دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسىرى ---‹‹مىنىڭ ئۆيۈم››

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 11:54:32

دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسىرى-‹‹مىنىڭ ئۆيۈم›› مەشھۇر بىر رەسسام، كۆنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل نەرسىسىنى سىزىشنى ئويلاپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل نەرسە نېمە بۇلىشى...

     



    دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسىرى-‹‹مىنىڭ ئۆيۈم››

     

        مەشھۇر بىر رەسسام، كۆنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل نەرسىسىنى سىزىشنى ئويلاپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل نەرسە نېمە بۇلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە بىلىم توپلاش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر ساياھەتكە چىقتى.
     
     
        سەھرا كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ، بېلى پۈكۈلگەن ياشانغان بىر ئادەمنىڭ يول ياقىسىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى. يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە نېمە بۆلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سورىدى.
        چال ھېچ ئىككىلەنمەستىن: 
       «ئىمان!» دېدى.
        كىيىن، بىر گۈزەردىن ئۆتەۋېتىپ، توي ئۈچۈن توپلانغان خالايىق ئالدىدىن چىقىپ قالدى. خالايىق ئارىسىدىكى ياش كېلىنگە: 
        «سىزنىڭچە دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل نەرسىسى نېمە؟» دەپ سورىدى.
         كېلىن يىگىتنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ: 
        «ئەگەر دۇنيادا ئەڭ گۈزەل نەرسە بولسا، ئۇ -سۆيگۈ بۇلىشى مۇمكىن!» دېدى.
        رەسسام يولىنى داۋام ئەتتى. بىر چوڭ كوچىدىن ئۆتەۋېتىپ، ئۇرۇشتىن قايتىۋاتقان ھارغىن بىر ئەسكەرگە دۇچ كەلدى. يۇقىرىقى سوئالنى ئۇنىڭدىن سورىدى. ئەسكەر:
           «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە بۇ تىنچلىقتۇر» دەپ جاۋاب بەردى.
        رەسسام دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەر ئىمان، سۆيگۈ، ۋە تىنچلىق بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر رەسىمدە قانداق ئىپادىلەيمەن دەپ ئويلا – ئويلا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
        ئۆيىنىڭ ئېشىكىدىن ئۆيىگە كىرىشى بىلەنلا دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسى داۋاملىق كۆز ئالدىدا تۇرغىنىنى چۈشىنىپ يەتتى. بالىلىرىنىڭ مەسۇم قاراشلىرىدا ئىمان، ئايالىنىڭ كۆزلىرىدە سۆيگۈ، ئۆيىدە بولسا تىنچلىق ھۆكۈم سۆرەر ئىدى.
       بۇلاردىن ئالغان ئىلھامى بىلەن رەسسام دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل نەرسىسىنى سىزىشقا كىرىشتى. ۋە رەسىم پۈتۈشى بىلەن، ئەسەرگە شۇنداق ئىسىم بەردى: «مېنىڭ ئۆيۈم».
     
    مەنبە:ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى-www.waywuy.comدىن
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.