نامراتلىق قانداق بولىدۇ؟

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 02:15:08

نامراتلىق قانداق بولىدۇ؟ ناھايىتى باي بىر دادا مەلۇم بىر كۈنى كىچىك ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپيېزىغا ساياھەتكە بېرىپ ئوغلىغا يېزىدىكى نامراتلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى...

    نامراتلىق قانداق بولىدۇ؟

     

         ناھايىتى باي بىر دادا مەلۇم بىر كۈنى كىچىك ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ  يېزىغا ساياھەتكە بېرىپ ئوغلىغا يېزىدىكى نامراتلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدى.
    ئۇلار دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئەڭ نامرات كىشىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆتكۈزۈشتى. سەپەر ئاياقلاشقاندىن كېيىن  دادىسى بالىسىدىن سورىدى:
    - بۇ قېتىملىق سەپەر قانداق بولدى  سېنىڭچە؟
    ـ ناھايىتى قالتىس – دىدى بالىسى.
    ـ ئۇنداقتا نامراتلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقنى بىلگەنسەن؟
    بالىسى جاۋاپ بەردى-   بىزنىڭ ئۆيدە پەقەت بىرلا ئىت بار، لېكىن ئۇلارنىڭكىدە 4 ئىت بار ئىكەن؛ئۆيىمىزدە گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىرلا سۇ كۆلچىكى بار، ئۇلارنىڭكىدە كۆز يەتكۈسىز دەريا ئېقىپ تۇرىدىكەن  ؛ بىزنىڭ گۈللۈكتە ئىگىز چىراقتىن بىرىلا يورۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭكىدە بولسا سان- ساناقسىز يۇلتۇزلار يورۇپ تۇرىدىكەن؛ يەنە تېخى بىزنىڭ ھويلا كىچىككىنىلا، لېكىن ئۇلارنىڭ ھويلىسى پۈتۈن دېھقانچىلىق مەيدانىدەك چوڭ   كېلىدىكەن؛
    ئوغلىنىڭ سۆزى تۈگىگەندە دادىسى زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپلا قالدى.
    ئوغلى سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
    ـ دادا ، بىزنىڭ قانچىلىق نامرات ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نامرات ئوغۇل