سۆيۈملۈگۈم، سېنى سۆيەلمەيمەن، سەندىن ھەم نەپرەتلىنەلمەيمەن، سېنى ئەسلا

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-22 10:55:00

سۆيۈملۈگۈم، سېنى سۆيەلمەيمەن، سەندىن ھەم نەپرەتلىنەلمەيمەن، سېنى ئەسلا ئۇنتۇيالمايمەنبەزى ئادەملەرنى، سۆيسەكلا، ئاخىرلاشتۇرغان بولىمىز.بەزى سۆزلەرنى، دېسەكلا، پۇشايمان قىلىمىز.بەزى ئازابلا...

     

    سۆيۈملۈگۈم، سېنى سۆيەلمەيمەن، سەندىن ھەم نەپرەتلىنەلمەيمەن، سېنى ئەسلا ئۇنتۇيالمايمەن

    \

     

    بەزى ئادەملەرنى، سۆيسەكلا، ئاخىرلاشتۇرغان بولىمىز.

    بەزى سۆزلەرنى، دېسەكلا، پۇشايمان قىلىمىز.

    بەزى ئازابلارنى، ئاغرىتساقلا، سەزمەيدىغان بولىمىز.

    بەزى قەلىبلەرنى، تىترەتسەكلا، پارە قىلغان بولىمىز.

     

    بەزى نەرسىلەر، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، تەمى ئۆزگىرىپ قالىدۇ.

    بەزى شەيئىيلەر، تەرەققىي قىلغانسېرى، سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ.

    بەزى ھېسسىياتلار، ۋاقىت ۋە ئارىلىقتا، قىممىتى يوقىلىدۇ،

    بەزى تاللاشلار، تەستە ئېلىپ بېرىلسا، خاتالشىپ قالىدۇ.

     

    بەزى ۋاقىتلاردا، سېنى سۆيىمەن دېيىشكە جۈرئەت يېتىشمەيدۇ.

    بەزى ۋاقىتلاردا، سەندىن نەپرەتلىنىشكە يۈرەك چىدىمايدۇ

    بەزى ۋاقىتلار، ئەستە تۇتماقچى بولغاندا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ،

    بەزى ۋاقىتلار، ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغاندا ئەستىن چىقمايدۇ.

     

    پەقەتلا شۇ بىرىنى سۆيمەكچى بولىمىز، ئەمما ھالىمىز يار بەرمەس،

    پەقەت شۇ بىرىدىن نەپرەتلەنمەكچى بولىمىز، ئەمما مۇمكىن ئەمەس.

    پەقەت شۇ بىرىنى تۇتۇپ قالماقچى بولىمىز، ئەمما ئامالسىزمىز،

    پەقەت شۇ بىرىنى قۇيۇۋەتمەكچى بولىمىز، ئەمما ئۇنداق قىلالمايمىز.

     

    بىرىنى سۆيگەندە، ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولىدۇ پەرىشتە،

    بىرىنى ئەسلىگەندە، باشلىنىدۇ ئويغانغان شۇ چاغدا،

    بىرىنى كۈتكەندە، كۆز نۇرلىرىمىز قاتىدۇ شۇ يەردە،

    بىرىنى چۈشىگەندە، كۈلكىمىز يەنىلا لەۋلىرىمىزدە.

     

    دېمەكچى بولىمىز، سېنى سۆيىمەن يەنىلا،

    سورىماقچى بولىمىز، مېنى سۆيەمسەن يەنە،

    بىلمەكچى بولىمىز، ئويۋاتىسەن نېمە

    قۇتۇلماقچى بولىمىز، بارلىق ئازاب-يىغا

     

    ئۇنۇتماقچى بولىمىز، شۇ گۈزەل ئۆتمۈشنى،

    ئەسلىمەكچى بولىمىز، شۇ يىراقتىكى غۇۋانى

    تېنچماقچى بولىمىز، يەنىلا ئىزتىراپ ھامان

    يىغلىماقچى بولىمىز، ياشلار قۇرىغان تامام

     

    خىيال قىلماقچى بولىمىز، بىز ھامان بىللە دەپ،

    ئارزۇ قىلماقچى بولىمىز،سەن مەڭگۈ يېنىمدا دەپ

    ئەمما رېئاللىق شۇكى، كۆرۈپ مۆكىمەن،

                            كۆرمىسەم ئىزدەيمەن.

    ھالا بۈگۈندە، ئۇ ھېسسىياتنى سۆزلىيەلمەيمەن،

                   ئۇ سېغىنىشنى سۆزلىيەلمەيمەن.

    ئەمەلىيەتتە

    سېنى سۆيەتتىم تامان

    پەقەت

    مەقسەتسىز شۇ ئازابلىرىمدىن،

    قاچماقچى  بولدۇم

    چۈنكى

    ئۆزۈمنىڭ يىگانە دۇنياسىغا قايتماقچى

    يالغۇز ياز تۆكۈپ

    يالغۇز يۈرەك ئازابى

    ھېچكىمگە تىنمايدىغان

    ئەڭ چوڭقۇر شۇ ئازاب

    مەن ھامان بىپەرۋا

     

    يادىڭدا تۇت

    ئۆزۈمنىڭ ئازابى ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىنى ساڭا بۆلمەيمەن

    چۈنكى مەن شەخسىيەتچى

    مەن پەقەت بەخت ۋە خوشاللىقىمنى ساڭا بېرىمەن

    چۈنكى مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىكى

    مەن شۇنىلا بېرەلەيمەن

    شۇڭلاشقا

    مېنىڭ ئازابلىرىم

    ئاغرىنمايدۇ سەندىن

    بەلكىم

    بۇ ئۆزۈمنىڭلا ھېسسىياتى

    ئەمما

    سېنى سۆيۈش

    تەلەپ قىلمايدۇ سەندىن سۆيگۈ

    شۇنداقتىمۇ سۆيىدۇ ھامان پىنھان

    ھامان ھامان

    ئاخىرىدا ساڭا سۇئال

    مۇبادا، سەن ۋە مەن راستلا ئايرىلساق

    تاللىشىم كېرەكمۇ، بىلمىدىم

    سەن بار بۇ دۇنيادىن كېتىشىم كېرەكمۇ

    ۋە ياكى تاللامدىم ئۇنتۇپ كېتىشنى

    قانداق قىلىپ ئۇنتاي سېنى، قېنى ئېيتقىن

    كۈتىمەن جاۋابىڭنى

    ھامان ھامان

    كۈتىمەن

    (گۈليارە تۇرسۇن خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى)

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.