شەخىسنىڭ قۇدىرىتى(مارىسا پۇئې)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-26 07:49:12

شەخىسنىڭ قۇدىرىتى(مارىسا پۇئې)روشەنگۈل ئېزىز تەرجىمىسىيېقىندا كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەپتۇنكار بىر ھىكايىنى ئوقۇدۇم، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.بىر كۈنى ...

    شەخىسنىڭ قۇدىرىتى(مارىسا پۇئې)
    روشەنگۈل ئېزىز تەرجىمىسى

     

     

    يېقىندا كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەپتۇنكار بىر ھىكايىنى ئوقۇدۇم، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

     

    بىر كۈنى كەچقۇرۇنلىقى بىر دوستۇم كىشلەر ئاز بارىدىغان مىسا قولتۇقىدا سەيىر ئىتىپتۇ، ئۇ يىراقتا بىر مېكسىكىلىقنىڭ يەردىن توختىماي بىر نەرسىلەرنى ئىلىپ دېڭىزغا تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. يېقىن كېلىپ قارىسا، مېكسىكىلىقنىڭ يەردىن تېرىۋاتقىنى يۇلتۇز بېلىق ئىكەن، بۇ يۇلتۇر بېلىقلارنى دېڭىز دولقۇنى دېڭىز دولقۇنىغا ئىقىتىپ چىقىپتۇ، ئەمما بۇ مېكسىكىلىق ئۇ يۇلتۇز بېلىقلارنى يەردىن بىر-بىرلەپ ئېلىپتۇ ۋە يەنە دېڭىزغا قايتۇرۇپتۇ.

     

    دوستۇم قاتتىق دېلغۇل بولغىنىچە ئۇ ئادەمدىن:
    -ياخشىمۇسىز ئەپەندى، نېمە ئىش قىلىۋاتىسز؟ -دەپ سوراپتۇ.

    -مەن بۇ يۇلتۇز بېلىقلارنى دېڭىزغا تاشلاۋاتىمەن. ھازىر دېڭىز دولقۇنى قايتىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىمىسام ئۆلۈپ قالىدۇ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مېكسىكىلىق.

    -شۇنىڭ بىلەن دوستۇم:

    -بۇنى بىلىمەن، ئەمما بۇ دېڭىزدا ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭ يۇلتۇز بېلىق بار، سىزنىڭ ئۇلارنى تېرىپ دېڭىزغا تاشلاپ بولۇشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، يەنە كېلىپ، بۇ دېڭىز بويىدا نۇرغۇن دېڭىز ساھىلى بار، ھەربىر دېڭىز ساھىلىدا دېگۈدەك مۇشۇنداق ئوخشاش ئىش يۈز بىرىدۇ، سىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭىز بىلەن قىلمىغىنىڭىزنىڭ نېمە پەرقى بار؟ -دەپتۇ.

     _ مەن پەقەت قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشتىنلا مەسئۇلىيەت ھىس قىلىمەن دەپتۇ مېكسىكىلىق.

       سىز كۈنسايىن ئېشىۋاتقان جىنايەتنى قانداق ئازايتىسىز، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىقتىن قانداق ساقلىنىسىز، پۈتكۈل يەرشارىغا زىيان سىلىۋاتقان بۇلغىنىشنى قانداق تۈگىتىسىز؟ بىر ئادەم زوراۋانلىق، ئاچارچىلىق، بۇلغىنىشتەك زور مەسىلىلەرگە قانداق يۈزلىنىشى كېرەك؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، شەخسىنىڭ قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇش.

     

    مەن توققۇز ياش ۋاقتىمدا ئامېرىكا پرېزدېنتىغا خەت يازغان ئىدىم، مەن شۇ چاغدىلا «شەخىسنىڭ قۇدىرىتى» نى تونۇپ يەتكەنتىم. مەن تېلىۋىزۇردا «جەننەت يولى» دېگەن پروگراممنى كۆردۈم، بۇ پروگراممىدا 20~30 يىللاردىن كىيىن زەھەردىن مۇداپىيە ماسكىسى تاقاپ كوچىغا چىقىدىغانلىقىمىزنى، يەرشارىدا دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھ قالمايدىغانلىقىنى، بالىلارمۇ ئېغىر بۇلغىنىش دەستىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن ئىدى، بۇ مەنزىرىلەر مىنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالدى، چۈنكى بۇ مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى كەلگۈسى ئەمەس ئىدى. پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا رىياسەتچى: «ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز، ئىرادىلىك ئادەملەر بەزى ئىشلارنى قىلسا، پاجىئەدىن ساقلانغىلى بولىدۇ» دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يەرشارىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولۇش قارارىغا كەلدىم.

     

    «شەخىسنىڭ قۇدىرىتى» دېگەنلىك «ئىرادىلىك ياكى ئىرادىسز ئادەم بولۇش» نى تاللاش ئىقتىدارىڭىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇبادا شۇنداق ئىقتىدار بولسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولمايمىز؟ چۈنكى بىز ھەمىشە «بۇ مېنىڭ ئىشىممىدى» ياكى «مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەپ قاراپ، ئۆز قۇدىرىتىمىزگە سەل قارايمىز. ئۆزۈمنى مىسال ئالسام، ئەينى چاغدا مەن ئۆزۈمنى كىچىك بالا، گېپىمگە ھىچكىم ئېتىبار قېلمايدۇ دەپ قارايتتىم. شۇنىڭ بىلەم ئامېرىكا پرېزدېنتىغا خەت يېزىش قارارىغا كەلدىم. 1989-يىلى ئامېرىكا پرېزدېنتىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، پرېزدېنتنىڭ تەسەۋۋۇرۇمغا ياردەم بىرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى سورىدىم. ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كىيىن، پرېزدېنتنىڭ خىتىنى تاپشۇرۋالدىم.

       مەن پىرىزدېنتنىڭ جاۋاب خەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇ مېنى كېچىك بالا دەپ كارى بولماسمۇ ياكى بۇ بىر ئاددى خەتكەن دەپ تاشلاپ قويارمۇ ، دېگەنلارنى خىيالىمدىن نېرى قىلمىغان ئىدىم. پىرىزدېنتتىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن مەن كۆڭلۈمدىكى تۇنجى توسالغۇنى تۈگىتىپ، گېزىتخانىلارغا خەت يىزىشقا، ئېلان سودىگەرلىرىگە تېلېفۇن ئۇرۇشقا باشلىدىم، ئۇلارنىڭ پرېزدېنتقا يازغان خىتىمنى ئېلان قىلىپ بىرىشىمنى ئۈمىد قىلاتتىم، مەن توختاۋسىز تىرىشاتتىم، 1990-يىلى 3-ئايدا پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 250 ئېلان سودىگىرى پرېزدېنتقا يازغان خىتىمنى ئېلان قىلدى.

     

    شۇنىڭ بىلەن بىللە مەن «بالىلارنىڭ ئىشەنچىسى» دېگەن بىر تەشكىلاتنى قۇردۇم. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەينى چاغدا ئالتە ئەزاسى بارئىدى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا چۆمگەن بالىلار يەرشارى ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسەتتۇق، نۇرغۇن كۆچەت تىكتۇق، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ «شەخىىسنىڭ قۇدىرىتى» نىڭ بىرىنچى قانۇنيىتىنى ھېس قىلىپ يەتتىم: «ھەرقانداق بىر مەسلىگە يولۇقساڭ، باشقىلارنىڭ ھەل قىلىپ بىرىشىنى كۈتۈپ تۇرماي ئۆزۈق ھەل قىلىشىڭ كېرەك.»

