ئۆز پۇقرالىرىمىزنى قەدىرلەيلى

يوللىغۇچى : kumluk998 يوللىغان ۋاقىت : 2013-12-06 22:40:37

ئۆزىمىزنىڭ پۇرالىرىنى ھۆرمەتلەيلىئاپتورى: جاڭ شىن ياڭتەرجىمان: قۇملۇقبىزدە شۇنداق بىر سىزىم بار، ئو بولسىمۇ ئۆز دۆلىتىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ پۇقرالىرى ھامان چەتئەللىكلەردەك مۇئامىلە ۋەئىززەتكە ئېرىشەلمەيدۇ....

    ئۆزىمىزنىڭ پۇرالىرىنى ھۆرمەتلەيلى
    ئاپتورى: جاڭ شىن ياڭ
    تەرجىمان: قۇملۇق 

    بىزدە شۇنداق بىر سىزىم بار، ئو بولسىمۇ ئۆز دۆلىتىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ پۇقرالىرى ھامان چەتئەللىكلەردەك مۇئامىلە ۋە
    ئىززەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. مەسىلەن بىيجىڭدا خان سارىيىدا مەخسۇس «چەتئەللىكەر كىرىش ئېغىزى» تەسىس قىلىنغان. ھەتتاكى مەلۇم شەھەردىكى بىر مىھمانسارايدا چەتئەللىكەر ئۈچۈن مەخسۇس ھاجەتخانا ئىچىلغان. چەتئەللىكلەر جۇڭگودا ساياھەت قىلىپ خەتەرگە يولۇقسا ھامان ئەڭ ئىلغار قاتناش ۋاستىسىسى بىلەن ئەڭ ئىلغار داۋالاش گورۇپپىسى قۇتقۇزۇشقا بارىدۇ، بىراق دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرى بۇ بەخىتكە نائىل بولالمايدۇ. دۆلەت ئىچىدە ماشىنا ئۆرۈلۈپ كىتىش، كىمە چۆكۈپ كىتىش، كەلكۈن، يەر تەۋرەش بولسا قازا قىلغۇچىلارغا ئاشكارا تەزىبە بىلدۈگەننى ئىنتايىن ئاز ئۇچرىتىمىز، بىراق چەتئەللەردە پويىز رىلىستىن چىقىپ كەتكەن، كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بىر قانچە ئون ئادەم ئۆلگەن بولسا تىلگىرامما ئەۋەتىپ ھال سورايمىز، تەزىيە بىلدۈرىمىز.
    بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگولۇقلارنى ياراتمايدىغانلىقىغا ئەجەپلەنمەي تۇرالمايمىز، بىراق چەتئەللىكلەر ئۇنداق ئەمەس، ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى ئەڭ ئەۋزەل مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدۇ. ئامىرىكىدا پورىتتىن كىرگەندە ئامىرىكىلىقلار ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدۇ، باشقىلار كەينىدە ساقلايدۇ. ياپونىيەمۇ ھەم شۇنداق، پورتتا ياپونىيە پۇقرالىرى كىرىپ چىقىدىغان 70-80 ئېغىز بار، بىراق چەتئەللىكەلەرگە پەقەت بىرى ئوچۇق، سىز بەك قىستاڭ ئىكەن دەپ ئاغرىنسىڭىز ئۇنداقتا ياپونىيەلىكلەر مىڭىپ بولغاندا تاختاي ئالماشتۇرغاندا ئۆتسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. مەيلى زۇڭتوڭ ياكى خىزمەتچى بولسۇن، مەيلى ھەربى ياكى ئىشسىز بولسۇن، ئۇلار ياراتقان بايلىق مەزكۇر دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ھەقىقى بۇ دۆلەتنىڭ ھەقىقى ۋەسىيسىدۇر. سىلىشتۇرىدىغان بولساق بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ يەپ-ئىچىش، يۈرۈش-تۇرشىمىزنى خۇددى چەتئەللىكلەر بىكارغا بېرىپ بىزنى بەھرىمان قىلىدىغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا بىز چەتئەللىكەرنى بەك ئارزۇلىساق كېرەك.
    گۇاڭشىدا ئامىرىكلىقنىڭ جەسىتى ئون نەچچە يىل كۆمۈلۈپ قالغاندىن كىيىن جۇڭگولۇق دىھقانلار ئىزدەپ تاپتى، جەسەت ساندۇقىغا سىلىنىپ ئامىرىكىغا قايتۇرۇلدى، دەبدەبلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى، ئامىرىكىلىقلار قانداقمۇ پەخىرلەنمەي تۇرالىسۇن؟ ئەكسىچە جەسەتنى تاپقان جۇڭڭولۇق دىھقان ئىزدەش جەريانىدا يىقىلىپ سۆڭىكى زەخمىلەنگەنلىكى ئۈچۈن 200 يۈەن بېرىپ ئۆيىگە قايتۇرۋىتىلدى، بىر ياپونىيەلىك ئېمىشيەن تىغىدا ئويناۋاتقاندا سۆڭىكى زەخمىلەنگەندە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قۇتقۇزۇلدى، بىراق ياپونىيەدە بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ياتىقىدا ئۆلۈپ قىلىپ 7 كۈندىن كىيىن بايقالغان. ياپونىيە گومىن ۋو ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ بىر ئائىلە ئەر-خوتۇن دوكتۇرلار ۋە بالىسى ئۇقۇشماستىن زەھەرلىك موگو يەپ ئۆلۈپ كەتكەندە دادىسى گومىن ۋو دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبولاتورىيەسىدە 12 سائەت ساقلىغان بولسىمۇ بىراق بىرەر ياپونىيەلىك پىرافىسور كىلىپ دىئاگنوز قويمىغان. بىراق بىز نىمىشقا بۇنچە دوستانە بولۇپ كىتىمىز، بىز شۇنچە مەرتمۇ ؟ ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەر قەدىرلىكتۈر، ئۆزىنى پەسلەشتۈرگەنلەر پەستۇر. سىز ئاۋال ئۆزىڭىزنى قەدىرلىسڭىز باشقىلارمۇ ھەم سىزنى نەزىرىگە ئالىدۇ، بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئامىرىكىلىق بىر ياش سىنگاپوردا قامچا جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندا مىنىڭچە ئىككى ئىش ئادەمنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئامىرىكا پىرىزدىنتى ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن سىنگاپور پىسەنىت قىلماستىن بۇ ياشنى قامچىلىدى، چۈنكى بۇ ئىش دۆلەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە چىتىلىدۇ، قامچىلانغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار بۇ دۆلەتكە نەزىرىنى سالدى، قامچىلانمىغان بولسا باشقىلار ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان بولاتتى. »
    ئەنگىلىيە نىفىت شىركىتى نىفىت تۇربىسى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغاندا بۇ نىفىت تۇربىسى بىر موماينىڭ داچىسىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلگەندە بۇ موماي قوشۇلمىغان، دۆلەت پۇقرالىرنىڭ مەنپەئەتىگە تاجاۋۇز قىلسا قانداق بولىدۇ، شەخىسنىڭ مەنپەئەتى بولمىسا مىللەتنىڭ مەنپەئەتى نەدىن كىلىدۇ، ئاخىرى دۆلەت ئۇتتۇرۇپ بۇ نىفىت تۇربىسى باشقا يولدىن ئايلىنىپ ماڭىدىغان بولدى.
    دۆلەت خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ دۆلەت مەۋجۈت بولسا ئاندىن خەلق مەۋجۈت بولمايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق دۆلەت خەلىقنى ھۆرمەت قىلمىسا بولامدۇ؟ بىر مىللى روھ ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ خەلىققە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ھازىرقى مەدەنىيلىك شۇنداق قارايدۇ : « دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى خەلىقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش، جىسمانى ئەركىنلىكىنى ۋە دۆلەتنىڭ، خۇسۇسىنىڭ مۈلۈكىنى قوغداش، ھەر قانداق زوراۋانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇشتۇر، بۇ مىزاندىن ھالقىپ كەتكەن ھەر قانداق ھۆكۈمەت ھەركىتى جىنايەتتۇر .
    فىليەتونلاردىن تاللانما ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 9-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فىليەتون تەرجىمە