مۇھەببەت چىرايدىن كەلمەيدۇ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-27 11:48:15

بىراق بۇ رەسىمدە پەقەت ئىككىلا ئادەم بولۇپ، كېلىنچەك كرانىي ۋە كۈيئوغۇل سېگىيرى. كرانىي توي كۆڭلىكى كىيگەن، قولىدا بىر دەستە قىپ-قىزىل ئەتىرگۈل كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ئىدى. ئەمما يېنىدىكى كۈيئوغۇلنىڭ چىرايى بولسا ئادەمنى قورقۇتاتتى. ئىششىپ شەك

    چىراي مۇھەببەتنى يارىتالمايدۇ

        يارىلانغان ئامېرىكا قۇرۇقلۇق -دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى ۋەتەنگە قايتىپ توي قىلدى - تېمىسىدىكى سۈرەت 50-نۆۋەتلىك دۇنيا سۈرەتلىك خەۋەرلەر پورترېت تۈرىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
       ئىراق ئۇرۇشى تۆت يىل داۋاملاشتى، 3700ئەسكەر ئۆلدى، 27مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر يارىلاندى...
       بىراق بۇ  رەسىمدە پەقەت ئىككىلا ئادەم بولۇپ، كېلىنچەك كرانىي ۋە كۈيئوغۇل سېگىيرى. كرانىي توي كۆڭلىكى كىيگەن، قولىدا بىر دەستە قىپ-قىزىل ئەتىرگۈل كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ئىدى. ئەمما يېنىدىكى كۈيئوغۇلنىڭ چىرايى بولسا ئادەمنى قورقۇتاتتى. ئىششىپ شەكلى ئۆزگەرگەن يۈزدىن بۇرۇن، قۇلاقنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى، ھەتتا چېچىمۇ يوق ئىدى.  سېگىيرى ئىراقتىكى ئۇرۇشتا يارىلانغان بولۇپ، بىر قېتىملىق چارلاشتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قولىدىن ئايرىلىپ قالغان، باش سۆڭىكى سۇنغان، كۆزىمۇ ئەما بولغان، كۆپ قىسىم تېرىسى كۆيگەن ئىدى. ئۇ يارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ داۋالىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ بەخىتسىزلىكىگە ئەڭ قايغۇرغىنى ئۇنىڭ قىز دوستى كرانىي بولدى. كرانىي ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىدە گەرچە ئاللىبۇرۇن ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قورققىنىدىن قوللىرى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالغان، ياشلىرى بولسا بارماقلىرى ئارىسىدىن ئاققان ئىدى. ئۆزىنى مەپتۇن قىلىۋالغان زېرەك، كېلىشكەن بىر يىگىت قانداق قىلىپ بۇ ھالەتكە كېلىپ قالغاندۇ؟  كرانىي بۇلارنى ئويلاپمۇ يېتەلمىدى. نۇرغۇن كىشىلەر كرانىينى بۇ شەپقەتسىز رىئاللىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ ئەمدى سېگىيرىنى تاشلاپ كېتىدۇ دېيىشتى. كرانىي شۇنداق قىلغان بولسىمۇ ھىچكىم ئۇنى ئەيىپلىمەيتتى، ياش چىرايلىق قىزچاقتا قانداقمۇ ھەر كۈنى كەمتۈك، ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان چىرايغا قاراپ يۈرەلەيدىغان جۈرئەت بولسۇن. لېكىن تېنچلىنىپ قالغان كرانىي سېگىيرىنىڭ يېنىدىن زادىلا ئايرىلمىدى. ئۇ كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، دوختۇرخانىدا سېگىرىيغا ھەمرا بولۇپ 19 قېتىملىق ئوپىراتسىيىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ھەر قېتىملىق ئوپىراتسىيىدىن ئىلگىرى، كرانىي ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
    -  سۆيۈملۈگۈم، غەيرەتلىك بولۇڭ، مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا، ھەتتا بۇندىن كېيىنمۇ بار،- دەيتتى.
      دوختۇرخانىدا ئۇلار تولىراق كەلگۈسى توغرىسىدا  مىسىرغا بېرىپ ئەلئېھرامنى كۆرۈش، جۇڭگوغا بېرىپ سەددىچىن سېپىلىغا چىقىش، تېكساس شىتاتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۇ يەردە ئوماق ھايۋانلارنى بېقىش، ئوتلاقتا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈش، بىر توپ بالىلىق بولۇپ، ھەممە بالىلارنى شۇنداق چىرايلىق ياسىۋېتىش ھەققىدە پاراڭلىشاتتى...
       بىر يىلدىن كېيىن، سېگىيرى دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇنىڭ چىرايىغا قاراشقا تاقەت قىلغىلى بولمايتتى، ئىششىپ شەكلى ئۆزگەرگەن يۈزدىن بۇرۇن، قۇلاقنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى، كۆز ئويمىنى ئولتۇرشۇپ كەتكەن ئىدى. كىشىلەر يەنىلا  كرانىينى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، بۇ بىر يىل ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىشىغا ياردەم بەردى. سېگىيرى دوختۇرخانىدىن چىقتى،  كرانىي قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ياخشىلىقنى قىلىپ بولدى، ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئۆزىگە مەنسۇپ بەختنى تاپسا بولىدۇ دەپ ئويلىدى. ئەمما كرانىي سېگىيرىغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى، قىز توي ئارقىلىق ئۆز مۇھەببىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى. بۇ بىر قېتىملىق ھەم يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان ھەم ھاياجانلاندۇرىدىغان توي بولدى. ياش ھەم چىرايلىق كېلىنچەكنىڭ چىرايىدا ئازراقمۇ كۈلكە يوق، ھەسرەتلىك ئىدى، ئەمما كۆزلىرىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇراتتى. كۈيئوغۇلنىڭ تويغا بولغان ئىنكاسىنى ئۇنىڭ چىرايىدىن كۆرىۋالغىلى بولمايتتى، پەقەت ئاۋايلىغىنىچە كېلىنچەككە ئەگىشىپ ماڭاتتى. ئۇ كىشىلەرگە گەرچە ئازاپتىن قىينىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياخشى بىر يار-يۆلەك تاپقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى. تويغا قاتناشقانلار ئارىسىدا ئامېرىكىلىق ئۇرۇشقا قارشى داڭلىق فوتوگراف نىنا بېرمانمۇ بار بولۇپ، ئۇ كرانىيدىن:
    -   سېگىيرى ئىلگىركىدەك كۈچلۈك، كېلىشكەن ئەمەس، كېيىنكى كۈنلەردە ھەر كۈنى ئەشۇ غەيرى چىرايغا قارايسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئازاپقا بەرداشلىق بېرىشىڭىز كېرەك، سىزدىكى بۇ جاسارەت قەيەردىن كەلگەن؟ ئەجىبا بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچىمۇ؟ -دەپ سورىدى.
      كرانىي قەتئىي ئىككىلەنمەستىن:
    - مەيلى كېلىشكەن ياكى سەت بولسۇن، چىراي مۇھەببەت پەيدا قىلالمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى قەلب. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بىر بىرىمىزگە بولغان ئادەم، چىراي بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ ئۆز ئارا مۇھەببەتلەشكەنلەرنى كەلگۈسىدىكى كۈلپەتلەرمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.
      ئۇنىڭ سۆزلىرى تويغا كەلگەن ھەر بىر مېھماننى تەسىرلەندۈردى، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ئالقىش ياڭراتتى. يۇقىرىقىلارنى دېيىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ چىرايىدا قەتئىيلىك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. نىنا بېرمان دەل مۇشۇ دەقىقىلەرنى رەسىمگە تارتىۋالدى.
      چىراي مۇھەببەتنى يارىتالمايدۇ، مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى قەلب. كرانىي ئۆز تويى ئارقىلىق كىشىلەرگە شۇنى بىلدۈردىكى: مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنى كېلىشكەن ۋە كۆرۈمسىزلىك، باي ۋە كەمبەغەللىك، مۇكەممەللىك ۋە كەمتۈكلۈك بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇنىڭ مەنبەسى قەلب. مەيلى كەلگۈسىدە باسىدىغان يول قانچىلىك ئەگرى-توقاي، قانچىلىك قىيىن بولسۇن، مۇھەببەتلەشكەن ئىككى يۈرەكنىڭ بىللە بولۇشىنى ھەرگىز توسۇپ قالالمايدۇ.

    مەنبە:   ھەۋەسكار تورىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.