ئىككى دەۋر ئارىلىقىدىكى شائىر-نىم شېھىت

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-06 18:22:00

ئىككى دەۋر ئارىلىقىدىكى شائىر-نىم شېھىت ھېكمەت دەستۇرىنىڭ جۈملىسى جاھان، غاپىللىق، تەرسالىق، تارلىق، نادانلىق. كەڭ نەزەر قۇياشقا ھەتتا كەڭ ماكان، تار لەھەت ئىچىدە، نە شان، نە تارىخ. ئا.مۇھەممەتئ...

    ئىككى دەۋر ئارىلىقىدىكى شائىر-نىم شېھىت



    ھېكمەت دەستۇرىنىڭ جۈملىسى جاھان،
    غاپىللىق، تەرسالىق، تارلىق، نادانلىق.
    كەڭ نەزەر قۇياشقا ھەتتا كەڭ ماكان،
    تار لەھەت ئىچىدە، نە شان، نە تارىخ.

                                                                              ئا.مۇھەممەتئىمىن («يوللار»دىن)

       ئۇزۇن يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيتى ئارقىلىق يېڭى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ داڭلىق پىشىۋاسى، مەشھۇر شائىر، ژورنالىست ۋە جامائەت ئەربابى — نىمشېھىت ئارمىيە ئىلى سايرامى 1906-يىلى ئاقسۇ باي ناھىيىسى سايرام يېزىسى تېزەك قاغا مەھەللىسىدە، كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئارمىيە» (بۇ ئسىلام دىنى رىۋايەتلىرىدىكى بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرگۈچى دېگەن مەنىدە) بولۇپ، «نىمشېھىت» ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئېلاخۇن مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، ئوغلىنىڭ ئىلىم ئېلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى.
    نىمشېھىت ئۆسۈپ يېتىلگەن دەۋر جاھالەتنىڭ ئاسارىتىدىن، زالىملىقنىڭ كاساپىتىدىن، ئادالەتسىزلىكنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان، ھەق - ناھەق ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن زامانلار بولۇپ، ئەنە شۇ مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن نىمشېھىت كىچىكىدىنلا زۇلۇمغا، جاھالەتكە قارىشى، ئېسىيانكار خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ، روھىي كىشەنلەر ئاسارىتىدە پۇچىلانماي، ھۆرلۈكنىڭ تامغىسى — ئىلىمدىن ئىبارەت قالقاننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلدى.
    ئىلىم مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ، روھنى نۇرلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى — كىتاب دەپ بىلىدىغان نىمشېھىت 12 ياشقا كىرە كىرمەيلا پارس شائىرلىرىدىن پەرىدوددىن ئەتتارى، خوجا ھاپىز شىرازى؛ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن سوپى ئاللا يار، ئەلشىر نەۋائى، شاھ مەشرەپ، خوجا نەزەر ھۇۋەيدا قاتارلىقلارنىڭ شېئىرىي دىۋانلىرىنى ئوقۇيالايدىغان ھالەتكە يەتتى. 1922- يىلىدىن 1930- يىلىغىچە باي ۋە كۇچادىكى مەدرىسلەردە ئوقۇدى. مۇشۇ مەزگىللەردە خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يازغان «بازار ۋە مازار» ناملىق ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان، رەزىل ئىللەتلەرنى قامچىلايدىغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالدى . نىمشېھىت 1930- يىلىدىن كېيىن، قەشقەردىكى ئاتاقلىق «خانلىق مەدىرىسە» دە ئوقۇدى. ئۇ مۇشۇ مەزگىللەردە كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن نەۋائىي، سەككاكى، لۇتفى، زەلىلى، ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىقلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى زور قىزىقىش ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن ئۆگەندى.
