مۇھەببەتنىڭ ئورنى(غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 12:34:43

مۇھەببەتنىڭ ئورنى ما گوفۇغۇپۇر قادىر تەرجىمىسى بىر كۈنى ياشانغان پروفېسسور دەرس ئۆتۈۋېتىپ مۇنداق بىر ھېكايە ئېيتىپتۇ: بىر پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ ئوغۇللىرىغا بەك ئامراق ئىكەن، ئەم...

    مۇھەببەتنىڭ ئورنى

    ما گوفۇ
    غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى

     

        بىر كۈنى ياشانغان پروفېسسور دەرس ئۆتۈۋېتىپ مۇنداق بىر ھېكايە ئېيتىپتۇ: بىر پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ ئوغۇللىرىغا بەك ئامراق ئىكەن، ئەمما تەختنى قايسى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى بىلەلمەپتۇ، ئاخىر ئۈچ ئوغلىدىن «ئاتاڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنى قانداق ئىپادىلىمەكچىسەن؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. چوڭ ئوغلى:
     مەن ئاتىمىزنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىدىن دوپپا تىكىپ، مەملىكىتىمىز پۇقرالىرىنى ھەر كۈنى سىزنى باش ئۈستىگە ئېلىپ يۈرىدىغان قىلىمەن، دەپتۇ. ئىككىنچى ئوغلى:
        مەن ئاتىمىزنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىدىن ئاياغ تىكىپ، جاھاندىكى پۇقرالارغا ئۇلارنى سىزنىڭ تىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىمەن، دەپتۇ. كەنجى ئوغلى:
     مەن سىزنى ئادەتتىكى بىر ئاتا قاتارىدىلا كۆرۈپ، ئەبەدىلئەبەد قەلبىمدە ساقلايمەن، دەپتۇ. ئاخىر پادىشاھ تەختنى كەنجى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ.
    پروفېسسور ھېكايىسىنى تۈگىتىپ، دەرسخانىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا:
     قىشلىق تەتىلدە ئاتا - ئانىسىىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويغان ساۋاقداشلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، دەپتۇ. بۇ، پروفېسسور ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇق ئىكەن، ئورۇنلىيالمىغان ساۋاقداشلاردىن ئەخلاق نومۇرى تۇتۇپ قېلىنىدىكەن.
    يۈزنەچچە جۈپ قول شارت - شۇرتلا كۆتۈرۈلۈپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئولتۇرغان بىر ساۋاقداشلا قولىنى كۆتۈرمەپتۇ. پروفېسسور بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتىكەن، ئۇ لام - جىم دېمەي ئولتۇرۇپتۇ.
    پروفېسسورنىڭ سەل ئاچچىقى كەپتۇ:
     سىز مېنىڭ گېپىمنى قۇلىقىڭىزدا تۇتمىدىڭىزمۇ، نېمە؟
     ئاتا - ئانامنىڭ پۇتىنى تازىمۇ يۇيۇپ قويغۇم بار ئىدى، بىراق...
     نېمە ئۇ بىراق دېگەن، ئۆزىڭىزگە باھانە ئىزدىمەڭ!
     مېنىڭ ئاتا - ئانام بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان، مەن ئۇلارنىڭ بېشىنىلا يۇيۇپ قويالىدىم...
    ھاۋا ئاشۇ  دەقىقىدە قېتىپ قالغاندەك بوپتۇ، سىنىپ ئىچى كىشىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىيالىغۇدەك دەرىجىدە جىمىپ كېتىپتۇ.
    پروفېسسور شۇئان ئۆزىنىڭ ئاق - قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا تەنقىد قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئوقۇغۇچىدىن ئەپۇ سوراپتۇ، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق دەپتۇ:
     ئېسىڭلاردا بولسۇن، مۇھەببەتنىڭ ئورنى ئېغىزدا، باشتا بولمايدۇ، پۇتتىمۇ بولمايدۇ، پەقەت قەلبتىلا بولىدۇ، ھەر ۋاقىت باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان كىچىك ئىشلاردا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.