مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىشنى ئومۇميۈز

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-14 13:58:48

مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدۇياقۇپ ئاكا تەرجىمىسى شىنخۇا تورى بېيجىڭ 13 – ئۆكتەبر تېلېگراممىسى (مۇخبىر: سۇي شىياۋفى) مۇخبىرنىڭ 13- ئ...

    مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدۇ

     

    ياقۇپ ئاكا تەرجىمىسى

     

        شىنخۇا تورى بېيجىڭ 13 – ئۆكتەبر تېلېگراممىسى (مۇخبىر: سۇي شىياۋفى) مۇخبىرنىڭ 13- ئۆكتەبر بىر ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن خەۋەر تېپىشىچە: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «جازا ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ (قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى). مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.

       «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىبلىگەن دېلولارغا قارىتا جازا ئۆلچەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، قانۇن بويىچە قانۇنىي نازارەتچىلىك فۇنكىسىيىسىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بۇ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق، جازا ئۆلچەش كېسىملىرىنى نازارەت قىلىپ چەكلەشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئادىل جازا ئۆلچەشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى «ئىككى ئالىي مەھكىمە، 3 مىنىستىرلىق» نىڭ «جازا ئۆلچەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىرى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) » نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، جازا ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

       «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش – تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى خىزمىتى، تەپتىش ئورگانلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش ئىسلاھاتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىپلەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىدىيىسىنى يېڭىلاپ، جىنايەت بېكىتىش بىلەن جازا ئۆلچەشكە ئوخشاش ئېتىبار بېرىش، سۇبىستانيە ئادىللىقى بىلەن تەرتىپ ئادىللىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جىنايەتكە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دېلو بېجىرىشنىڭ ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىپلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش جەريانىدا تەپتىش ئورگانلىرى دېلونىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرىنى ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈشى كېرەك. جىنايەت بېكىتىشتىكى دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا جازا ئۆلچەشتىكى دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا ئۆلچەشتىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا جازا ئۆلچەشتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئېغىرلىتىپ جازا ئۆلچەش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا جازا ئۆلچەشتىكى يېنىك، يېنىكلىتىش، جازا كەچۈرۈم قىلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش تەرتىپى ۋە مۇنازىرە مۇھىم نۇقتىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىنايەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپى بەرگەن دېلولاردا ھۆكۈم، كېسىملەردە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ ھېسابلىسا، ئېتىراز بىلدۈرۈش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن بولسا، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك.

        «ئۇقتۇرۇش» مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، جازا ئۆلچەش تەكلىپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «خەلق تەپتىش مەھكىملىرىنىڭ جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى يېتەكچى پىكىرى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش كېرەك. جازا ئۆلچەش تەكلىپىنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەيىپلەنگەن دېلولاردا پەقەت جازا ئۆلچەشنى توغرا ئىگەللىگەندىلا تەپتىش مەھكىمىلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.