[بوزقىر]يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-22 20:17:43

يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلاربوزقىر تەرجىمىسىبۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدار يازغۇچىلارنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ.ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلدار يازغۇچى دېگەنغۇ ئىتنىڭ تۈكىدەكلا تولا. ھەت...

    يازغۇچىلىق كوچىسىدىكى پارىخور ئەمەلدارلار

    بوزقىر تەرجىمىسى

     

     

    بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدار يازغۇچىلارنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ.ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلدار يازغۇچى دېگەنغۇ ئىتنىڭ تۈكىدەكلا تولا. ھەتتا ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار يازغۇچىدىنمۇ نەچچە ئونى بار.ئەشۇ ئەمەلدار يازغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئاۋال يازغۇچى بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل تۇتقان،يەنە بەزىلىرى ئاۋال مەنسەپ تاجىنى كىيىۋېلىپ ئاندىن يازغۇچى بولغان.يۈزەكى جەھەتتىن ئېيىتقاندا بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتەك بىلىنسىمۇ ئەمما ،ماھىيەت جەھەتتىن ئېيىتقاندا كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ.مەسىلەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئېلىپ ئېيىتساق ئاۋال يازغۇچى بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل تۇتقان يازغۇچىغا دەسلىپىدە بۇ ئىش ئاسانغا توختىمايدۇ.بۇنىڭدا پۈتۈنلەي قەلەمگىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدىغان گەپ.ۋەھالەنكى ، ئاۋال مەنسەپ تاجىنى كىيىۋېلىپ ئاندىن يازغۇچى بولغان ئەمەلدارلارغا بولسا دەل ئەكسىچە.

        يازغۇچى دېگەنلىك بىر خىل كەسپى ئاتالغۇ بولۇپ،يەنە ئۇنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ روھى ئىنژېنىرى»دېگەن چىرايلىق نامىمۇ بار.ئەمما ، بۈگۈنكى كۈندە ئايرىم ئەمەلدار يازغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى ناچار بولۇپلا قالماي روھى دۇنياسىمۇ پاسىقلىق بېلەن تولغاچقا ئۇلار يازغۇچىلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكتە.يېقىندا يازغۇچىلار جەمئىيىتى مۇشۇ تۈردىكى بەش نەپەر كىشىنى جەمئىيەتتىن قوغلاندى قىلغان.ھەتتا بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغاچقا جىنايى ئىشلار كېسىمى پىچىلغان.

    ئەمەلدار يازغۇچىلارغا نىسبەتەن كىتاب چىقىرىش،جەمئىيەتكە ئەزا بولۇش،ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش،مۇھەررىرلەرگە داستىرخان سېلىش،ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ مۇكاپات ئېلىۋېلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاسان قولغا كېلىدىغان ئىشلار ھېساپلىنىدۇ.ھەتتا بىر ئەمەلدار يازغۇچى ھۆكۈمەت پۇلى (خەلق تاپشۇرغان باج پۇلى)غا ئۈچ كىتاب نەشىر قىلىپ،ئىككى ئادەمنىڭ تونۇشتۇرىشى بېلەن ھېچقانچە كۈچىمەيلا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىلىقىغا ئايلىنىپ قالغان.شۇنىڭ بېلەن ئۇياق نام-ئەمەل كارتۇچكىسىغا «يازغۇچى»دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ يېزىپ، ئەمەلدارلىق سالاپىتىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇشقامۇيەسسەر بولالىغان.ئۇنىڭ تەلىيى تېخىمۇ ئوڭدىن كېلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا چىقارغان ئەشۇ كىتابلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىدارە –ئورۇنلارغا سېتىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقان.مانا بۇنى قوش ئامەت دېمەسلىككە كىمنىڭ ھەددى .

    يەنە خىزمەت ئالدىراشچىقى سەۋەبلىك يېزىقچىللىققا ۋاقىت ئاجرىتالمىسا ئادەم ياللىۋېلىپ ئەسەر يازدۇرىدىغان ياكى كاتىپلىرىغا ئەسەر يازدۇرىدىغان ئەمەلدار يازغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس.

          ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىماقتىكى،يازغۇچىلار ئەمەلدار بولۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئەمەلدارلاغا سېلىشتۇرغاندا شۇنداق ئەمەلدار يازغۇچىلار تېخىمۇ رەزىللىشىپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۇلغا تايىنىپ مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلمايدىغانلىرىدىن بىرىمۇ يوق.مەسىلەن سىرىتقى ئۆلكىلىك ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەمەلدار يازغۇچى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ سوراققا تارتىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قوغلانغانلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدۇق.بۇ يازغۇچىنىڭ خېلىلا قەلەم قۇۋىتى بولسىمۇ ئەمما،يەنە ئەشۇنداق سەت،پەسكەش قىلىقلارنى پەقەتلا تاشلىمىغان.ئۇ تاپشۇرغان مەسىلىلەردىن قارىغاندا، ئۇ ئاتايەن پۇل خەجلەپ بېيجىڭغا بېرىپ،مۇكاپات باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى بولىشىغا ياغلاپ ، بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى سېتىۋالغان.مانا بۇ ئەمەلدار يازغۇچىلاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر.

       يىغىپ ئېيىتقاندا ، ئەمەلدار يازغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلدار بولۇپ ھوقۇق تۇتۇش ئۇلارنىڭ تۈپ نىشانىدۇر.شۇڭا ئۇلار شۇ نىشانغا يەتكەن ھامان يازغۇچىلارغا خاس ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ۋىجدان-غۇرۇر دېگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سېپىگە بېشىچىلاپ كىرىپلا كېتىدۇ.

     

    (ئەسكەرتىش:سەل قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

     

    مەنبەسى:

     

    http://view.news.qq.com/a/20101026/000001.htm

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.