سەھرا

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-13 16:30:44

يىراق يېزا-قىشلاقلاردا ئېتىزدىكى بىرەر باش سەۋزە ياكى تۇرۇپنى يۇلۇپلا، پۈلەپ ۋە سۈرتىۋېتىپ يۇيمايلا چىشلىسەڭ، خۇددى مەزىلىك پولو يىگەندەك ھېسىياتتا بولىۋېرىسەن، چۈنكى ئۇنىڭدا سەن ئەندىشە قىلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق.

     
    سەھرا
     
    مادې
     
    1
    يىراق يېزا-قىشلاقلاردا ئېتىزدىكى بىرەر باش سەۋزە ياكى تۇرۇپنى يۇلۇپلا، پۈلەپ ۋە سۈرتىۋېتىپ يۇيمايلا چىشلىسەڭ، خۇددى مەزىلىك پولو يىگەندەك ھېسىياتتا بولىۋېرىسەن، چۈنكى ئۇنىڭدا سەن ئەندىشە قىلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. ياق، باردەك قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يامغۇر سۈيىدىن قالغان ئىز، شامال سوقۇپ قالدۇرغان يېرىق، ئاپتاپ كۆيدۈرۈپ ئۆزگەرگەن رەڭ، بەك بولسا ۋاقىتقا بېقىپ پەيدا بولىدىغان قۇرت، ئەمما بۇلارنىڭ كارايىتى چاغلىق.
    شۇنداق، يىراق سەھرالاردا ئادەم تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە تايىنىپ ياشايدۇ، شۇڭا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر بۇ زېمىنغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا رەزىللىك بىلەن سۇغىرىلغان پۇچەك ۋىجدانغىمۇ بۇ يەردە ئورۇن يوق.
    2
    سەھرايىڭىززغا قايتقان چاغدا دىققەت قىلىپ بېقىڭ، سىز مەيلى نېمە قىلىڭ، نەگىلا بېرىڭ، خەق سىزگە سالام بېرىدۇ، تېخى كىچىك ئىسمىڭىزنى، ھەتتا لەقىمىڭىزنى چاقىرىپ قالىدۇ.
    قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك جاراڭلىق چىقىدۇ، خۇددى سىزگە ئەمەس يىراقتىكى تاغقا ۋارقىرىغاندەك ھۆركىرەيدۇ! بۇنداق چاغدا مەيلى تاغقا قاراڭ، مەيلى سۇغا قاراڭ، ھەتتا باشقا ھەرقانداق نەرسىگە قاراڭ، ئۇنىڭدىن سىزنىڭ ئىسمىڭىز جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
    3
    جەمەتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئانىسى بار، يېشى 90 دىن ئاشتى، بىراق ئۇنىڭ قۇلىقى ساز، كۆزى ئۆتكۈر، چۈنكى ئۇ سەھرانىڭ ئەڭ ئىچكىرىسى بولغان بۇ تاغلىقتا ياشايدۇ، ھەرقانداق مودا نەرسىدىن خەۋىرى يوق، بىراق ناخشا ئېيتىشقا ئامراق، ناۋادا سىز ئاڭلاشنى خالىسىڭىزلا، ئۇ سىزگە تاغ ناخشىسى دېگەننى ئارقا-ئارقىدىن ئېيتىپ بېرىدۇ.
    يەنە بىر قوشنام بار، ياش چاغلىرىدا كاندا ئىشلەپ بىر پۇتىدىن ئايرىلغان، ھازىر كەنتنىڭ مەكتىپىنى باقىدۇ، قوڭغۇرىقىنى چالىدۇ. خۇددى ناۋايغا يولۇقساڭ قولۇڭ خېمىر بولغانغا ئوخشاش، ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپتە يۈرگەچكە، «ئازراق كۆزى ئېچىلىپ قالغان». ناۋادا بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا، ئۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ بالىلارغا دەرس ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قۇرداشلىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىن كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى شەھەردە مەدىكارلىق قىلىدۇ، تېخى بەزىلىرى خېلىلا ئەتلىنىپ قالدى، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھەۋەسمۇ، ھەتتا ھەسەتمۇ قىلمايدۇ.
    ئۇلار ئەنە شۇنداق چاڭ-توزانلىق، ئەمما ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن مەڭگۈلۈك يىراق. ئۇلار پەقەت يۈرىكىگە ئەڭ يېقىن ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمىشى بەك تېنچ، ئەمما بەك خوشال.
    ئەكبەر غوپۇر تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سەھرا تۇرمۇش ئېتىز