ئورفات جەۋھەرلىرىدىن

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-20 23:05:00

*****تۇرمۇش*****ئورفات (ئاففانىستان) ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇ. بەزىلەر ئۇنى ئالتۇن كاسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ.ئالتۇن كاسسىمۇ،ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر بولسا قوللىرىدا ئوچۇمىلاپ ئىچ...

    *****تۇرمۇش*****
    ئورفات (ئاففانىستان)


    ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇ. بەزىلەر ئۇنى ئالتۇن كاسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ.ئالتۇن كاسسىمۇ،ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر بولسا قوللىرىدا ئوچۇمىلاپ ئىچىدۇ.
    سۇدا ھېچقانداق پەرىق يوق. ئۇنىڭدىكى پەرىق پەقەت سۇ ئۇسسۇيدىغان سايماندا. قەلەندەرلەر بىلەن پادىشاھنىڭ پەرقى ئەنە شۇ سۇ ئۇسسۇيدىغان <قاچا>دا.
    پەقەت ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقان كىشىلەرلا سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.قۇملۇق كېزىپ ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىقنى يەتكۈچە تارتقان سۇنىڭ لەززىتىنى تەمىنى ھەقىقىي تېتالايدۇ.
    چىڭقى چۈشنىڭ ئاپتىپىدا يەر تېرىپ،چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن دېھقانلار سۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
    يەنە بىرخىل كىشىلەر باركى، ئۇلار سالقىن يەردە ئولتۇرۋېلىپ نەپىس جاملاردا قازچە يۇتۇم سۇ ئىچسىمۇ،سۇنىڭ تاتلىقلىقىنى تېتىيالمايدۇ.
    بۇ نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى ئۇلار سەيياھتەك ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتمىغان،دېھقاندەق قاق چۈشتە يەر تېرىپ باقمىغان.شۇڭا ئۇلار سۇنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ.
    مەيلى كىم بۇلۇسىدىن قەتئىينەزەر،ئەگەر ئۇ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمىسە،تاماق ۋە سۇنىڭ لەززىتىنىلا ئەمەس،تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنىمۇ بىلەلمەيدۇ.

