قۇياشتىن 18مىليارت ھەسسە چوڭ قارا ئۆڭكۈر

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 17:26:06

قۇياشتىن 18مىليارت ھەسسە چوڭ قارا ئۆڭكۈرچەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، فىنلاندىيەلىك ئالىملارئالەمدىكى ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈرنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ1...

    قۇياشتىن 18مىليارت ھەسسە چوڭ قارا ئۆڭكۈر

     

    چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، فىنلاندىيەلىك ئالىملار  ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈرنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ  18 مىليارد ھەسسىسىگە، چوڭلۇقى تەخمىنەن سامانيولى سېستىمىسى چوڭلۇقىدا ئىكەن. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىكرەك قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئالىملار بۇ كىچىك قارا ئۆڭكۈر ئوربىتاسىنى ئۆلچەش ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئېغىرلىق كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىرىدىكى ھادىسىلەرنى كۆزىتىشكە ئاساسەن، ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن.
         

    ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ بۇ ئۆڭكۈر ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ دەپ قارىلىدىغان قارا ئۆڭكۈردىن  6 ھەسسە چوڭ بولۇپ، يەرشارىدىن 3.5 مىليارد يورۇقلۇق يىلى  يىراقلىقتىكى  OJ287 ناملىق يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ مەركىزىدە ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يۇلتۇزسىمان جىسىملار ئىنتايىن يورۇق بولغان سەييارىلەر بولۇپ، بۇ سەييارىلەر قاينام ھالىتىدە، چوڭ تىپتىكى بىر قارا ئۆڭكۈرگە  كىرىپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا زور مىقداردا رادىئاتسىيەلىك نۇرلارنى چىقارغان.
        

    بۇ قارا ئۆڭكۈر يېنىدىكى بىر قەدەر كىچىك بولغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ 100مىليون ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ، چوڭ قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئوربىتادا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئايلىنىش دەۋرى 12 يىل ئىكەن. بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، كىچىك قارا ئۆڭكۈر چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىش جەريانىدا، چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى جىسىملاردا قىسلىپ سوقۇلۇش بولغان،ھەر قېتىم شۇنداق بولغاندا  OJ287 ناملىق يۇلتۇزسىمان جىسىملار تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىدىكەن. ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، قارا ئۆڭكۈر ھەركەت جەريانىدا ئۆزىمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ ھەركەتلىنىدىكەن، بۇ تارتىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان.  قۇياش بىلەن مېركورى ئارىسىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ، پەقەت مېركورى ئوربىتاسىنىڭ رولى ئانچە روشەن ئەمەس. OJ287 ناملىق يۇلتۇزسىمان جىسىملارغا نىسبەتەن، چوڭراق قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى غايەت زور بولغاچقا، كىچىكرەك قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئوربىتاسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 39 گىرادۇسلۇق قىيپاشلىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. كىچىك قارا ئۆڭكۈر چوڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى جىسىملارغا سوقۇلغاندا، قاينام شەكىللىك ھالەتتە ئۆزگىرىش بولغان.
     

    فىنلاندىيە تورلا ئاسترونومىيە ئورنىدىكى ماۋرى.ۋالتۇن باشچىلىقىدىكى ئاسترونومىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈر سوقۇلغاندا چىققان 12 قېتىملىق يورۇش ھادىسىسىنى خاتىرلىگەن ھەمدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئايلىنىش دەۋرىگە بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھەرىكەت چاستۇتىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، چوڭ قارا ئۆڭكۈر ماسسىسىنىڭ قۇياش ماسسىنىڭ 18 مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىققان.
         

    قارا ئۆڭكۈر زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ ئامېرىكا تېكساس شىتاتى ئۇنىۋېرسىتېدىكى كرېگ ۋېلىرنىڭ ئېتىشىچە، قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماددىلارنىڭ دائىرىسى، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى  ماددىلارنى يۇتۇش سۈرئىتىگە قاراپ بىكىتىلىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن، قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوڭ-كىچىكلىنىڭ يۇقىرى چېكى يوق.

    ۋالتون نىسبىيلىك نەزەريىسىگە ئاساسەن مۇنداق پەرەز قىلغان، بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈر 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى  سوقۇلغان ، ئەگەر ئوربېتا بىنورمال بولمىسىلا، كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە يەنە بىر قېتىم سوقۇلۇش بولىدۇ. ئۇ تەكىتلەپ ، كەلگۈسى10مىڭ يىل ئىچىدە بۇ ئىككى قارا ئۆڭكۈر بىرلىشىپ كېتىدۇ، دىگەن. ۋېلىر، قارا ئۆڭكۈردىكى يورۇش ھادىسىسى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدىكى قاراشلارغا ماس كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىزگە ئۇنىڭدا كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، دەپ قارىغان.

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:07:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.