قەلەندەر______ ئۇيغۇرغول

يوللىغۇچى : uyghurghol يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-14 12:16:00

قەلەندەر سەككىز ھەرىپتە پىغان چېكىدۇ تويغان كۈنى ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەكتىكىدە سەكسەن تال ياماق سامانلىقنى ماكان ئېتىدۇ. ھەر كوچىدا بىردىن ۋەتىنى، پىت چاقىدۇ يىرىك ئېتىنى. ئۇ پىتىنىڭ چېقىشلىرىدىن...

           قەلەندەر سەككىز ھەرىپتە پىغان چېكىدۇ تويغان كۈنى ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەكتىكىدە سەكسەن تال ياماق سامانلىقنى ماكان ئېتىدۇ. ھەر كوچىدا بىردىن ۋەتىنى، پىت چاقىدۇ يىرىك ئېتىنى. ئۇ پىتىنىڭ چېقىشلىرىدىن مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۆزىگە بىر تالاي ۋەدىلەر بېرىپ ئەركەكلىكنى قىلمايدۇ مەشىق. سوۋۇپ كەتكەن قېنىدا چايقىلىدۇ مەڭگۈلۈك ئىشىق. ئۇ قەلەندەر، ئەمەلدار ئەمەس، سالاھىيەتنى دەسسەپ ئۆتۈپ رىئاللىققا كىرىپ كېتىدۇ. ۋەتىنىنى ئۇنتۇپ ئاخىرى توغراقلاردەك قۇرۇپ كېتىدۇ. ئايالىمنىڭ <قەلەندەر>دەپ تىللاشلىرىدىن شاھ مەشرەپنى ئېسىمگە ئالدىم. يۇمشاق بېشىمدىن پەخىرلىنىمەن، قاتتىق تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىمەن. مەندە جەندە- كۇلا يوق، تەنلىرىمگە تېگەر غايىپ ئوق. قەلەندەرنىڭ قەلەندەرلىكى، قولىدىكى جۇل- جۇل كىملىكى. ئۇ جەڭگاھتا ئەمەس، دوقمۇشتا مەنسىتمەستىن دېرىكتورلارنى نەم ھاۋاغا يازار ئىسمىنى. ساقال قىرىش ساقال قىرىمەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تىغىمدا. ساقال قىرىش، دۈشمەن قىرىشتىن ئاسان. بوۋامنىڭ ساقىلى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى قىرىلغان ساقىلىمغا ئەگىشىپ، تېرەمدىن بەركەت قاچماقتا. تۈكمۇ بەزىدە پۇتلىشىدۇ، بېشىڭ ئامان بولسۇن، مەيدە تۈكۈڭگە كۆز تەگمىسۇن. تۈكلۈك ئەرلەر قۇرغان قەسىرلەر، ساقال قىرىپ ئۆتتى ئەسىرلەر. تۈك چۈشۈرۈش مەلھىمى كۆكسىنى چوڭايتىش دورىسى ئىشىكىمنى چېكەر توساتتىن. بىر باغ بىدىدەك ساقىلىم بىلەن رەستىلەرنى كېزىپ چىقىمەن، بالىلىرىم سانجىلغان ساقىلىمدىن مەۋجۇتلۇقۇمنى ھېس قىلىدۇ ئايالىم ساقىلىم بىلەن پەخىرلىنىدۇ. مەن مەردانە ئۇتتۇرغۇچىدەك ساقاللىرىمنى قىرىۋېتىمەن. بەلكىم مەن جاللات بولۇشقا كۆزى يەتمىگەن ئەڭ ئاخىرقى يۈرەكسىز جاللات. ساقال قىرىمەن ئەينەكتە ئاياندۇر ئايدەك چىرايىم. ئاۋازى ئىنچىكىرەپ كېتىۋاتقان كوسا كوچىلاردا ماڭىمەن دائىم، ھەر دوقمۇشتا قىيامەت قايىم. ساقالغا يېپىشقان بىر تال چۆپ كەبى تۇرمۇشقا يېپىشىۋالغان ئەرلەر ئارىسىدىكى ساقال قىرغۇچىمەن]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق