يۈز يىل تىڭىرقاش: دېموكراتىيە ۋە ساپا

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-04 15:42:57

يۈز يىل تىڭىرقاش: دېموكراتىيە ۋە ساپا دېموكراتىيە جۇڭگوغا ياراشمايدۇ ياكى جۇڭگو دېموكراتىيەگە ياراشمايدۇ، دېگۈچىلەر ۋە ياكى «دېموكراتىيەمۇ ئاستا-ئاستا» دېگۈچىلەر ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ...



    يۈز يىل تىڭىرقاش: دېموكراتىيە ۋە ساپا
     

    دېموكراتىيە جۇڭگوغا ياراشمايدۇ ياكى جۇڭگو دېموكراتىيەگە ياراشمايدۇ، دېگۈچىلەر ۋە ياكى «دېموكراتىيەمۇ ئاستا-ئاستا» دېگۈچىلەر ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر قانچە دەستەك بار، مەسىلەن، غەرب بىلەن شەرق مەدەنىيىتىدىكى پەرق، دۆلەتنىڭ چوڭلۇقى، ئاۋامنىڭ نامراتلىقى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقى، پۇقرالار ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى دېگەندەك.
    بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامىنى « پۇقرالار ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى» بولۇپ، 100 نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگونى قىيناپ كەلدى.
    «دېموكراتىيە ۋە ساپا» ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ئاز ئەمەس، قىلغىدەك يېڭى گەپمۇ يوق. لېكىن، پايتەختكە بېرىپ تۈزۈلمە ئىچى-سىرتىدىكى مەشھۇرلار-ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، يەنە ئازراق گەپ قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم.
    بىرىنچى، دېموكراتىك دۆلەتتە پۇقرالار ساپاسى بىلەن دېموكراتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى. ھەرقانچە ياخشى تۈزۈلمىمۇ بىر توپ قارا قورساقلارغا زورلاپ تېڭىلسا، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى نامايان بولۇشى ناتايىن. دېمەك، دېموكراتىك دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ ساپاسى شۇ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر دېموكراتىك دۆلەتلەردىن بولۇپ قالدى، لېكىن، ئۇلاردىكى دېموكراتىيە ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدە
    ئۆزىنى كۆرسەتتى. يېڭىدىن گۈللەنگەن دېموكراتىك ئەللەرنىڭ تۈزۈلمىسىدە بەزى كەم تەرەپلەر بولغاندىن سرت، پەرقنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب پۇقرالارنىڭ ساپاسىدىن ئىبارەت. روسىيەدە ۋە ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەردە دېموكراتىيە جەھەتتە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، بۇمۇ پۇقرالار ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئىككىنچى، بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساپاسى ۋە شۇ دۆلەتكە دېموكراتىيە كېرەك بولۇش-بولماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتى. يۇقۇرىدا
    دېموكراتىك دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ ساپاسى شۇ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتۈق. ئۇنداقتا، دېموكراتىيە بولمىغان دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ ساپاسى بىلەن دېموكراتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئىككى مەسىلە ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ. «ساپا بەلگىلەش تەرەپدارلىرى» بىرىنچى مەسىلىنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن «ساپاسىز پۇقرالارغا دېموكراتىيە ياراشمايدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقان. كۆپ ئادەملەر بۇ مەنتىقىدىكى چاتاقنى بىلەلمەي قالغان.

    گەپنى يىغقاندا، پۇقرالار ساپاسىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ، يۇقۇرى ساپالىق پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە بولمىغان دۆلەتنى دېموكراتىيەگە يېتەكلەيدىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ، «دېموكراتىيەنىڭ يۇقۇرى ساپالىق پۇقرالارغا مۇھتاج»لىقى ھەقىقەتكە يېقىن كېلىدۇ. لېكىن، مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇ يەردىكى، پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ساپاسى قانداق يېتىلدۈرىلىدۇ؟ دېموكراتىك دۆلەتتە يېتىلەمدۇ ياكى دېموكراتىيە بولمىغان دۆلەتتە يېتىلەمدۇ؟

    «ساپا بەلگىلەش تەرەپدارلىرى»نىڭ مەپكۇرىسى بويىچە بولغاندا، پۇقرالارنىڭ ساپاسى مۇئەييەن سەۋىيەگە يەتمىسە، دېموكراتىيەنى يولغا قويۇشقا بولمايمىش، دېموكراتىيە يولغا قويۇلسىلا مالىمانچىلىق چىقارمىش، پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشقا ساپاسى يەتمەسمىش. پۇقرالارنىڭ ساپاسى ياۋرۇپا-ئامېرىكىلىقلارنىڭ سەۋىيىسىگە يەتسە ياكى ھېچ بولمىغاندا رۇسلار ۋە ھىندىلارنىڭ سەۋىيىسىدىن ئاشسا، دېموكراتىيە ئاندىن بىزگە يارىشارمىش، دېموكراتىيە ئاندىن دېموكراتىيەدەك بولارمىش. ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر رېئاللىققا سەل قارىغانلىقى ئېنىق: مۇكەممەل بولمىغان «ناچار دېموكراتىيە» دېموكراتىيە يارىشىدىغان ساپالىق پۇقرالارنى يېتىشتۈرەمدۇ ياكى دېموكراتىيە بولمىغان مۇكەممەل تۈزۈلمە (مەسىلەن، ئىستىبدات-مۇستەبىت ھاكىمىيەت) دېموكراتىيە يارىشىدىغان پۇقرالارنى يېتىشتۈرەمدۇ؟
    «ساپا بەلگىلەش تەرەپدارلىرى» مۇنۇ ئىككى سۇئالغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭلار: 230 يىل بۇرۇنقى ئامېرىكا كۆچمەنلىرىنىڭ ساپاسى ۋە يۈز يىل ئىلگىرى ئاۋسترالىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان ئەنگىلىيەلىك جىنايەتكارلارنىڭ ساپاسى ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭكىدىن يۇقۇرىمىدى؟ جۇڭگونىڭ ھازىرقى پۇقرالىرىنىڭ ساپاسى 1945-يىلدىكىدىن، ھەتتا يۈز يىل ئاۋالقىدىن قانچىلىك ئۆسكەندۇ؟
    ئۈچىنچى، ھەرقانداق ماكان ۋە زاماندا، بولۇپمۇ تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساپاسى شۇ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتۈش-ئۆتمەسلىكىنى بەلگىلەپلا قالماي، دېموكراتىيىگە ئۆتكەندىن كېيىنكى سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى سەۋەب قىلىپ دېموكراتىيەنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى توسۇشقا مۇتلەق بولمايدۇ، چۈنكى، دۇنيادىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇمكى، دېموكراتىك دۆلەت- ئۇ ئىنتايىن مۇكەممەل بولمىغان دېموكراتىك دۆلەت بولغان تەقدىردىمۇ—پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى يېتىلدۈرىدىغان بۆشۈكتۇر. دېموكراتىيە بولمىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ دېموكراتىيەگە قارشى دۆلەتلەرنىڭ يەنە بەش مىڭ يىلدىمۇ دېموكراتىيە ساپاسىغا ئىگە پۇقرالارنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.
    بۇ نوقتىنى بىلىپ يېتەلمىسەك، ئۈمىتسىزلىنىمىز، ئەسەبىيلىشىمىز. «دېموكراتىيە ۋە ساپا» جۇڭگونى قىيناۋاتقىلى يۈز يىلدىن ئاشتى. كاڭ يوۋېيدىن لياڭ چىچاۋغىچە، سۈن جوڭشەندىن خۇشىغىچە ھېچقايسىسى بۇنداق خاتا تونۇشتىن تولۇق ساقلانغان ئەمەس. جۇڭگولۇق زىيالىيلار
    بەك چوڭ بىلىدىغان خۇشىمۇ تۈزۈلمە ۋە ساپا جەھەتتە «ئۇزۇن مەزگىل ئادەم تەربىيەلەش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ئاقساقالمۇ ئامېرىكىغا بېرىپ «تەربىيەلىنىپ» كەلگەن. بۇنداق تەربىيەلەشكە توغرا كەلسە، بىرەر مىڭ يىلمۇ ئازلىق قىلىشى مۇمكىن. خۇشى ئەمەلىيەتچىلراق بولغان بولسا، ئۇ چاغلاردا ئامېرىكىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان جۇڭگولۇقلار ۋە باشقا ئىرقتىكىلەرنى كەمسىتىشنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىغا زىت ئىكەنلىگىنى بىلگەن بولاتتى. تارىخ بىلىملىرىگە پىششىق بولغان خۇشى يەنە ئامېرىكىدا دېموكراتىك تۈزۈلمە ئورنىتىلغان دەسلەپكى چاغلاردا پۇقرالارنىڭ كۆپ قىسمى—ئاياللار، يالاڭتۆش ئاق تەنلىكلەر، ئىندىئانلار، نېگىرلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، ھەرقانداق دېموكراتىك ھەركەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، نېگىرلارنىڭ قۇل ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلەتتى. دېموكراتىك تۈزۈلمە بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن ئاۋام پۇقرانىڭ ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تېز ئۆستۈرگەن.
    روسىيەنى ۋە ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن دېموكراتىك دۆلەت(رايون)لارنى مىسالغا ئالساق، شۇ دۆلەتلەردە ئازراق مەسىلە چىقىپ قالسا، بەزى جۇڭگولۇقلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، «ساپا تەلىماتى»نى كۆتۈرۈپ چىقىشىدۇ. ئۇلار بىلمەيدۇكى، ئاۋام-پۇقرانىڭ دېموكراتىيە ساپاسى دېموكراتىك تۈزۈلمىنىڭ بارا-بارا مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ ئۆسۈپ بارىدۇ. بىر چېن شۈيبيەن خىيانەتچىلىك قىلىپ موللاق ئاتسا، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەن پۇقرالىرى ئويغىنىپ قەددىنى رۇسلايدۇ. ئەگەر روسىيە ھازىرغا قەدەر يەنىلا «سوۋېت ئىتتىپاقى» بولۇپ تۇرغان بولسا، روسىيەلىكلەرنىڭ دېموكراتىيە ساپاسى ھازىرقىدىن ئۆسۈپ كېتەرمىدى؟ شىمالىي چاۋشيەن، كۇبا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر دېموكراتىيە ساپاسىغا ئىگە پۇقرانى قاچانمۇ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقار؟ ئۇلار ئۆزىنىڭ گۆركارلىرىنى «تەربىيەلەپ» چىقارمۇ؟
    دېموكراتىك تۈزۈلمە پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى مۇھىتتۇر. بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردە دېموكراتىك تۈزۈلمە بەرپا قىلىنغان دەسلەپكى چاغلاردا بەزى مالىمانچىلىقلار بولغان. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ «رەزگىسى» دەل ئامېرىكا بولۇپ، دېموكراتىك دۆلەت قۇرغاندا، پۇقرالارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى قۇللارمۇ بار بولغان. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شۇ قۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەلباشى(پرېزىدېنت) بولدى. شۇنى سوراپ باقايلى: ئامېرىكىدا ئاۋال ئىناقلىق بولغان مۇستەبىت تۈزۈلمىنى يولغا قويۇپ، «نېگىرلار، ئاياللار، يالاڭتۆشلەر»نىڭ ساپاسى ئۆسكەندە ئاندىن دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش مۇمكىنمۇ؟
    تۆتىنچى، تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، دېموكراتىك دۆلەت دېموكراتىيە ساپاسىنى يېتىلدۈرىدىغان ماكان. بۇ دېگەنلىك، مۇستەبىت دۆلەتلەردىن دېموكراتىيە ساپاسىغا ئىگە پۇقرالار چىقمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، دېموكراتىيە بولماسلىقتىن دېموكراتىيەگە ئۆتۈشتە پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە پۇقرالار ساپاسى ئىنتايىن مۇھىم.
    شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، دېموكراتىيە ساپاسىغا ئىگە پۇقرالارنى مۇستەبىت تۈزۈلمە يېتىشتۈرگەن بولماستىن، بەلكى، ئىستىبدات-مۇستەبىتلىككە قارشى كۈرەش جەريانىدا يېتىلگەندۇر. ئاۋام-پۇقرانىڭ ئارىسىدىكى ئويغاق ئادەملەر، مۇستەبىتلەر توپى ئىچىدىكى ئادىمىيلىكىنى يوقاتمىغانلار دېموكراتىك تۈزۈلمە بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
    شۇ سەۋەبتىن، «توخۇ ۋە تۇخۇم»دىن ئىبارەت قارشىلىق مەپكۇرىسىگە دۇچ كەلدۇق. دېموكراتىيە بىلەن ساپانىڭ مۇناسىۋىتىگە قارايدىغان بولساق، دېموكراتىك جەمئىيەت بولمىسا، شۇنچە كۆپ دېموكراتىيە ساپاسىغا ئىگە ئادەملەر قەيەردىن كېلىدۇ؟ دېموكراتىيە ساپاسىغا ئىگە ئادەملەر بولمىسا، دېموكراتىك جەمئىيەتنى قانداق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ توخۇ بىلەن تۇخۇمنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ. توخۇ بولمىسا، تۇخۇم نەدىن كەلگەن؟ تۇخۇم بولمىسا، توخۇ نەدىن كەلگەن؟
    مانا شۇ مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغانلىقتىن، «دېموكراتىيە بىلەن ساپا»نىڭ مۇناسىۋىتىنى سۆزلىگەندە نۇرغۇن ئادەملەر كەلسە-كەلمەس جۆيلىگەن.
    بۇنداق ئەھۋالدا، دېموكراتىيە بولمىغان مۇھىتتا پۇقرالار جەمئىيىتى بەرپا قىلىشنى نىيەت قىلغان ياشلار گاڭگىراپ قالدى، خاتا تونۇشقا كېلىپ قالدى، قىيىنچىلىق بەك زوركەن، ئاۋام چۈشەنمەيدىكەن، گېپىمىزنى ئاڭلىمايدىكەن، دەپ ئاغرىندى، بەزىلىرى ھەتتا ھۆكۈمرانلار دەۋاتقان «پۇقرانىڭ ساپاسى تۆۋەن» دېگەننى ئۆزلىرىنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇلار يولۇقىۋاتقان مەسىلىلەر بۈگۈنلا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، جۇڭگونىڭ دېموكراتىك پىشۋالىرىدىن كاڭ يوۋېي، لياڭ چىچاۋ قاتارلىقلارمۇ شۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققان، ئۇلار دېموكراتىيەگە ئىنتىلىپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندە ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەھشىي ياۋۇزلۇقى ۋە سەرخىللارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ئۇنتۇپ، ئاجىز پۇقرانىڭ «ساپا تەلىماتى» بىلەن بەنت بولۇپ، جۇڭگونى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى پۇقرالارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولغانلىقىغا ئارتىپ قويۇپ، ئاۋال ئادەم تەربىيەلەش، ئاندىن تۈزۈلمە بەرپا قىلىش كېرەككەن، دەپ قاراشقان.
    ئۇنداقتا، يۈز يىلدىن بۇيان بىزنى قىيناپ كەلگەن «دېموكراتىيە ۋە ساپا»دىن ئىبارەت توخۇ-تۇخۇم مەپكۇرىسىدىن قانداق قۇتۇلىمىز؟ مېنىڭچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى ئۆستۈرىشىمىز، دېموكراتىيەنىڭ نېمىلىگىنى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق تونۇشىمىز زۆرۈر. پۇقرالارنىڭ ساپاسى تۆۋەن دەپ ئاغرىنىدىغان دوستلارنىڭ دېموكراتىيىنى چۈشىنىشىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بايقىدىم. دېموكراتىيە بولمىغان مۇھىتتا دېموكراتىيىگە ئىنتىلىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە خەتىرىگە سەل قارىغاندا، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋالىدىغان، ھەتتا ئاشقۇنلۇق قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۈبھىسىزكى، لياڭ چىچاۋ جۇڭگونىڭ دېموكراتىيە ئاقارتقۇچىسى، لېكىن، ئۇمۇ دېموكراتىك تۈزۈلمىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەن، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ، ئىدىيىسى مۇتەئەسسىپلىككە ئۆتۈپ قالغان. يۈز يىل ئىلگىرى ئۇرۇشنىڭ دەردىنى تارتقان ياۋرۇپا ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوخشاشلا ۋەيرانە ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىككى خىل تۈزۈلمىنىڭ ئىككى زىمىندا ئوخشىمايدىغان مېۋە بېرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
    بىز لياڭ چىچاۋدىن تەلەيلىك، چۈنكى، بىز ئۆتمۈشنى بىلدۇق، بۈگۈننى كۆردۇق. لېكىن، كەلگۈسىنى يارىتالامدۇق؟ كەلگۈسى بىزدىن باشلىنىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلىنىدۇ. دېموكراتىيە ساپاسىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بىر پۇقرا بولۇشقا تىرىشساقلا، پۇقرالار جەمئىيىتى پەيدىن-پەي بارلىققا كېلىدۇ، دېموكراتىيەگىمۇ يېقىنلاپ قالىمىز......

    مەنبە: سىنا تورى

    ئاپتور: ياڭ خېڭجۈن

    تەرجىمىدە: ئابلاجان تۇردى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.