ساتقىنلارغا بايراملىق(فىليەتۇن)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 02:54:11

ساتقىنلارغا بايراملىق  بۇ تـەرجىمە ئەسىرىمنى مىللەت ساتقۇچى مۇناپىقلارغا بايراملىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم. ) ----------تەرجىماندىن ئاتا مىراس مەخپىي رېتسىپ چېن خۇايى بوزقىر تەرجىمىسى شىر پادىشاھ ...

    ساتقىنلارغا بايراملىق

     

    بۇ تـەرجىمە ئەسىرىمنى مىللەت ساتقۇچى مۇناپىقلارغا بايراملىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم. )
    ----------تەرجىماندىن


    ئاتا مىراس مەخپىي رېتسىپ

    چېن خۇايى

    بوزقىر تەرجىمىسى


    شىر پادىشاھ بىر خىل غەلىتە كېسەلگە ----باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئىش پۈتكۈل ئورمان پادىشاھلىقىنى ساراسىمىگە ساپتۇ. چىل بۆرە، يولۋاس، يىلپىز، توخۇ، غاز، قۇشقاچ، ئوۆردەكلەر ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ پايپىتەك بولۇشۇپ ، تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ تىۋىپلاردىن شىپالىق دورىلارنى ئىزدىشىپتۇ،ئەمما شىر پادىشاھنىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىپتۇ. ھېچقانداق دورا ئۇنىڭغا شىپاھ قىلماپتۇ. بىر كۈنى توساتتىن مايمۇن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاسەن سۆرەن-شاۋقۇن سالغىنىچە ئوردىغا ئۈسۈپ كىرىپ ئاخىر چەنرىن تېغىدىن 100ياشلىق بىر قېرى بۇغىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن مەخسۇس باش ئاغرىقىنى داۋالايدىغان ئاتا مىراس مەخپىي رېتسىپقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. تۈلكە ۋەزىر ناھايتى چەبدەسلىك بېلەن ئاسەننىڭ قولىدىن ئىنتايىن پۇختا ئورالغان زەر قۇتىنى ئېلىپ ، چوڭقۇر تەزىم بىجا كەلتۈرۈپ قوش قوللاپ شىر پادىشاھقا سۇنۇپتۇ.
    شىر پادىشاھ قۇتىنى ئېچىپ ئىچىدىن سارغىيىپ كەتكەن بىر ۋاراق قەغەزنى ئاپتۇ. خەتتە: « ھەر كۈنى سەھەر ناشتىدا ئاچ قورساققا بىردىن مايمۇن مېڭىسىنى يېسە ھەم ئۇنى ئۇدا ئۈچ ھەپتە يەنى 21كۈن ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرسا شىپا تېپىپ سەللىمازا ساقايغۇسى» دەپ يېزىلغانكەن.
    شىر شۇ ھامان تۈلكىگە مايمۇنلارنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپتۇ. تۈلكە يارلىقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاسەن مايمۇننى چاقىرتپ :« بايا مەن مەخپىي رېتسىپنى پادىشاھ ئالىيلىرىغا بەرگەنىدىم. پادىشاھ ئالىيلىرى قالتىس خوش بولۇپ كەتتى. ئۇ ماڭا ئارقا قەسىردە كاتتا زىياپەت راسلاپ تارتۇقلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. سەن دەرھال مايمۇنلار تېغىغا قايتىپ قاۋۇل مايمۇندىن 20نى تاللاپ ، ئۇلارغا باش بولۇپ دەل سائەت يەتتىدە زىياپەتكە كەل!» دەپتۇ.
    كەچتە ئېسىل شاراپلاردىن قانغۇچە ئىچىپ ، نازۇ-نېمەتلەردىن تويغۇچە يەپ ، يۈزلىرىدىن تارتىپ قۇلاقلىرىغىچە شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن مايمۇنلار يەرگە ئۆزلىرىنى تاشلىغانچە قالايمىقان يېتىشىپتۇ. ھەتتا ئەس ھۇشىنىمۇ يوقىتىپتۇ. نەتىجىدە چىل بۆرىلەر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ خۇددى قۇم خالتىسىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ ، تۆمۈر قەپەزگە سۇلاپتۇ.
    ئىككىنچى كۈنى ئاسەن خامۇش ھالەتتە ئويغۇنۇپ ئۆزى ۋە 20 قېرىندىشىنىڭ قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى ئۇقۇپ نالە-پەريات چېكىپتۇ. باشقا مايمۇنلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ دەرغەزەپكە كېلىپ پۈتۈن كۈچى بېلەن تۆمۈر قەپەزنى سىلكىشكە باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا تۈلكە ۋەزىر ئالمان-تالمان يېتىپ كەپتۇ-دە دەرغەزەپكە كەلگەن مايمۇنلارغا ئىدىيىۋى سېياسىي خىزمەت ئىشلەپ مۇنداق دەپتۇ:« كۆپچىلىك سوغۇققان بولۇڭلار، مايمۇنلار قەبىلىسىنىڭ يېقىنقى يىللار مابەينىدىكى خىزمەتلىرىنى شىر پادىشاھ ئھلىيلىرى توللۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بولۇپمۇ پادىشاھ ئالىيلىرى بىتاب بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىن بۇيان ئاقساقال ئاسەن مايمۇنلارنى باشلاپ ھېرىپ-ئېچىشتىن قورىقماي ، خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ، تاققا چىقىپ دورا دەرمەكلەرنى يىغىپ ، ھالقىلىق پەيىتتە ئۆزلىرىنىڭ سادقەتمەنلىكىنى كۆرسەتتى. سىلەرنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسلانغاندا ، پادىشاھلىقىمىزنىڭ خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلاپ چىقتىكى، ئاراڭلاردىكى بىر مايمۇنەك ئۇلۇغ شىر پادىشاھ ئالىيلىرى بىتاپ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان مەزگىلدە ئاممىنى ئاسىيلىق قىلىشقا قۇتراتقان. ئورمان پادىشاھلىقىنىڭ بىخەتەرلىكى ، پۈتكۈل ئاۋامنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ئۈچۈن شىر پادىشاھ ئالىيلىرى كەسكىن ھەركەت قوللىنىشنى قارار قىلدى. سىلەر پەقەت ئاراڭلاردىكى ئاسىيلىق قىلىش نىيىتىدە بولغان جىنايەتچىنى پاش قىلىپ بەرسەڭلارلا ، پېقىر ۋەزىر سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاقساقال ئاسەننىڭ ئومۇمىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ، پادىشاھلىقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىپ ، كەڭ ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ ، ماڭا زىچ ھەمكارلىشىپ ، ئىسيانچىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ، تازىلاش خزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    مايمۇنلار بۇنى ئاڭلاپلا ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ھېلىقى نامەلۇم ئاسىي مايمۇننى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تىللاپ قارغىغىلى تۇرۇپتۇ. ئاسەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە شۇ ھامانلا پاش قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلىۋېتىپتۇ.ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ھە دېسىلا ئاسەن بېلەن زاكونلىشىدىغان قىزىل قوڭ مايمۇن ئاسىيلىق قىلىشقا ئورۇنغان جىنايەتچى دەپ بېكىتىلىپتۇ. باشقا مايمۇنلار ئۇنىڭ پۇت-قولىنى مەھكەم باغلاپ قەپەزدىن سىرىتقا ئىتتىرىپ چىقىرىپ ، تۈلكە ۋەزىرنىڭ ئوردىغا ئېلىپ كىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.
    ئىككىنچى كۈنى تۈلكە يەنە مايمۇنلار قامالغان جايغا كېلىپ :« ئالاقىدار تارماقلار قاتتىق قاتتىق سوراق قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىزىل قوڭ مايمۇننىڭ ئاسىيلىق قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. جىنايەتچى ھېلىمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەن. تېخىمۇ چوڭقۇر پاش قىلمىساڭلار بولمىغۇدەك» دەپتۇ. ئاقساقال ئاسەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قول ئاستىدىكى قالغان 19مايمۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، تېخىمۇ زىغىرلاپ تەكشۈ رۈش ئارقىلىق ئاخىر يەنە بىر باشپاشتاق ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇننى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.
    شۇ تەرىزدە ھەر كۈنى بىردىن مايمۇن تۇتۇلۇپ ئېلىپ چىقىلىپ ، 21-كۈنىگە كەلگەندە ئاسەنمۇ ئارقا قەسىردىكى مەلۇم بىر مەخپىي خانىغا ئۇدۇللا يالاپ ئاپىرىلىپتۇ. ئۇنى ئوتتۇرىسىدا يۇمۇلاق تۈشۈكى بار ، قان داغلىرىنىڭ ئىزى قالغان كىچىك بىر شىرەنىڭ ئاستىغا ياتقۇزۇپتۇ. شۇ ھامان ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۆزىگە تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان مايمۇنلارنىڭ قاڭسىق ھىدى ئۇرۇلۇپتۇ-دە ئۆز قولى بېلەن تۇتۇپ بەرگەن 20قېرىندىشىنىڭ قىسمىتىنى شۇ ھامان چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ. شىر بېلەن تۈلكىنىڭ ئۆزلىرىنى نېمىشقا مۇشۇنداق ئۇسۇللار بېلەن باپلىغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي تۇرغاندا ، بىر ئاق يالتىراق نۇر شىرەنىڭ ئۈستىنى سىپاپ ئۆتۈپتۇ-دە ،ئاسەننىڭ باش تېرىسىنىڭ خۇددى تاۋۇز شاپىقىدەك بىر پارچىسى « شارت»تىدە كېسىلىپ كېتىپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ ئاسەننىڭ ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان ئىسسىق مېڭىسى پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ باش ئاغرىقىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دورىسى بولۇپ قاپتۇ.
    ( بۇ فېليەتون « فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 2002-يىل 7-سانىدىن تەرجىمە قىلىنىپ « جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.