ئۈچ جۈپ ئاتا - بالا

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 09:19:29

ئۈچ جۈپ ئاتا - بالا A,B,C ئۈچ ئائىلە قوشنا ئىدى ، بىر ئائىلىدە بىر دىن بالا بولۇپ ئۇلارنىڭ يېشى ئاساسەن پەرىقلەنمەيتتى .... A ئائىلىدىكى ئاتا --- بىر زىيالىي ، ئۇيىڭى بىناغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ب...

    ئۈچ جۈپ ئاتا - بالا

    A,B,C  ئۈچ ئائىلە قوشنا ئىدى ، بىر ئائىلىدە بىر دىن بالا بولۇپ ئۇلارنىڭ يېشى ئاساسەن پەرىقلەنمەيتتى ....

     

    A ئائىلىدىكى ئاتا --- بىر زىيالىي ، ئۇيىڭى بىناغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بالىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ، بالنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى ، ۋەزىپىسى ، دەم ئېلىش كۈنى ، بايرام - تەتىل كۈنى ، تەتىلدە پىئانىنو ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلىرىنى بەلگىلەپ بەردى ، ئادەتتە بالىنى ئۆيدىكى ئۇششاق ئىشلارغا قول تىققۇزمىدى. دەسلەپتە بالىنىڭ ئۆگىنىشى يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ كۈنبويى ئۆگىنىشتىن زېرىكتى ، بارا-بارا ئۈگىنىش قىزغىنلىقى يوقالدى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتتى ، تولۇقسىز ئوتتۇرغا كۆچكەندە دەرىسلەر كۆپەيدى ، ئىمتىھاندا ئۇ يېرىمدىن كۆپرەك پەنلەردە ئۆتەلمىدى ، ئاتا بەكمۇ بىئارام بولدى ،غەزەپلەندى، بالىنى ھەمىشە ئورۇپ - تىللاپ تەنقىدلىدى، بالا نەچچە قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ، ئاتا نەچچە قېتىم ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ كەلدى، ئەمدى يەنە ئۇنى ئوقۇشقا، پىئانىنو ئۆگىنىشكە زورلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى . كۈنلەرنى ھەسرەت چېكىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى . بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئائىلىدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇردى .

    B ئائىلىدىكى ئاتا ------ ئاددىي تىجارەتچى ، ئۇ يىڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن ئاددىي بىر دوكان ئاچتى ، تىجارىتى بەك ئالدىراش ئىدى، ھەتتا يىتىشىپ بولالماي بالىنى چاقىرىپ كىلىپ مال ئېلىش ، سېتىش ، ھىساب قىلىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكۈزدى ، بالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ئاتىسىدىن ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋالغان بولغاچقا تىجارەت قىلالىدى، كېيىنچە ئىككىنچى خوجايىن بولۇپ قالدى .

    C ئائىلىدىكى ئەر -خوتۇن ----- «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ، كېيىن ئىشچى بولغان ، زاۋۇت سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئىشسىز قېلىپ، ھەركۈنى تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ ئىش تېپىپ قىلىپ جان باقىدىغانلاردىن ئىدى. ئۇلار ئىشقا ئۇرۇنلىشىش رىقابىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنەتتى ، بىلمىگەنلىرىنى بالىسىدىن سورايتتى ، بالىسى بىلگەنلىرىگە ئۇدۇللۇق جاۋاب بەرسە، بىلمىگەنلىرىگە كىتابلاردىن جاۋاب ئىزدەيتتى ، ئاتا - بالا بىرلىكتە ئۆگىنەتتى ، تەتقىق قىلاتتى ، ئۇلار بارغانسىرى ئالغا باستى، ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقى ئېشىپلا قالماي ، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈلدى، يەنە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچەيدى ، بالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، نوقتىلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى .

    بىر كۈنى بۇ ئۈچ كونا قوشنا ئۇچرىشىپ قالدى، باللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەشتى :

     A ئاتا :--- مەن بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇپتىمەن .

    B ئاتا :--- مەن بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    C ئاتا :--- مەن تەبئىيلا مۇۋاپىقىيەت قازاندىم .

    شۇ كۈنى يەنە بۇ ئۈچ بالىمۇ ئۇچرىشىپ قالدى، ئايرىلغاندىن كېيىنكى كۈنلەرنى ئەسلەپ سۆزلەشتى :

    A بالا : ----- كىچىكمدە ئاتامنىڭ قۇماندانلىقىدا قارغۇلاچە ئۆگىنىدىغان «ماشىنا»ئىدىم .

    B بالا : ----- كىچىكمدە ئاتامغا ۋاقىتلىق ياردەملەشكەن «ئىشچى» ئىدىم .

     C بالا : ----- كىچىكمدە مەن ئاۋۋال ئاتام بىلەن «ساۋاقداش» ئىدىم ، كىيىن ئۇنىڭغا «مۇئەللىم» بولغان ئىدىم .

    بۇ ئۈچ ئاتىنىڭ ئۈچ خىل تەربىيلەش ئۇسۇلى ، ئۈچ بالىنىڭ ئۈچ خىل تەسىراتى ئىدى . بىز بونىڭدىن ئۈچ بالىنىڭ ئۈچ خىل تەرەققىيات يۈنلىنىشىنى بىلىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس .

    مەنبەسى : «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىللىرىنى تەربىيلەش دەرىسلىكى دىن تەرجىمە قىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاتا - بالا تەربىيلەش