بەخىت ھەققىدە تەسەۋۇر

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-01 14:42:00

1.ئەگەر ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن ساق سالامەت تۇرسىڭىز ،ئۇنداقتا سىز نۇرغۇن ئادەملەرگە قارىغاندا بەخىتلىك بولغان بولىسىز ،بېشىغا بەخىتسىزلىك شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى ،ئۇلار ئەتىسى قۇياشنى ...

         1.ئەگەر ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن ساق سالامەت تۇرسىڭىز ،ئۇنداقتا سىز نۇرغۇن ئادەملەرگە قارىغاندا بەخىتلىك بولغان بولىسىز ،بېشىغا بەخىتسىزلىك شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى ،ئۇلار ئەتىسى قۇياشنى كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    2.ئەگەر سىز ئۇرۇشنىڭ خەۋەپ خەتىرىنى ،تۈرمىنىڭ تەنھالىقىنى ،قاتتىق جازانىڭ ۋە ئاچارچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىمىغان بولسىڭىز سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز دۇنيادىكى 500مىلىيون ئادەمنىڭكىدىن ئەھۋالىدىن كۆپ ياخشى
    3.ئەگەر سىزنىڭ توڭلاتقۇرىڭىزدا يېمەكلىك ،ئۇچىڭىزدا كىيىم ،تۇرارغا جايىڭىز ، ھەم ياتارغا كارىۋىتىڭىز ،ھەم يەتتە ئەزايىڭىز تولۇق بولسا ئۇنداقتا سىز دۇنيادىكى 75%ئادەمگە قارىغاندا تۇرمۇشىڭىز ياخشى بولغان بولىسىز.
    4. ئەگەر بانكىدا ئامانىتىڭىز ،ھەميىنىڭىزدا پۇلىڭىز بار بولسا، ۋە مۇقىم كىرىم مەنبەيىڭىز بولغان بولسا ، ئۇنداقتا سىز دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك 8%ئادەمنىڭ قاتارىغا كىرگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
    5. ئەگر ئاتا-ئانىڭىز ھايات ،ھەم ئۇلار ئاجىرشىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا سىز ئاز ئۇچرايدىغان بەخىتلىك ئادەم قاتارىغا مەنسۇپ بولغان بولىسىز.
    6.ئەگەر سىز بۇ خەتنى ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن ئوقۇغان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا دۇنيادىكى ئىككى مىلىياrد ساۋاتسىزنىڭ قاتارىغا كىرمىگەن بولىسىز.
       شۇڭا خىىزمەت قىلىش ،پۇل تېپىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىۋالماڭ ،بارلىق كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈڭ ،ئۇلارنىڭ سىزگە قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ،ئۇسسۇل ئويناڭ ،باشقىلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ،باشقىلار سىزگە دىققەت قىلىۋاتامدۇ يوق بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇ ،ناخشا ئېيتتىڭ ، باشقىلار ئاڭلاۋاتامدۇ يوق بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ،خىيالىڭىزغا كىرمىسۇن،بۇ دۇنيانى جەننەت دەپ بىلىڭ ۋە بەخۈدۈك ياشاڭ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق