مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىكى 13 ئادەت(لى جى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 23:46:03

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىكى 13 ئادەتلى جى كىشىلەردە ياخشى ئادەتمۇ، يامان ئادەتمۇ بولىدۇ، ياخشى ئادەت سىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلايدۇ. بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بىر ئىشتا ئۇنى قىل...

    مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىكى 13 ئادەت
    لى جى


          كىشىلەردە ياخشى ئادەتمۇ، يامان ئادەتمۇ بولىدۇ، ياخشى ئادەت سىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلايدۇ.
       بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بىر ئىشتا ئۇنى قىلىشتىكى مەقسىتىنى ئېنىق بىلىدۇ. بۇنداقلار ئىشنىڭ نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، ئۇنى قىلىشتىكى مەقسەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەقسەتنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۇلارنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇلار بۇ جەرياندىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
       ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى كەسكىن قارار چىقىرىدۇ، قارارىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئېھتىيات بىلەن ئويلىنىپ ئىش كۆرىدۇ.
       ئادەتتىكى كىشىلەر بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەزمىلىك بىلەن قارار چىقىرىدۇ ھەم قاراردىن تېزلا يېنىۋالىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كەسكىن قارار چىقىرىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەسى ئېنىق بولىدۇ، ئۇلار ئىشنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئىشلارنى ئەتراپلىق بىرتەرەپ قىلالايدۇ.
       ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلايدۇ.
     
       زەن سېلىپ ئاڭلاش باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر. باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلىغاندا، مۇنداق بىر نەچچە ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاش؛ ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىش ھاجەت بولمىسىمۇ، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش؛ تۆتىنچىدىن، سورىماقچى بولغانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قارشى تەرەپ سۆزىنى تۈگەتكەندە سوراش.
       تۆتىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ‹‹كۈندىلىك پىلانى›› بولىدۇ.
       مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئالدىنقى كۈنى كەچتە ياكى شۇ كۈنى سەھەردە بۇ بىر كۈنلۈك ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ چىقىدۇ ھەم بۇ ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزىدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى ئەمەس، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
       بەشىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كۈندىلىك خاتىرە يازىدۇ.
       كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنىڭ قائىدىسى: بىرىنچىدىن، مەزمۇننى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، قېلىپقا ئېسىلىۋالماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتى ۋە مەركىزىي ئىدىيەسىنى لايىھەلەش؛ تۆتىنچىدىن، ھەر بىر ئىشنىڭ پەرقىنى خاتىرىلەش؛ بەشىنچىدىن، ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ئالاھىدە ئىشلارنى خاتىرىلەش؛ ئالتىنچىدىن، مەسىلىنى ھەل قىلىش؛ يەتتىنچىدىن، بىلىملىك كىشىلەردىن سوراپ ئۆگىنىش؛ سەككىزىنچىدىن، خاتىرىسىگە ئۆز بايانىنى يېزىش؛ توققۇزىنچىدىن، كۈندىلىك يېزىلغان مەزمۇنلارنى ئاي ئاخىرىدا كۆرۈپ چىقىش؛ ئونىنچىدىن، ئەستە ساقلاش خاتىرىسى ۋە تەجرىبىسىنى يۈكسەلدۈرۈش.
       ئالتىنچى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش.
       يەتتىنچى، ئاساسىي ماھارەتلەرنى داۋاملىق مەشىق قىلىش.
     
       سەككىزىنچى، ئۆزىگە دائىم ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرۇش.
       بۇ، نىشانىنى دائىم ئۆزىگە ئەسكەرتىپ، ئۆز ئېڭىگە سىڭدۈرۈشتۇر.
       توققۇزىنچى، تەسەۋۋۇر قىلىش ماھارىتىدىن پايدىلىنىش.
       نىشانغا يەتكەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭىزدا، ۋۇجۇدىڭىز ئىختىيارسىز شۇنداق ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
     
       ئونىنچى، جىسمانىي ۋە زېھنى كۈچنى ساقلاش.
       ئون بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ياشاش نىشانى كۆپىنچە ‹‹ئۆزلۈك›› ىدىن ھالقىشتۇر. ئىرادە تىكلەش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر.
       ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
       ئون ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار سىستېمىلىق ئىش قىلىدۇ.
       ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم باشقىلارنى يېتەكلەيدۇ.
       ئون ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۇسۇل – چارە ئىزدەيدۇ، مەغلۇبىيەتچىلەر باھانە ئىزدەيدۇ.
       مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەغلۇبىيەتچىلەر خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرسىڭىز ھەم ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز، بۇ ئادەتلەر سىزنى پۇل ۋە مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇۋەپپەقىيەت