نېمە ئۈچۈن تېرورلۇققا قارشى تۇرغانسېرى ۋەھىمە شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدۇ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-13 19:06:40

نېمە ئۈچۈن تېرورلۇققا قارشى تۇرغانسېرى ۋەھىمە شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدۇ(1160)ئامېرىكا پارلامېنتى يېقىندا، ياۋروپادا ساياھەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بازا» تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ...

    نېمە ئۈچۈن تېرورلۇققا قارشى تۇرغانسېرى ۋەھىمە شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدۇ

     

     (1160)

     

    ئامېرىكا پارلامېنتى يېقىندا، ياۋروپادا ساياھەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بازا» تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئورگانلىرى ياۋروپادا تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قوزغاشنى پىلانلىدى – دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگىلىيە بىلەن ياپونىيەمۇ كەينى – كەينىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشنى چىقاردى. ئەنگىلىيىنىڭ «قوغدىنىش گېزىتى» پاكىستاننىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى ۋە بىر مۇنچە ياۋروپا ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھلىللىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئالدىن بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ، پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتقان بولۇشى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما، يېقىندىن بۇيان، ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر داۋاملىق تېرورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىدى، ھەمدە بىر قىسىم تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش سۈيقەستىنى تارمار قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ زىمىنىدىمۇ تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپ يۈز بەردى. مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، غەربتىكى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن تېرورلۇق تەھدىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئۆرلىشى پاكىت ھېسابلىنىدۇ.

        «11- سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېرورلۇققا سالغان مەبلىغىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دېيىشكە بولىدۇ، پەقەت ئامېرىكىنىڭلا خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلاردا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن راسخوتى بىر تىرىليوندىن ئاشقان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سەرپ قىلغان پۇلى ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىمۇ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېلىنمىسىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن بولۇپ، چېگرىنى كونترول قىلىش ۋە چېڭرىدىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۈرلۈك چىقىملىرىنى مۆلچەرلەش خېلى قىيىن. ئەمما، بۇ خىل تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېلىنمىسى بىلەن ئۇنىڭ ھاسىلاتى «ئوڭ تاناسىپ» بولماي قالدى. غەربتىكى دۆلەتلەر تېخىمۇ بىخەتەرلىككە ئېرىشەلمەي قالدى. ئەكسىچە، خەلقئارادىكى تېرورىزىمنى يېتىلدۈرىدىغان تۇپراق بارغانسېرى كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ يامراش سۈرئىتىدە ئاستىلاش كۆرۈلمىدى، تېرورلۇق تەھدىتى ئۆرلىدى.

       خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇنىڭ ئۈچۈن «قارشى تۇرغانسېرى شۇنچە ۋەھىمىلىشىش»  چەمبىرىكىگە كىرىپ قالدىكى، بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى ئامېرىكىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، زومىگەرلىك ھوقۇقىنى كۆزلەش» تىن ئىبارەت تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدە، ئامېرىكا «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىچە قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتمەكچى بولدى، ھەمدە ئىراقنى بىرىنچى دومىنوقارتىسى قىلدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا ئىراقتا كۆپلىگەن تېرورچى ۋە ئۇچىغا چىققان تەشكىلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن، تېرورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ، خەلقئارالىق تېرورىزىمنىڭ يېڭى بىر مەنبەسىگە ئايلاندى.

        ئامېرىكا ئاففانىستاندىكى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى ئەتراپىغا كېڭەيتىپ، «چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى» نى تەرغىپ قىلىپ، «رەڭلىك ئىنقىلاب» نى يولغا قويدى. نەتىجدە، ئاففانىستان تالىبانلىرى قايتا باش كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە پاكىستان تالىبانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ھەمدە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ «ئىسلام مۇقەددەس ئۇرۇش ئىتتىپاقى» بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. پاكىتلار شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، ئامېرىكىنىڭ 9 يىلدىن ئارتۇق ئېلىپ بارغا تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشى، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيادكى كۆپلىگەن تارقاق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى «بازا» تەشكىلاتىغا قوشۇۋەتتى. شۇنداقلا، يەمەن، سۇمالىي قاتارلىقلاردا خەلقئارا تېرورچى كۈچلەرنىڭ چوڭ لاگىرىغا ئايلىنىپ، ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى غەربتىكى دۆلەتلەرگە قاراتتى.

        غەربتىكى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن تېرورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك غەرب جەمئىيىتىدىكى بەزى كىشىلەر تېرورىزىمنى  ئالاھىدە دىنلارغا باغلاپ، دىن، مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارىمۇ – قارشىلىقنى كېڭەيتىۋەتتى، بەزى غەرب دۆلەتلىرى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا نازارەت قىلىش- كونترول قىلىش نىشانىنى ئالاھىدە بېكىتىلگەن مىللەت توپى بىلەن ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىنىڭ ئايرىمىچىلىقىنى كېڭەيتىۋەتتى، بەزى ئوڭ قانات تەسىر كۈچلەر بىلەن ۋاسىتىلار مەسىلىنى سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە دۆڭگەپ قويۇپ، كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادلىرىنىڭ يىراقلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىلمۇ خىل، كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى، تېرورىزىمنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە غەربنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى رادىكاللاشتۇرىۋەتتى. بۇمۇ تېرورلۇق تەھدىتىنىڭ «يەرلىكلىشىشى» دىكى ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

        ئىقتىساد يەر شارىلاشقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بۈگۈنكى دۇنيا قۇرۇلمىسى ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەربتىكى دۆلەتلەر يالغۇز ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ «مۇتلەق ئامانلىقى» غا كاپالەتلىك قىلىشقىلا كۈچەپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئىدىيىسىنى كۈچەپ يولغا قويغاچقا، ئۇنىڭ تەتۈرىسىچە بولماقتا. دۇنيادا دىن، مەدەنىيەت، قىممەت قارىشى ئىدىيىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ئوبېيكتىپ مەۋجۇت. پەقەت تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى «يەر شارى خاراكتېرلىك تۈزەش» رامكىسىغا كىرگۈزۈپ، «مەنپەئەت قوغلىشىش قىلمىشى» نى ئازايتقاندىلا، ئاندىن تېرورېزىمنىڭ يامرىشىنى قەدەممۇ – قەدەم تېزگىنلەش مۇمكىن. (لى ۋېي)

     

     

       تەرجىمە قىلغۇچى: (مۇھەممەت بارات)

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.