تۆمۈر تۇمشۇق پىلانى(شىنىچى خۇشى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-21 20:21:00

تۆمۈر تۇمشۇق پىلانى (شىنىچى خۇشى)(ياپونىيە) مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى تۆمۈر تۇمشۇق پىلانىشىنىچى خۇشى (ياپونىيە) مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى شەھەردىن ئانچە يىراق بولمىغان ئورمانلىقتا كىچىك بىر داچا...

      تۆمۈر تۇمشۇق پىلانى  

    (شىنىچى خۇشى)(ياپونىيە)

     مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى  

    تۆمۈر تۇمشۇق پىلانىشىنىچى خۇشى (ياپونىيە) مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى  شەھەردىن ئانچە يىراق بولمىغان ئورمانلىقتا كىچىك بىر داچا بار ئىدى. بۇ يەر شەھەردىكى ئوغرى ـ قاراقچىلارنىڭ ئۇۋىسى ئىدى. بىر كۈنى بۇلارنىڭ كاتتىبىېشى ئۆز ئادەملىرىنى بۇ يەرگە يىغىپ شۇنداق دېدى: ـ مەن يېڭى بىر ھەركەت ئۈستىدە پىلان ئويلىدىم. بۇ ھەممىڭلارنىڭ كۆپرەك كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ـ بانكىنى بۇلامدۇق؟ ـ دېدى ئوغرىلارنىڭ بىر قانچىسى. كاتتىباش ياق دېگەندەك قىلىپ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: ـ بانكا بۇلاش دېگەن نىمىتى، بۇ ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن چوڭ سودا، قانداق؟ قىلامدۇق؟ ـ چاتاق يوق. ـ ئۇنداق بولسا بىرەيلەن شەھەرگە كىرىپ، سىم تور سېتىۋېلىپ چىقسۇن. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئوغرىلار گاڭگىراپ قېلىشتى. ـ سىم تورنى نىمە قىلىمىز؟ ـ چوڭ بىر قەپەز ياسايمىز. ـ چاقچاق قىلمىغىنا، بۇ ئىشىڭ چوڭ سودا بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوققۇ؟ ـ بۇ قەپەزدە بىر قانچە يۈز تۆمۈر تۇمشۇق باقىمىز. ـ ھە! سېنىڭ پىلانىڭ قانداق پىلان ئۇ؟ كاتتىباش ھەيران بولۇپ گاڭگىراپ قېلىشقان شېرىكلىرىگە چۈشەندۈرۈپ: ـ سىلەر چېغىڭلاردا بىلەلمىگەن بولساڭلار، باشقىلار تېخىمۇ بىلەلمەيدىكەن ـ دە، قارىغاندا بۇ پىلاننى سىناپ كۆرسەك بولغۇدەك، بۇ پىلانغا قارىتا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى، ـ دىدى. ـ تۆمۈر تۇمشۇق بېقىپ زادى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟ ـ بۇ قۇشلارنى توك كۇنۇپكىسىنى كۆرگەن ھامان چوقۇيدىغان قىلىپ كۆندۈرىمىز. ئاندىن ئۇلارنى شەھەرگە قويۇۋېتىمىز، ئويلاپ كۆرۈڭلار! بۇنىڭدىن قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ ـ بۇ قۇشلار كىشلەرنىڭ دەرۋازىسىدىكى قوڭغۇراق كونۇپكىسىنى چوقۇيدۇ دېگىنە، شۇنداقمۇ؟ ـ ھەببەللى! ئۇلار دەرۋازىدىكى قوڭغۇراق كۇنۇپكلىرىنى چوقۇپلا قالماستىن، يەنە ئوت ئۆچۈرۈش، ئوغىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئىشلىتىدىغان جىددىي سېگنال كۇنۇپكىلىرىنىمۇ چوقۇيدۇ. ـ ئوغرىلارنىڭ كاتتىبېشىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، باشقىلار مەقسەتنى سەل چۈشەنگەندەك بولدى: ـ ئۇنداقتا ساقچى ئىدارىسى راسا قالايمىقانلىشىدۇ. ـ ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قۇشلار يەنە ئاپتوماتىك تېزگىنلىنىدىغان زاۋۇتقا كىرىپ، كۇنۇپكىلارنى بىر قانچە قېتىم چوقۇسىلا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە سانسىزلىغان ئاجايىپ ـ غارايىپ نەرسىلەر چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى خۇدايىم بىلىدۇ. ئۇلار يەنە ئېلېكتورۇنلۇق ھېسابلاش ماشىنا بۆلۈمىگە كىرىپ كۇنۇپكىنى چوقۇسا، ماشىنىدىن چوقۇم قالايمىقان بەلگە كۆرسەتكۈچلىرى چىقىدۇ. ـ شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەردە چوڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ ـ دە! ـ مېنىڭ دېگىنىممۇ دەل مۇشۇ ئىش! بۇ چاغدا بىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېگەن نەرسىمىزنى ئېلىۋېرىمىز. نېمىنى خالىساق شۇنى ئالىمىز. ـ ۋاي، بۇ دانا پىكىر ئىكەن! ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قالتىس پىلان ئىكەن! سەن راستىنلا بىزگە باشلىق بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنسەن. قېنى، تېز تۇتۇش قىلايلى. ئوغرىلار سىم تورىدىن ئاجايىپ چوڭ بىر قەپەز ياسىدى ۋە بۇ قەپەزگە نۇرغۇن تۆمۈر تۇمشۇقلارنى سولاپ بېقىشقا باشلىدى. ئۇلار ھەر كۈنى تۆمۈر تۇمشۇققا يەم بەرگەچ، ئۇلارنى ھەرخىل توك كۇنۇپكىلىرىنى چوقۇلايدىغان قىلىپ كۆندۈرۈشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوغرىلارنىڭ كاتتىبېشى پۇرسەت پىشىپ يېتىشتى دەپ ئويلاپ، تۆمۈر تۇمشۇقلارنىڭ ھەممىسىنى قەپەزدىن قويۇۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. ـ خوش ئەمدى رادىئونى ئېچىڭلار، بىدەمدىن كېيىن شەھەردە تازا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلايمىز، شۇ چاغدا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە ماڭىمىز. ئوغرىلار ئۇزۇن ساقلاپ، رادىئودىن ئۇنداق خەۋەر كەلمىگەنلىكىدىن تاقىتى ـ تاق بولدى. قاراڭغۇمۇ چۈشتى، ئوغرىلارنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ تۇرغاندا، رادىئودىن ئادەتتىكىچە بىر خەۋەر ئاڭلىتىلدى: «بۈگۈن بىر بەدقىلىق شەھەر ئەتراپىدىكى قۇش تەتقىقات ئورنىغا سوقۇنۇپ، ئىشىك كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتكەنلىكتىن، بۇ تەتقىقات ئورنىدا تەجرىبە قىلىشقا ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن بۈركۈت سىرىتقا ئۇچۇپ كەتكەن. بىراق قاراڭغۇ چۈشكەندە، بۇ بۈركۈتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئورنىغا ئۇچۇپ قايتىپ كەلگەن. ۋەقە تۇغدۇرغۇچى تېخى تېپىلمىدى. بۈركۈتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگەۇچرىغۇچىلار بولسا، تەتقىقات ئورنىغا مەلۇم قىلسا، تەتقىقات ئورنى زىياننى تۆلەپ بېرىدۇ.» بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئوغرىلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. تۆمۈر تۇمشۇقلار قەپەزدىن چىقىپلا قۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان ئىشىكنىڭ كۇنۇپكىسىنى چوقۇغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئوغرىلار جاپا تارتىپ كۆردۈرگەن تۆمۈر تۇمشۇقلارنىڭ ھەممىسى بۈركۈتكە يەم بولۇپتۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇ چوڭ سودىسى كۆپۈككە ئايلانغانىدى. ھەتتا ئۇلار بۇ ئىش بىلەن كز دەسمايىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. ئۇلار تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.«دۇنيا ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى(«چەت ئەل مىكرو ھىكايىلەر توپلىمى» دىن تەرجىمە قىلىنغان)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق