پايپىقىمنى يۇتۇۋاپسىز

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-11 00:15:00

پايپىقىمنى يۇتۇۋاپسىز ماتېۋ بىلەن ئاننى بىر يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن توي قىلىشقا پۈتۈشتى.بىراق ،قۇتلۇق كۈن يېقىنلاشقانسېرى،ئۇلار ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى، ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىر...

    پايپىقىمنى يۇتۇۋاپسىز

           ماتېۋ بىلەن ئاننى بىر يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن توي قىلىشقا پۈتۈشتى.بىراق ،قۇتلۇق كۈن يېقىنلاشقانسېرى،ئۇلار ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى، ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئېيتمىغان بىر مەخپىيەتلىكى بار ئىدى. بىر كۈنى ماتېۋ دادىسىغا: ـــ دادا، سەن بىلىسەن، مېنىڭ پۇتۇم پۇرايدۇ. تويدىن كېيىن ئاننىنىڭ بۇ سەۋەبلىك ماڭا ئۆچ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن،ـــ دېدى. ـــ ھېچ گەپ يوق، ـــ دېدى دادىسى،ـــ تويدىن كېيىن دائىم پۇتۇڭنى يۇيۇپ تۇر، ئۇخلىغاندىمۇ پايپىقىڭنى سالما. بۇ ئامال ماتېۋغا يېقىپ قالدى. ئاننىمۇ ئاپىسىغا مۇنداق دېدى: ـــ ئاپا، ئەتىگەندە ئويغانسام ئاغزىم بەك سېسىق پۇرايدۇ. ـــ قوزام، ئەتىگىنى ئويغانغاندا ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزى شۇنداق پۇرايدۇ. ـــ ياق، ئاپا، سىز بىلمەيسىز. مېنىڭ ئاغزىم ئەتىگەندە چىدىغۇسىز دەرىجىدە سېسىق پۇرايدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك ماتېۋنىڭ مەن بىلەن بىر ئۆيدە ياتماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ـــ ئەنسىرىمە قوزام، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغىنىپلا ئۇدۇل تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، چىشىڭنى چوتكىلا. ئېسىڭدە بولسۇن، چىش چوتكىلاشتىن بۇرۇن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلما،دېدى ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ. ـــ ئۇنىڭغا، ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن، دېگەندەك گەپلەرنى قىلمامدىم؟ ـــ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلما،دېدى ئاپىسى كەسكىنلىك بىلەن . ئاننى ئاپىسىنىڭ بۇ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئىككى ئاشىق - مەشۇق ئاخىر توي قىلدى. ئۇلار ئاتا - ئانىسىنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ماتېۋ پايپىقىنى سالمىدى، ئاننى بولسا ئەتىگىنى چىش چوتكىلىماي تۇرۇپ، ماتېۋغا قەتئىي گەپ قىلمىدى. مۇشۇ تەرىقىدە ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتتى. ئالتە ئايدىن كېيىنكى بىر كۈنى، ماتېۋ ئويغىنىپلا بىر پۇتىدا پايپاق يوقلۇقىنى كۆردى. ئۇ جىددىيلىشىپ پايپىقىنى ئىزدەشكە باشلىغانىدى، خوتۇنى ئويغىنىپ كەتتى ـ دە، ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا: ـــ سىز زادى نېمە ئىزدەۋاتىسىز؟ ـــ دەپ سورىدى. ماتېۋ چۆچۈپ ۋارقىرىۋەتتى: ـــ ئاھ پەرۋەردىگار، مېنىڭ پايپىقىمنى سىز يۇتۇۋاپسىز ئەمەسمۇ؟! دىلئارا باھاۋىدىن تەرجىمىسى ‹‹ تەرمىلەر ›› دىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق