ئابدۇرىھىم نىزارى(1770~1840)

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-31 10:47:00

تالانتلىق شائىر ئابدۇرىھىم نىزارى 1770-يىلى قەشقەر كونا شەھەر بۇلاق بېشى مەھەللىسىدە ھۇنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ساۋادىنى ئۆز مەھەللىسىدە چىقىرىپ كىيىن شۇ چاغدىكى ئالى ب...

       تالانتلىق شائىر ئابدۇرىھىم نىزارى 1770-يىلى قەشقەر كونا شەھەر بۇلاق بېشى مەھەللىسىدە ھۇنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ساۋادىنى ئۆز مەھەللىسىدە چىقىرىپ كىيىن  شۇ چاغدىكى ئالى بىلىم يۇرتى بولغان قەشقەر مەدىرىسىدە ئۇقۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىياتىنى، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ھەم خەتتاتلىق سەنئىتىنى پۇختا ئىگەنلىگەن .
       نىزارى ئۆمرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خەتتاتلىق كەسپى بىلەن يوقسىزچىلىقتا ھايات كەچۈرگەن. 1830-يىلى 60 يېشىدا قەشقەرنىڭ ئۇرۇنباسار ۋاڭى -زۇھۇرىدىن ھېكىمبەگ تەرىپىدى نئوردىنىڭ مىرزا (كاتىپ)لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، 1835-يىلى  لۈكچۈن ۋاڭى ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ ئىلتىماسى بىلەن لۈكچۈنگە بېرىپ «لۈكچۈن ۋاڭى ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ قەشقەر ھاكىمبېگى زۇھۇرىدىنغا يوللىغان سالىمى»، ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ ئاتىسىنىڭ قەشقەردىكى تارىخى ئەكس ئەتكەن «مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ھەققىدە قىسسە»،  «ئەسھابۇل كەھپ ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەلەپ بويىچە يېزىپ بېرىپ، بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ قەشقەردىكى خىزمىتىنى ئومرىنىڭ ئاخىرغىچە( تەخمىنەن10 يىل)ئىشلىگەن.
         شائىر نىزارى ئۆمرىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئىجادى پائالىيەت  بىلەن  ئۆتكۈزدى. بولۇپمۇ ئاخىرقى دەۋرى ئىجادىيتىنىڭ راسا  گۈللەنگەن دەۋرى بولدى. بۇ دەۋرلەردە شائىر  ئۆزىنىڭ « مۇھەببەت داستانلىرى» ناملىق 48مىڭ مىسرالىق بۈيۈك ئەسىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ ئەسەر ھەجىم جەھەتتىن شارئىت ئەلىشىر ناۋايىنىڭ «خەمسە» سىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەڭ زور شېئىرى داستان ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەر«رابىئە-سەئدىن»، «ۋامۇق-ئۇزرا»، «مەھزۇن گۈلنىسا»، «مەسئۇد-دىلئارام»، «چاھار دەرۋىش» (بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىچىك داستان بار)، «پەرھاد شىرىن»، «لەيلى- مەجنۇن»، «بەھرام گۆر» ...قاتارلىق 18داستاندىن ئىبارەت. نىزارىنىڭ «مۇھەببەت داستانلىرى» دىن باشقا يەنە دىنى مەزمۇندىكى «دۇررۇل-نىجات»(نىجاتلىق ئۈنچىلىرى) ناملىق يەنە بىر ئەسىرى بار.
       نىزارى ئەسەرلىرىنىڭ تىلى جانلىق تىلغا يېقىن، راۋان ۋە ئاممىباپ. تىل تەركىۋىدە ئەرەپ-پارىس سۆزلۈكلىرى ئىلگىرىكى كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىغاندا ئاز.
       شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى ئۆمرىنى خەلقنىڭ كۈيىنى كۈيلەپ تەخمىنەن 1840-يىلى ۋاپات بولدى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق