«پېڭشۈنى قوشاققا قېتىش دېلوسى» ھەققىدە

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-02 16:28:14

 «پېڭشۈنى قوشاققا قېتىش دېلوسى» ھەققىدەئۇيغۇرچە تەرجىمە مۇھەررىدىن ئەسەرگە قوشۇمچە  گۈيجۈ ئۆلكىسى پېڭشۈ ناھىيەسىدىكى چىن جۇڭفېي ئېسىملىك بىر مەمۇر 2006 ـ يىلى 15 ـ ئاۋغۇستتا «چېنيۈەنچۈن. يېڭشۈ»...

     «پېڭشۈنى قوشاققا قېتىش دېلوسى» ھەققىدە
    ئۇيغۇرچە تەرجىمە مۇھەررىدىن ئەسەرگە قوشۇمچە

     گۈيجۈ ئۆلكىسى پېڭشۈ ناھىيەسىدىكى چىن جۇڭفېي ئېسىملىك بىر مەمۇر 2006 ـ يىلى 15 ـ ئاۋغۇستتا «چېنيۈەنچۈن. يېڭشۈ» دېگەن ماۋزۇدا بىر ھەجۋىي قوشاق يېزىپ، ئۇنى يانفۇندا دوست ـ بۇرادەرلىرىگە يوللاپ بەرگەنكەندۇق. قوشاقتا ئاشۇ ناھىيەدىكى بەزى رەھبەرلەرنىڭ قىلمىش ـ ئەتمىشلىرى كىنايە قىلىنغان بولغاچقا، ئۇ ، قۇلاقتىن ـ قۇلاققا يېتىپ ھەش ـ پەش دېگۈچە پۈتكۈل ناھىيەگە تاراپ كېتىپتۇ.

        قوشاقنىڭ «ئات چاپىدۇ دۇلدۇل كەبىي يىراقلارغا، ئۇلۇغ ئارمان مەدەت بولغاچ تۇياقلارغا» دېگەن ئىككى مىسراسىدىكى «马 » خېتى ناھىيەلىك پارتكوم سېكرېتارى ما پىڭ نىڭ فامىلىسىگە، «伟 » خېتى ھاكىم جۇ ۋېينىڭ ئىسمىغا كېلىدىغان خەتكە ئوخشاپ قالغاچقا، 31 ـ ئاۋغۇستتا ساقچىلار چىن جۇڭفېينىڭ ئىشخانىسىنى تۇيۇقسىز ئاختۇرۇپ، كومپيۇتېرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپتۇ ۋە يانغۇنىنى مۇسادىرە قىپتۇ. ئاندىن چىن جۇڭفېينى كويزىلاپ ئاپىرىپ، ج خ ئېدارىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە سولاپ قويۇپتۇ. ساقچىلار ئەتىسىدىن باشلاپ چىن جۇڭفېينى سوراق قىلىشقا كىرىشىپتۇ ۋە ئۆيىنى ئاختۇرۇپ كومپۇيوتېرىنى مۇسادىرە قىلىپ، QQ نۇمۇرىنى پېچەتلەپتۇ. بىراق چىن جۇڭفېي ساقچىلار ئارتماقچى بولغاق جىنايەتنى ھەرگىز بوينىغا ئالماپتۇ. ئەمما ج خ ئىدارىسى 1 ـ ئۆكتەبىر چىن جۇڭفېينى «تۆھمەت چاپلاش جىنايىتى» بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىپ، ناھىيەلىك سولاقخانىغا تاپشۇرۇپ، بېرىپتۇ. چىن جۇڭفېي سولاقتا ياتقان يىگىرمە نەچچە كۈندە ھەر كۈنى دېگۈدەك قوشاقتىكى ھەر بىر سۆزنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى ھەققىدە سوراق قىلىنىپتۇ. 24 ـ ئۆكتەبىر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چىن جۇڭفېينى «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىپ،ۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپتۇ. ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىن جۇڭفېيغا ئەدلىيەلىك تۆلەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن، تۆلەم ئەتىسىلا نەقلەشتۈرۈلۈپتۇ. بۇ ، ئېلىمىزدە ئەدلىيەلىك تۆلەم ئەڭ تېز نەقلەشتۈرۈلگەن دېلو ئىكەن. ئەمما، ناھىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە، ھەتتا تورلاردىمۇ بۇ توغرۇلۇق ھېچنىمە دېيەلمەيتۇ. مۇخبىرلار كوچىلاپ سورىغانىكەن، بەزىلەر: «بۇ دېلوغا ئۆلكە ئارىلاشقاچقا چىن جۇڭفېي گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلدى» دەپتۇ.

     

    شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2010-يىللىق 4-ساندىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىن جۇڭفېي