ئامېركا ئارمىيىسى ئۇرۇشتا ئەمەل قىلدىغان پىرىنسپلار

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-30 13:02:00

1.سەن خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس. 2.ئەگەر بىر ئەخمىقانە ئامال كارغا كېلىپ قالسا ئۇ ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ئامال ئەمەس. 3.بەك كۆزگە چېلىقىپ قالما،كۆزگە چېلىقىپ قالساڭ ،ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىسىەن (ئاۋى...

          1.سەن خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس.
    2.ئەگەر بىر ئەخمىقانە ئامال كارغا كېلىپ قالسا ئۇ ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ئامال ئەمەس.
    3.بەك كۆزگە چېلىقىپ قالما،كۆزگە چېلىقىپ قالساڭ ،ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىسىەن (ئاۋىماتكىنىڭ <<بومبا ماگىنىتى>>دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپمۇ شۇ يەردە)
    4.ئۆزۈڭدىن باتۇر ئەسكەر بىلەن بىر ئازگالغا يوشۇرۇنما .
    5.قولۇڭدىكى قورالنى ئەڭ تۆۋەن باھادا ياساشنى ھۆددىگە ئالغان سودىگەر ياساپ چىققانلىنى ئۇنتۇپ قالما.
    6.ئەگەر سەن قىلغان ھۇجۇم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولسا ،سەن چوقۇم توزاققا چۈشتۈڭ دېگەن گەپ.
    7.ھەر قانداق بىر پىلان دۈشمەنگە يولۇققاندىن كېيىن داۋاملىق ئىجرا قىلىنغان ئەمەس .
    5.8سېكىنتتا پارتلايدۇ دېگەن گىراناتلار 3سېكىننىتتا پارتلايدۇ.
    9.ھېچ قانداق ئىشقا ئالاقىسى يوق ئادەمدەك بولۇۋال،چۈنكى دۈشمەننىڭ ئوق- دورىسى يىتىشمەسلىكى مۇمكىن (شۇڭا ئۇ مۇھىم ئادەملەرگىلا توغىرلىنىدۇ).
    10.سېنىڭ دىققىتىڭنى تارتمىغان كىچىك ئەترەت ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق ھۇجۇمچى قوشۇن بولۇشى مۇمكىن.
    11.مۇھىم ئىش ھەمىشە ناھايىتى ئاددى بولىدۇ.
    12.ئاددى ئىشنى قىلىش ھەمىشە ناھايىتى تەس .
    13.تۈز يولغا ھەمىشە مىنا كۆمۈلگەن بولىىدۇ.
    14.ئەگەر سەن دۈشمەندىن باشقا ھېچ نېمە يوق دەپ قارىساڭ،ئۇنداقتا سەن چوقۇم دۈشمەن بىلەن ئېلىشۋاتقان بولىسەن.
    15.ئۇچۇپ كەلگەن ئوقنىڭ ئاۋۋال ئۆتۈش ھوقۇقى بار ،(ئۇنى توسساڭ سېنى نەس باسقىنى).
    16.ئەگەر دۈشمەن سېنىڭ نىشانغا ئېلىش دائىرەڭ ئىچىدە بولسا ،ئۆزۈڭنىڭمۇ دۈشمەننىڭ نىشانى ئىكەنلىكىڭنى ئۇنۇتما.
    17.ئۆلگەن دۈشمەننى ھېسابلاش ئۇسۇلى:ئىككى پارتىزانغا ئىككى مۈشۈك قوشۇلسا بۇ ئۇرۇشتا ،بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۆلگەن دۈشمەن جەمئىي 37.
    18.بىرلىكە ئىشلەتسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان ئۈسكۈنىلەر ھەمىشە بىرلىكتە يۆتكەپ كەلگىلى بولمايدۇ
    . 19.سىمسىز ئالاقە ھەمىشە ئوت كۈچى بىلەن ساڭا ياردەم قىلىش زۆزۈر بولغاندا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
    20.ئۆزۈڭ قىلغان ھەر قانداق ئىشنى ئوغلۇڭغا قىلغۇزۇشۇڭ مۇمكىن-ھېچنىمىنى قىلمىساڭمۇ ئوخشاش.
    21.دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا بىردىنبىر توغرا بولغىنى (ھەم سېنى ئۆلتۈردىغان)ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئوت كۈچى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق