سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ ، ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولمىسا ھەرگىزمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمايدۇ . ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا ! ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىپ كۆيۈنۈش كېرەك .
    .8
    كېچىلىك بازاردا يايما يايغانلاردىن ئازراق بولسىمۇ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىڭ . ئۇلارنىڭ سېتىۋاتقانلىرى ئەرزان باھالىق نەرسىلەر ، شۇڭا ئارتۇقچە باھا تالىشىپمۇ ئولتۇرماڭ . ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا ، ئۇلار شۇ كېچىدە ، شۇ سوغۇقتا توڭلاپ يايما يېيىپ ئولتۇرارمىدى ؟
    .9
    ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسا ، پۇللىرىڭىزنى ئەيشى - ئىشرەت ، كەيپى - ساپاغا ئىشلەتمەستىن ، بىرەر خەيرلىك ئىشقا سەرپ قىلىڭ ، يەنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىسىڭىز ، قىلغان ئىشىڭىز تېخىمۇ ساۋابلىق بولىدۇ .
    .10
    ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ، ھەم يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاساسىي بار ، دەپ قارىسىڭىز ، ئۇلارنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈرۈپ قويۇڭ ، چۈنكى ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتە ياخشىلار كۆپەيسە ، ھەممىمىز بەخت ئىچىدە ياشايمىز .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پۇل ياخشىلىق ياردەم