     

    «شەخىسنىڭ قۇدىرىتى» نى جارى قىلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق بولىدىغان ئىككىنچى سەۋەب شۇكى، باشقىلارنىڭ سىزگە «سىزنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس» دېگىنىدىن ئىبارەتتۇر. بەلكىم سىزگە تىخىمۇ ياخشى چارە تېپىلىشى مۇمكىن. ئەمما سىز ئۇ چارىنى باشقىلارغا دېگەن دەملىرىڭىزدە ، ئۇلار ھەمىشە سوغۇققانلىق بىلەن «سىزنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتسام، مەن پرېزدېنتنىڭ خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئۇ بىر پارچە ھۆكۈمەت ئالاقىسىگە ئوخشايدىغان خەت ئىدى. خەت «سۆيۈملۈك كېچىك پۇقرا» غا يىزىلغان ئىدى. قاتتىق ھاياجانلاندىم. خەتتە: «ئوبدان ئوقۇڭ، زەھەرگە يېقىن يولىماڭ» دەپ يېزىلغانىدى. ئەمما بولغىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغۇرلۇق بىر ئېغىزمۇ توختالمىغانىدى، شۇنىڭ بىلەن سەل ئاچچىقىم كەلدى، مەن تىخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى بۇ ئىشلارغا قاتنىشىشقا جەلىپ قىلىش نىيتىگە كەلدىم، ئامېرىكا تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «بۈگۈن» پروگراممىسىغا خەت يىزىپ، خىتىمنى ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ چاغدا ساۋاقداشلىرىمىنىڭ بەزىلىرى مىنى مەسخىرە قىلدى. ئۇلارنىڭ ماڭا شۇنچىلىك ئەسكىلىك قىلىدىغانلىقىغا ھىچ ئەقلىم يەتمەيتتى، مەن پەقەت ئازراق كۈچ سەرپ قىلىشنىلا ئويلىدىم، مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە-مازاقلىرىغا قۇلاق سالماي، ئۆزۈم قىلىشنى نىيەت قىلغان داۋاملىق قىلىش قارارىغا كەلدىم. 1990-يىلى 1- ئايدا مەن «بۈگۈن» پروگراممىسىغا چىقتىم. بۇ ئىش بىلەن «شەخىسنىڭ قۇدرىتى» نىڭ ئىككىنچى قانۇنيىتىنى چۈشەندىم. «باشقىلار قىلالمايسەن دېسىلا قىلماڭچى بولغان ئىشىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ، بەزىدە ئۆز قارارىڭىزغا قۇلاق سېلىڭ، ئېتىقادىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ.»

     

    ئابا-ئەجدادلىرىمىز كۈچ قۇدىرىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز خىياللىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيانى ئۆزگەرىتكەن. بىزنىڭ ھازىرىقى مەسئۇلىيىتىمىز كۆپچىلىك ئورتاق ھالدا «شەخىسنىڭ قۇدىرىتى» نى قىزىشتۇر.

     

    ھەممە ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئەمما مەن قۇربىم يەتكەننى داۋاملىق قىلىمەن. بىر شەخسىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قول قوشتۇرۇپ تۇرساق تۇرىمىزكى، تەبىئەتنىڭ بايلىق مەنبەسىنى قۇتۇلدۇرمايمىز. چۈنكى بىز خاتا ھالدا باشقىلارنىڭ «قىلالمايسىز» دېگەن گىپىگە چىنپۈتۈپ قالىمىز. بىزنىڭ بۇ دۇنياغا سوۋغىتىمىز قورقۇنچىمىزنى، خىيالىمىزنى، ئۈمىدىمىزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان، ھازىرىقى ھالەتنى ئۆزگەرتكەن كىشىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇش، بىز نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزدۇر. بىز «روھىي مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان» ئادەم بولۇشىمىز كېرەك.

     

    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    خەنزۇچە «پەن ۋە مەدەنىيەت» ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 10-سانىدىن روشەنگۈل ئېزىز تەرجىمىسى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.