    *****ياشلىق*****


    <ياشلىق>ناملىق قىسقا ئەسەرنى ئامېرىكىلىق ۋولمان بۇنىڭدىن 70 نەچچە يىل ئىلگىرى ئېلان قىلغان،ئامېرىكا گېنېرالى مېكئاسى ئۇنى چىرايلىق سۆرەت رامكىسىغا ئېلىپ،پۈتكۈل تىنىچ ئوكيان ئۇرۇشى جەريانىدا خىزمەت ئۈستىلىگە تىزىپ قويغان،كىشىلەر بىلەن قىلغان سۆھبەتلىرىدە ھەمىشە <ياشلىق>تىن نەقىل كەلتۈرگەن.كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى،بۇ ئەسەر كېيىنچە نۇرغۇنلىغان ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قالدى،ئۇلار ھەتتا بۇ ئەسەرنى يېنىدىن ئاجراتمايدىغان پورتمالىغا سېلىپ ساقلاشتى.ھەتتا سۇڭشىيا شىركىتىنى قۇرغۇچى سۇڭشىيا شىڭجىجۇ (كونوسوكي):كۆپ يىللاردىن بۇيان،<ياشلىق>ھەمىشە مېنىڭ دەستۇرۇم بۇلۇپ كەلدى،دېگەنىدى.تۈۋەندىكىسى <ياشلىق>نىڭ تۇلۇق تېكىستى:
    ياشلىق- ھايات مۇساپىڭىزدىكى بىر مەزگىل ئەمەس،بەدىنىڭىزنىڭ قىرانلىقى ۋە مەڭزىڭىزنىڭ قىزىللىقىمۇ ئەمەس،بۇ قەلبىڭىزدىكى بىر خىل ھالەت،كاللىڭىزدىكى بىر ئۇقۇم،ئەقلىي تەپەككۇرىڭىزدىكى ئىجادىڭىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى،ھېسسىي پائالىيىتىڭىزدىكى بىر خىل جۇشقۇنلۇق،ھايات باھارىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بىر خۇش ھىدلىق ھاۋا.
    ياشلىق-شېرىن رومانتىك مۇھەببەتتىن ئۆز رازىلىقى بىلەن ۋاز كېچىپ،تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈشتىن دېرەك بېرىدۇ،قورۇنۇش،قورقۇش ۋە نەپسىڭىز ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغان يۈرەك ۋە پەزىلەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ھالبۇكى 60 ياشلىق ئەرلەردە بۇنداق يۈرەك ۋە پەزىلەت 20 ياشلىق يىگىتلەردىكىدىن كۆپرەك بۇلىدۇ. ھېچكىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ كەتمەيدۇ،بەلكى غايىنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئىنسانلاردا قېرىلار مەيدانغا كەلگەندۇر.
    يىللار تېرىڭىزدا قورۇقلار قالدۇرالايدىكى،قەلبىڭىزدە تاتۇق قالدۇرالمايدۇ. غەم، قورقۇش، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەملىكىلا سىزنى ۋاقىتنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئارسىدا مۈكچەيتىدۇ.
    مەيلى 60 ياش ياكى 16 ياش بولسۇن،ھەممە كىشى كەلگۈسىگە ئىنتىلىدۇ، ھەممە كىشى كىشىلىك تۇرمۇش رىقابىتىدىكى خوشاللىققا بالىلارچە قەلىب بىلەن چەكسىز تەشنادۇر.سىزنىڭمۇ ۋە مېنىڭمۇ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئوخشاشلا بىر رادىئو ئاپپاراتى بار. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن،بىپايان زاماندىن ۋە ماكاندىن ەۈزەللىك،ئۈمىد،خۇشاللىق،جەسۇرلۇق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئۇچۇرلىرىنى توختىماي قۇبۇل قىلىپلا تۇرسا،سىز بىلەن مەن مەڭگۈ ياش تۇرىۋېرىمىز.
    ناۋادا بۇ رادىئو ئاپپاراتى كاردىن چىقسا، سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ھېچ ئىشقا خوشياقماسلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ مۇزى قاپلاپ كەتسە،سىز تېخى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولسىڭىزمۇ قېرىپ كېتىسىز؛ ئەگەر بۇ رادىئو ئاپپاراتى باشتىن ئاخىر قەلبىڭىزدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ھەر بىر رادىئو دولقۇنىنى قۇبۇل قىلىپ تۇرسا،ياش پېتى تۇرغان 80 يېشىڭىزدا ئالەمدىن ئۆتۈشىڭىزدىن ئۈمىد بار.

    *****ئادەملەردىكى پەرق******


    دوختۇرنىڭ نەزەرىدە،ئادەملەر بىمار ۋە ساغلام دەپ ئايرىلىدۇ؛
    سوتچىنىڭ نەزەرىدە،ئادەملەر گۇناھكار ۋە بىگۇناھ دەپ ئايرىلىدۇ؛
    ئەخلاقشۇناسلارنىڭ نەزەرىدە،ئادەملەر ياخشى ئادەم ۋە ئەسكى ئادەم دەپ ئايرىلىدۇ؛
    ھەربىيلەرنىڭ نەزەرىدە،ئادەملەر باتۇر ۋە قوقۇنچاق دەپ ئايرىلىدۇ؛ۋە ھاكازا...
    ئىنتايىن كەسكىن ئادەملەر ۋە ئىنتايىن ئىككىلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەقىللىق ئادەملەردۇر.ئالدىنقىسى ھەر بىر تاللاشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىنى ئۆتكۈركۈرلۈك بىلەن بايقىيالايدىغانلار،كىيىنكىسى ھەر بىر تاللاشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن بايقىيالايدىغانلاردۇر.
    سەزگۈر ئادەملەر قىسقا ۋاقىتتىلا ئارلىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.يىڭى ئارلاشقان چاغلاردا،ئۇ ساڭا سەن ئىلگىرى ئەسلا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرىدۇ؛لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇلار تېخىمۇ ئىلگىرلەپ سېنى ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەر بىلەن قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
    بىر ئۈمىدسىز كىشى بىلەن بىر ئۈمىدۋار كىشى گۇگۇم پەيتىدە يولدا سەيلە قىلىپ كېتىۋاتقاندا:
    -قۇياش چۆكۈپ كېتىۋاتىدۇ،-دېدى ئۈمىدسىز كىشى ھەسرەت بىلەن.
    -يۇلتۇزلار كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ،-دېدى ئۈمىدۋار كىشى ھاياجان بىلەن.

    *****تاللاش*****

    بىر قانچە ئوقۇغۇچى سوقراتتىن كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى سوراپتۇ.
    سوقرات ئۇلارنى باغقا باشلاپ كىرىپتۇ.بۇ،مېۋىلەر مەي باغلىغان پەسىل بۇلۇپ،شاخلار مېۋىلەرنى كۆتۈرەلمەي ساڭگىلاپ كەتكەنىكەن.سوقرات ئۇلارغا:
    -سىلەر ھەر بىرىڭلار بىر قاتار مېۋىلىك دەرەخنى بويلاپ،باغنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە چىققۇچە ئۆزۈڭلار ئەڭ چوڭ دەپ قارىغان مېۋىدىن بىردىن ئۈزۈپ كېلىڭلار.ئارقاڭلارغا قايتىپ تاللاشقا بولمايدۇ،-دەپ تاپىلاپتۇ.
    ئوقۇغۇچىلار باغنى كېسىپ ئۆتكۈچە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مېۋە تاللاپتۇ.
    ئوقۇغۇچىلار باغنىڭ ئۇ قېتىغا بارغاندا،سوقرات ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.
    -ئۆزۈڭلار قانائەتلەنگۈدەك مېۋە تاللىيالىدىڭلارمۇ؟-دەپ سوراپتۇ سوقرات ئۇلاردىن.
    ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇپ جاۋاپ بەرمەپتۇ.
    -نېمە بولدۇڭلار بالىلىرىم ئۆزۈڭلارنىڭ تاللىشىغا رازىمۇ سىلەر؟-سوراپتۇ سوقرات يەنە.
    -مۇئەللىم،ماڭا يەنە بىر پۇرسەت بەرسىڭىز!-دەپتۇ بىر ئوقۇغۇچى ئۆتۈنۈپ،-مەن باغقا كىرىپلا چوڭ بىر مېۋىنى بايقىغان.لېكىن تېخىمۇ چوڭى ئۇچرايدىغۇ،دەپ ئۇنى ئۈزمەپتىمەن.باغنىڭ ئۇ قېتىغا چىققاندا،باشتا كۆرگەن مېۋىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم،-دەپتۇ.
    -مەن ئەكسىچە ئىشقا يۇلۇقتۇم،-دەپتۇ يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئۇلاپلا،-باغقا كىرىپلا ئەڭ چوڭ مىۋە دەپ بىر مېۋە ئۈزگەنىدىم،كېيىن باغدا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ مېۋىلەرنىڭ كۆپلىكىنى كۆردۈم.مۇئەللىم،بىزگە يەنە بىر قېتىم تاللاش پۇرسىتى بەرسىڭىز!
    -مۇئەللىم،بىزگە يەنە بىر قېتىم تاللاش پۇرسىتى بەرسىڭىز !-دەپتۇ باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر ئېغىزدىن.
    -بالىلىرىم،ئىككىنچى قېتىم پۇرسەت يوق،-دەپتۇ سوقرات بېشىنى چايقاپ،-كىشىلىك ھايات دەل مۇشۇنداق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.