    نىمشېھىتنىڭ قەشقەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىلى قەشقەردە ئېنگىلىز ۋە شېۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ جېڭ شۇرېن ھاكىمىيتىنىڭ چىرىكلىكىدىن پايدىلىنىپ، خىرىستىئان دىنىنىڭ «بۇفمانىزم» مەزھىپىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان مەزگىلى بولۇپ، گەرچە قەشقەردىكى ئالىملار، زىيالىلار بۇ ئىشتىن غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، چىش يېرىپ يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرغا چىقالمىغان ئەھۋالدا نىمشېھىت « خانلىق مەدىرىسە » تالىپلىرىنى تەشكىللەپ، جەڭگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى. شۇنىڭدىن كېيىن نىمشېھىتنى جامائەتچىلىك تونۇشقا باشلىدى. نىمشېھىت ئەنە شۇ مەزگىللەردە يازغان 100 بەتتىن كۆپرەك، شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى پاش قىلغان « مادارا ئەئزەم » (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن «ئەنۋارۇل ھۇدا» (ھىدايەت نۇرلىرى) ناملىق ئىشىق قەسىدىسى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 1933- يىلىغا كەلگەندە قەشقەردە جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى بولغان نىمشېھىت بوينىغا ئوق تېگىپ يارىدار بولدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ «نىمشېھىت» دېگەن ئىسىم ئەدەبىي تەخەللۇس بولۇپ. سىڭىپ قالغان نىمشېھىتنىڭ ئىجادىيەت سېپى زورىيىشقا باشلىدى ...
    ھاياتلىقنىڭ ئەگرى توقايلىقلىرى نەلەردىدۇر تاسقىغان، تاۋلىغان تالانتلىق ئەدىب نىمشېھىت 1935- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە ئاقسۇدا «ئاقسۇ ئۇچۇر گېزىتى» (ھازىرقى «ئاقسۇ گېزىتى») دە ئوت يۈرەك شائىرىمىز ل.مۇتەللىپ بىلەن بىللە ژورنالىست ھەم مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1945- يىلى بولسا ئىجادكار ئەدىب نىمشېھىت بىر قولىدا ئەلەمنى، بىر قولىدا قەلەمنى كۆتۈرۈپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەركىزى بولغان ئىلىغا كېلىپ ماكانلاشتى. ئۇ ئىلىغا كېلىپ مىللىي قوشۇن باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئىشلىدى. ھەم شۇ جەرياندا ئىلى، چۆچەك ئەتراپىدا قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق خەلق ئۇرۇشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن خام ماتېرىياللارنى توپلىدى ۋە رەتلەپ چىقتى. 1948- يىلى 1- ئاۋغۇست ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا، شائىر بۇ ئىتتىپاقنىڭ كېڭەش ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق ژورنىلى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. بۇ جەرياندا نىمشېھىت گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى، فېئودال خوجىلارنى پاش قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى ئازادلىق كۆرەشلىرىگە ئىلھاملاندۇرىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. ئازادلىقتىن كېيىن نىمشېھىتنىڭ ئىجادىيتى يېڭى تەرەققىياتقا قەدەم قويدى. ئۇ 1957- يىلى مايدا، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. ئۇ كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى، ھەقىقىي پىشقان كەسىپ ئەھلى، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغا ئاجايىپ ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن داڭلىق شائىر ئىدى. ئەپسۇس! بالايى - ئاپەتلىك يىللاردىكى قارا قوللارمۇ شائىرىمىزنى بوش قويمىدى. ئىلىم ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان ئېسىيانكار شائىرىمىز بولسا ئۇلارنىڭ زولۇم – ستەملىرىدىن ئېگىلىپ قالمىدى. ئۇ شۇ چاغدا يۈكسەك ماھارەت بىلەن «يۈسۈپ– زىلەيخا» ناملىق داستانىنى ۋە 12 مىڭ مىسرالىق «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» ناملىق رومانىنى يازىدۇ. بۇ ھەقتە شائىر 1968- يىلى 10- ئايدا يازغان «روبائىي ۋە پارچىلار »غا مۇنداق ئىزاھات بەرگەن:
         «مەن 1963- يىلىدىن باشلاپ ئاز- تولا روبائىي يېزىشقا كىرىشكەن ئىدىم. 1966- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق روبائىي يازغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى زايا بولۇپ كەتتى، ‹گۆر ئاغىزىدىن يانغاندا› ناملىق رومانىمنىڭ 3000 مىسراسىنى يېزىپ قولدىن چىقارغان بولساممۇ ...» دېگەن ئۈزۈندىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. دېمەك شائىرىمىز دەۋر تەلىپىگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، يازغانلىرى ئەلنى خوش قىلغان بىلەن ياتۋاشلارغا، زالىملارغا ئوغا بولغان. ئەنە شۇنداق ئۇر- چاپلارنىڭ قۇربانى بولۇپ، كۆپلىگەن دىشۋارچىلىقلارنى تارتقان، سۈرگۈنلەر دەستىدىن «ئۇف» دېگۈدەك مادارى قالمىغان شائىرىمىز 1972- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى 65 يېشىدا مىڭلىغان جۇڭگۇ زىيالىلىرىغا ئوخشاش شۇ دەۋردىكى خاتا سىياسەتنىڭ جازاسىغا ئېلىنىپ تارتىپ چىقىرىلدى، تۈرلۈك-تۈمەن قالپاقلار بىلەن ئەيىپلەندى، خارلاندى، قىينالدى ۋە ئاخىرى  زۇلمەتلىك زامان بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزى ئارمانلار بىلەن يۇمۇلدى. 1972- يىلى 3- ئايدا بولسا شائىرنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
         شائىرنىڭ ھاياتى تيانشان تېغىدىنمۇ قەدىرلىك ھايات ئىدى. ئىجتىھات بىلەن ئىلىم بەيگىلىرىدە مەغرۇرانە ئات چاپتۇرغان ئىلىم تەلەپكارىمىزنى كۆپلىگەن قەلەم ساھىبلىرى «43 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا شېئىر، باللادا، داستان، ئوپېرالارنى يازغان، ھەمدە ئەرەب، پارس ئەدەبىياتلىرىنى، لوگىكا، پەلسەپە، تارىخ پەنلىرىنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن» دەپ قەيت قىلىدۇ.
         ئۆزىنىڭ بارلىقىنى خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئاتىغان شائىرىمىزنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ تەھلىل قىلىش ئىمكانىيتىمىز بار.
    بىرىنچى باسقۇچ:
    1935- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» گېزىتىگە شائىرنى مۇھەررىرلىككە تەكلىپ قىلغاندىن تارتىپ، 1945- يىلىغىچە بولغان ئون يىللىق شانلىق ھايات مۇساپىسى. نىمشېھىتنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىجادىيتى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىلغار دېموكراتىك ئەدەبىياتقا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە يازغان ئەسەرلىرى خەلق ئازادلىقىغا، ھۆرلۈك ئېڭىغا بېغىشلانغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئىدى. ئۇ 1936- يىلى 2- ئايدا ئىلىم مەرىپەت تېمىسىنى ئاساس قىلىپ يازغان «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق شېئىرى كىشىلەرنى ئىلىم مەرىپەتكە ئۈندەيدىغان پەندى- نەسىھەت ۋە شۇئار خاراكتېرى كۈچلۈك شېئىرىنى ئادەتتىكى شېئىرلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. شائىر بۇ شېئىرىنى دەۋر يۈكلىگەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق نوقتىسىدىن چىقىپ، ئىلىم - مەرىپەتنىڭ مەڭگۈلۈك قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن ھەم ئۇ يۈكسەك بىر غايىنىڭ، ئىدىيىنىڭ بەدىئىي سەمەرىسى بولۇپ، ئىلىم مەرىپەتكە بولغان ئىنتىلىشتىن شائىر ۋۇجۇدىدا شەكىللەنگەن مەنىۋى جۇغلانمىنىڭ بىر قېتىملىق پارتلىشى ئىدى. بۇ شېئىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز جەلپكارلىقىنى يوقاتماسلىقىدىكى بىر سەۋەب:

    جاھان رەنالىرى ئىچىدە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق ،
    بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق .
    .....................................
    ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا ،
    قەيەرگە بارسا باش قاتماس بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق ...
    شائىر مانا بۇ ئۈزۈندىلەرنى دانىشمەنلەرچە يۈكسەك تەپەككۈر مۇھىتىدا تۇرۇپ يازغان. ئەلۋەتتە قەلبىدە خەلق ھېسسىياتىنى ئۆز ھېسسىياتى بىلەن بىرلەشتۈرمەك ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس. بۇ خىل روھ ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، ئۇ گويا ھايات- مامات دەقىقىلىرىدە چاقنىغان مۇقەددەس نۇردەك ئەبەدىيلىكىنى ھايات مىلودىيەسى قىلىدۇ.
    شائىرنىڭ 1942- يىلى يازغان «ئاخىرقى ئۇتۇق بىزنىڭ»، «يىغلىماڭ قىزىم»، «ئوقۇغىلى كەتكەن ئىنىمغا خەت» قاتارلىق شېئىرلىرى، «بارات ئەھمىدى»، «دېھقان ساۋۇت ئاكا»، «قارا باي» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەنە شۇ يىللارنىڭ خاتىرىسى ئىدى. شائىرنىڭ يەنە «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد- شېرىن» ناملىق داستانى گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. دراما ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئاساسىدا «لەيلى – مەجنۇن» ئوپىراسىنى يازدى. بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ سىياسىي ئىدىيۋىلىكى، بەدىئىيلىك جەھەتتە خېلى مۇكەممەل بولۇپ، خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە، جاھانگىرلارغا بولغان غەزەپ- نەپرىتىنى قوزغاشتا، ئۇلارنى ئىنقىلاپ غەلبىلىرىگە ئىشەنچ روھىدا تەربىيلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېتۈك ئەدىبىمىز قەلبى بىلەن رېئاللىقنىڭ ئۆز ئارا چېقىلىشىدىن يانغان ئىلھام ئۇچقۇنلىرىنى قاچۇرىۋەتمەي، ئۇنى سۆز دۇردانىلىرى بىلەن بېزەلگەن لىرىك مىسرالارغا ئايلاندۇردى. شۇنداقلا ئىجتىمائىي نامراتلىق، تۇرمۇش جاپاسى ۋە ھەر خىل ئىللەتلەرنى ئىلىمگە باغلىدى.
    ئىككىنچى باسقۇچ :
    1945     - يىل ئاخىرىدىن 1950- يىلىغىچە بولغان مەزگىل. بۇ شائىرنىڭ ھوسۇللۇق مەزگىلى ئىدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇنىڭ ئىجادىيتىدىكى ئىزچىل ۋە ئاساسلىق تېما. ئۇ مۇشۇ ئىجادىيەت باسقۇچىدا كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان «ئىلىمگە ئىلھام»، «ئاسارەتتە تۇرۇپ قالغانلارغا خىتاب»، « ئالدىدا »، « جىنايەتتىن شىكايەت »، « ۋەتەن مۇھەببىتى »، « سەپەردىكى يارىمغا» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى بەدىئىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئىپادىلىگەن.
          نىمشېھىتنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۈچۈن تۆھپە ھېسابلىنىدىغان مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى— شەرق ئەللىرىنىڭ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر پەرھاد- شېرىن تېمىسىغا مۇراجىئەت قىلىپ، يېڭىچە تەركىب ۋە ئىدىيۋى مەزمۇن بىلەن بېيىتىپ چىققان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد شېرىن» ناملىق داستانى. ئۇ دۇنياۋى ئورتاق تېمىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنى ئەدەبىيات تارىخىدا بۇ ھەقتە داستان يازغان «ئاخىرقى شائىر» دېيىشكە بولىدۇ. بۇ داستان 1478 مىسرا بولۇپ، 40- يىللاردا ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلدۇرغان. بۇ داستان «پەرھات »، « شېرىن »، «مىڭ ئۆينىڭ قېزىلىشى» دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ھەجىمى كىچىك بولسىمۇ، پەرھات بىلەن شېرىننىڭ ئىشىق - مۇھەببىتى، زۇلۇم- ستەملىك تەقدىرى ۋە مىڭ ئۆيلەرنىڭ ياسىلىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەقەلەرنى تولۇق بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ داستاننى يېزىش پەقەتلا ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەتلىك تارىخىنى تەسىۋىرلەش بولماستىن، بەلكى داستاننىڭ ئومۇمىي خاھىشى ۋە ئىجادىي مۇددىئاسى — بىرىنچىدىن، بۇ ئىككى پېرسوناژنىڭ مۇشۇ يۇرت بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچىدىن، قەدىمكى مەدەنىيەت سەنئىتىمىزنىڭ بىباھا خەزىنىسى بولغان قىزىل مىڭ ئۆينى پەرھات، جۈملىدىن ئەمگەكچان ئىجادكار خەلقىمىز ياسىغان دېگەنلەرنى لىرىك خىتاب دەلىللىرىدە ئىسپاتلىغان.
    ئەمدىلىكتە شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى ھەققىدە دەلىل كەلتۈرسەك، نىمشېھىت مول مەزمۇنلۇق شائىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شائىر. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجادىي ئۇتۇقلىرىدىن بىرى. نىمشېھىتنىڭ «شېئىرىيەت »، «شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «يەنخې» قاتارلىق ژورناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچە ئېلان قىلىندى. 1981- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى «نىمشېھىت شېئىرلىرىدىن تاللانما»نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدى .
    نىمشېھىت رېئالىزمچى شائىر بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ خىل مەنزىرىلىرى ۋە ھەقىقىي ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. يازغان ئەسەرلىرى رېئاللىق تۈسىگە ناھايتى باي. سوبيېكتىپ ھېسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغان، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تۇرمۇش رېئاللىقىنى، ئورتاق غەم- قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشنى ئۆزىنىڭ ئىجادىي مىزانى قىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نىمشېھىت ۋەتەنپەرۋەر شائىر، يېتۈك تىل ئۇستىسى. نېمشېھىت ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ شەكىللىنىشىگە، تەرەققىي قىلىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنى بىر- بىرىگە باغلاشتىمۇ زور ھەسسە قوشقان تالانتلىق ئەدىب ۋە داڭلىق شائىر.

    بەختنىڭ كۈيچىسى شاد قەلەمچىدىم،
    دۈشمەنگە سۆزلىرىم ئوق ئەلەمچىدىم.
    -قاچانغىچە كەسپىڭىز شۇ ؟ - دەپ سورىسا،
    جاۋابىغا :
    - ئۆمۈر بويى، – دېمەكچىدىم.

    مانا بۇ قەلەم بىلەن ئەلەم كۆرىشى قىلغان شائىرىمىزنىڭ ئۆمۈر ئىزلىرىنىڭ يالدامىسى .

    تۇتىيا دۇنيا مۇقەددەس توپا،
    ئاغرىغان يەرلەرگە بولىدۇ شىپا.
    ئۇلۇغلار ۋەتەننىڭ ھەر بىر تۇپرىقى،
    تۇتىيادىن مۇقەددەس كۆرىنەر ماڭا.

    مانا بۇ ئۆز مۇھەببىتىنى ۋەتەن مۇھەببىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن، ئىسىيانكار شائىرىمىزنىڭ بىزلەرگە قىلغان ئوتلۇق خىتابى.
    پايدىلانغان ماتېرىياللار :
    ئەرشىدىن تاتلىق: « نىمشېھىت ئەسەرلىرى »، 1995- يىلى نەشىرى.
    « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
    ئەرشىدىن تاتلىق تەرىپىدىن رەتلەنگەن: « يۈرەك سۆزى »، 1980- يىلى نەشىرى.
    «سادا» ژورنىلى 3- ساندىن ئېلىندى.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 8:11:56]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نىم شېھىت