باغچىدىكى تەنھا بوۋاي

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-28 19:34:34

باغچىدىكى تەنھا بوۋايتويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەت بىلەن تويدىن كېيىنكى مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن پەرق بۇلدۇ. ئۇلار ئىلگىرى مەيلە قانچىلىك دەبدەبىلىك قېسەملەنى بېرىشكەن،قانچىلىك ئىج...

    باغچىدىكى تەنھا بوۋاي

     

    تويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەت بىلەن تويدىن كېيىنكى مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن پەرق بۇلدۇ.

     

       ئۇلار ئىلگىرى مەيلە قانچىلىك دەبدەبىلىك قېسەملەنى بېرىشكەن،قانچىلىك ئىجىل-ئىناق ئۆتكەن،بىر-بىرلىرىنى قانچىلىك سۆيۈشۈپ ئۆتكەن بولسۇن؛ئۇلار ئىلگىرى ئورتاق تەقدىر ئۈچۈن قانچىلىك كۈرەش قىلغان ،بۇ يولدا قانچىلىك ئىسسىق سوغاقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ،قىز-يىگىت بىر كارۋاتقا چىقىپ،بىر ياستۇققا باش قۇيۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،ئۆزلىرىنىڭ كارۋىتىنىڭ پەقەت كۆلدىكى بىر سال ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇ.شىرىن مۇھەببەت مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كۆل يۈزى تىنىچ،يېقىملىق ۋە ئادەتتىكىچە بۇلۇپ قالدۇ.

       شۇڭا،ئەر-ئاياللار بىر-بىرلىرىنى سۈيۈشسىمۇ ،پات-پات يالغۇزلۇقنى خالاپ قالىدۇ.تېخى ئۇلار بىللە تۇرغان بەزى ۋاقىتلاردىمۇ ،ئۆزىنى تەنھالىق ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ.ئۇ،ئادەم بىلەن قىلچە سىغىشالمايدىغانلىق تەنھالىق.

       مەن دائىم ئۆيىمىزگە يېقىن باغچىدا سەيلە قىلىمەن.باغچىدا بىر بوۋايغا دېققەت قىلىپ قالدىم.ئۇ ھەر كۈنى ئۇزۇن ئۇرۇندۇقتا خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى -ئاغزىدا غاڭزا،ئۆتكەن -كەچكەنلەرگە كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ قۇيىدۇ،لېكىن باشقىلار بىلەن مۇڭدىشىشنى خالىمايدۇ .ئۇ ھەر كۈنى سائەت ئۈچلەربىلەن كېلىپ تۆتلەر بىلەن قايتىدۇ .بىز باش لىڭشىتىپ قۇيىدىغان دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق.بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئاخىرى قىزىقىشىمنى باسالماي ،ئۇنىڭدىن سوردۇم:

       -نېمە ئۈچۈن ھەر كۈنى مۇشۇنداق يالغۇز ئولتۇرىسىز؟

       -يىگىت،-دېدى بوۋاي كۈلۈمسىرەپ،-توي قىلغىنىغا 46 يىل ،بەش ئاي،ئۈچ ھەپتە،تۆت كۈن بولغان بىر ئەرنىڭ ئەڭ بولمىغاندا ھەر كۈنى بىرەر سائەت يالغۇز تۇرۇش ھۇقۇقى بۇلار؟-ئۇ شۇ گەپتىن كېيىن سائىتىگە قارىدى ۋە ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى.

       تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم قائىدە مۇۋاپىق پەيىتتە يالغۇز تۇرۇشنى بىلىشتە.بۇ ئەقىل -پاراسەتنىڭ ھەقىقىتى.

       بەزىدە بىزنى ئازابقا سالىدىغان ئادەم بىز يۆلىنىپ كېلۋاتقان ئادەم بۇلۇپ قالدۇ؛يالغۇز تۇرمۇش ئادەمگە ئاجايىپ بىرخىل تىنىچلىق ئېلىپ كىلدۇ؛بۇ خىل تىنىچلىق  تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.

       مەنبە:تەرمىلەر 2005-يىل7-سان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر توي نىكاھ تۇرمۇش