ئېتىقاد ۋە ئېتىقادسىزلىق

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-04 16:09:00

نۆۋەتتە دۇنيادا كۆپ خىل مەدەنىيەت ساقلانغان بولسىمۇ بىراق پەقەت غەرب، ئىسلام ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت دۇنياۋىيلىققا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 1-ئەۋلاد مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىسلام مەدەنىيىتى 2-ئەۋلاد مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلى

    ئېتىقاد ۋە ئېتىقادسىزلىق
     
    يى جوڭتىئەن
    دولان تەرجىمىسى
     
        2013-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، تېڭشۈن تور مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو ئېيتىدۇرلەركى» مۇلاھىزىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاتاقلىق ئالىم پروفېسسور يى جوڭتىئەن «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» دېگەن مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. پروفېسسور يى جوڭتىئەن «نۆۋەتتە دۇنيادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت توقۇنىشى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق توقۇنۇش غەرب مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا بولىۋاتىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو چوقۇم باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە زامانىۋى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەۋزەللىكنى ئىگىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مۇكەممەل دىنىي ئېتىقادى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئېتىقادنىڭ بىر مىللەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىغا ئايلانغانلىقى ئىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە ئېتىقاد كەمچىل بولۇپلا قالماي بەلكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېتىقادى پۈتۈنلەي پراگماتىزىم (سۇيىئىستېمالچىلىق) غا تولغان ئىكەن. بازار ئىگىلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولسىمۇ بىراق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولغاچقا، جەمئىيەتتە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ۋە ھېچقانداق قىممەت قارىشى بولماسلىقتەك بىرقاتار مەسىلە پەيدا بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگودىكى ئۆزگىرىش مەدەنىيەت ياكى مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىش بولىشى كېرەك ئىكەن. يى پروفېسسورنىڭ نۇتۇقىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.
      يى جوڭتىئەن: پېقىرغا مۇشۇنداق سۆزلەش سورىنى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىڭلارغا ناھايىتى رەھمەت، نۆۋەتتە دۇنيادا كۆپ خىل مەدەنىيەت ساقلانغان بولسىمۇ بىراق پەقەت غەرب، ئىسلام ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت دۇنياۋىيلىققا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 1-ئەۋلاد مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىسلام مەدەنىيىتى 2-ئەۋلاد مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، غەربنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى 3-ئەۋلاد مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
      جۇڭخۇا مەدەنىيىتى «ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرماقتا»
        ھازىر ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بولغىنى غەرب مەدەنىيىتى، ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا بىز تەپەككۇر قىلىدىغان مەسىلە ئىككى: بىرىنچىسى، باشقىلارنىڭ ئەۋزەللىكى نېمە؟ ئىككىنچىسى، بىزنىڭ يېتەرسىزلىكىمىز نېمە؟
       دۇنياۋى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتكە سېلىشتۇرساق شۇ نەرسە ئېنىقكى، غەربنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئېتىقاد ئۈستىگە قورۇلغان مەدەنىيەت، ئەلۋەتتە غەربنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى خرېستىئان مەدەنىيىتىگە تەڭ ئەمەس. بىز ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى 1-قېتىم تۈزۈلگەندە ئالاھىدە بولغان بىر ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز، ئۇ بولسىمۇ «پارلامېنت دۆلەت دىننى بېكىتىدىغان قانۇن چىقارسا بولمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. بىراق غەربنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى خرېستىئان دىنىي مەدەنىيىتى ۋە پروتېستانت دىنىي مەدەنىيىتى ئاساسىغا قورۇلغان. ئىسلام دىنىي مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ، بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى تەڭرىگە چوقۇنىدۇ، يەھۇدى دىنىمۇ ھەم شۇنداق. خرېستىئان دىنىي مەدەنىيىتى، ئىسلام دىنىي مەدەنىيىتى ۋە يەھۇدى دىنىي مەدەنىيىتى دۇنيادىكى بىر خۇدالىق ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتتۇر. يەھۇدىلار ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ بەندىسى دەپ قارايدۇ. يەھۇدى دىنىدىكى بۇخىل ئېتىقاد، ۋەتىنىدىن مەھرۇم قېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىكى بىرلىككە كەلگەن ئېتىقاد ئاخىرىدا ئۆز ۋەتەننى ۋە ئىبراي تىلىنى قايتا تېپىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەكسىچە ئۆز ۋەتىنىدىن مەھرۇم بولغان نۇرغۇن مىللەتلەر تارىخ سەھنىسىدىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدى دىننى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى دەيمىز. بىراق يەھۇدى دىننىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، يەھۇدىلار پەقەت ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ بەندىسى دەپ قارىغاچقا دۇنياۋى دىن بولمىقى بەسى مۈشكۈل. ئىسلام دىنى بولسا ئاساسلىقى ئىككى ئۇقۇمنى تەكىتلەيدۇ: بىرى ئالاھىدە مېھرىبانلىق، يەنە بىرى ئومۇميۈزلىك مېھرىبانلىق. ئالاھىدە مېھرىبانلىق دېگەن ھەرقانداق بىر قەۋىمگە مېھرى-شەپقەت قىلىشنى تەكىتلىسە، ئومۇميۈزلىك مېھرىبانلىق دېگەن ئاللانىڭ بارلىق بەندىسىگە مېھرى-شەپقەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. نۆۋەتتىكى غەرب مەدەنىيىتىدە كاتولىك دىنىي ئەقىدىسى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، بىراق كاتولىك دىننىڭ ئىنسانلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىش دېگەن ئەقىدىسى كەڭ ئومۇملاشقان.
      خەنزۇ مەدەنىيىتى ئېتىقادى يوق مەدەنىيەت
      جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ياكى توغرىسىنى ئېيتقاندا خەنزۇ مەدەنىيىتىدە ئېتىقاد بولمىغان، دىنىي ئەقىدە بولمىغان مەدەنىيەت. دىن دېگەن نېمە؟ دىن دېگەن مۇكەممەل بولغان دىنىي ئېتىقاد سىستېمىسى، شۇنداقلا ھەرىكەت مىزانى ۋە قائىدە-يوسۇن ئۆلچىمىدىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانلارنىڭ روھى تۈۋرۈكى. ئېتىقاد دېگەن نېمە؟ ئېتىقاد دېگەن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان، مەڭگۈ تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئىشەنچى. ئالايلۇق ئىلىم-پەننىڭ مەلۇم ھەقىقىتىگە ئىشەنسىڭىز، بۇ تەبىئى قانۇنىيەت ھەرگىز ئېتىقاد ئەمەس؛ ئەخلاقنىڭ مەلۇم مىزانلىرىغا ئىشەنسىڭىز، بۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى ھەرگىز ئېتىقاد ئەمەس.
      مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بېكىتكەندە، خەنزۇ مىللىتىدە ئېتىقاد بارمۇ؟ جاۋاب شۇكى قەتئى ئېتىقاد يوق. سەۋەبى، بىرىنچىدىن خەنزۇلاردا تەبىئەتتىن ھالقىغان مۇستەھكەم ئېتىقاد مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ئىنساننىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋائانا توغرىسىدىكى رىۋايەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئالەم-زېمىننى تەڭرى ئەمەس پەنگۇ ياراتتى، ئىنساننى نۈۋا ياراتتى دېگەندەك. لېكىن بولار تەڭرى ئەمەس. خەنزۇلاردا ياراتقۇچى ئىلاھ قارىشى يوق بولغاچقا ئاخىر زامان قارىشىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، باقى دۇنيا چۈشەنچىسى تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئېتىقادسىزلاردۇرمىز. بىزدە ئىشەنچ قىلىدىغان نەرسە بارمۇ-يوق؟ بار ئۇ بولسىمۇ بۇتقا ئىشىنىشتۇر. بىراق مىللىتىمىزنىڭ بۇ نەرسىلەرگە ئىشىنىشى پەقەت پراگماتىزىمدىن ئىبارەت. ئالايلۇق يېزىلاردىكى بۇت تەكچىسىگە شەپقەتچى بۇتساتۋا، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئەجدانى دېگەنلەرنى تىزىۋالىدۇ. ئۇندىن باشقا «پېشقەدەم پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى» دېگەنلەرنى چاپلىۋالىدۇ. كۆپ خىل نەرسىگە ئېتىقاد قىلىش بولسا ئېتىقادسىزلىق، ھەممە نەرسىگە ئىشىنىش دېگەنلىك ھېچنەرسىگە ئىشەنمەسلىككە باراۋەر. بىز پراگماتىزىمغا چوقۇنىمىز، بىز چوقۇنۇدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ، يەنە كېلىپ بۇ ئىلاھلارنىڭمۇ خىزمەت تەقسىماتى ئايرىم-ئايرىم. بۇخىل ھەركەتنى ئېتىقاد دېگىلى بولسۇنمۇ؟
      شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى شۇكى ئىلاھ بولسىمۇ بىراق دىن يوق، چوقۇنۇش بولسىمۇ بىراق ئېتىقاد يوق. بۇخىل ئالاھىدىلىك غەربىي جۇ بەگلىكىدىن باشلانغان. چۈنكى غەربى جۇ بەگلىكى مەدەنىيىتىمىزدىكى «ئادەمنى ئاساس قىلىش، دۆلەتنى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش» قا ئاساس سالغان. بۇخىل مەدەنىيەت سىستېمىسى گەرچە چۈنچۇ بەگلىكىدىن ئۇرۇشقاق بەگلىكى ھەمدە چىن ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق بەزى نەرسىلەر پەقەت ئۆزگەرمىدى. مەسىلەن، ئائىلە ۋە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ھەمدە ئەجدادقا چوقۇنۇش ئۆزگەرمىدى. مۇشۇنداق سىستېمىدا بىزدە تەبىئەتتىن ھالقىغان مەڭگۈ تەۋرەنمەس ئېتىقاد ھەرگىز ئاپىرىدە بولمايدۇ.
    بىز نېمىگە تايىنىپ بۈگۈنگە كەلدۇق؟
         ئەمەلىيەتتە بىر مىللەت ياكى بىرخىل دىن بولسۇن، پەقەت ئېتىقادلا ئۇنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئالايلۇق مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك قاتارلىقلار. بۇنىڭغا ئىسلام دىنىدىكى مېھرىبانلىق، شەپقەت قىلىش دېگەنلەر ئۆرنەك بولالايدۇ. يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەڭرىنىڭ نامى بىلەن ئېيتىلسا، ئېتىقاد مەنىسىگە ئىگە بولىدۇ، ئېتىقاد يادرولىق قىممەت قارىشىدا كەم بولسا بولمايدۇ.
       نۆۋەتتە بىز دۇچ كەلگەن مەسىلە نېمە؟ پېقىر ۋۇسى ئەپەندىنىڭ قارىشىنى قوللايمەن. خەن سۇلالىسىدىن شىنخەي ئىنقىلابىغىچە، بىزنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىمىز ئۈچ ئەركان بەش ئەھكام ئوردا بىلەن ئاۋامنىڭ ئورتاق تونۇشى بولدى، پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە سىنىپىي كۈرەش ئوردا بىلەن ئاۋامنىڭ ئورتاق تونۇشى بولدى. قەدىمدىن مىنگو دەۋرىگىچە ئىقتىسادىي ئاساسىمىزدا ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كوڭزى ئەخلاقى جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدىمۇ ئىزچىل رول ئوينىدى. نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى باسقۇچىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان قىممەت قارىشى بولمىغاچقا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى بازار ئىگىلىكىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى قىلدۇق. لېكىن بىز ھەقىقى قىممەت قارىشىنى تاپالمىدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولدى؟ جۇڭگو ئىقتىسادى مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئورنى يۇقىرى كۆتىرىلدى، بىراق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى گۇمران بولدى.ساختىلىق ئالەمنى قاپلاپ، يۇندا ياغ، زەھەرلىك كاپسۇل، زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى، زەھەرلىك مانتا، چېرىكلىك، پۇلغا چوقۇنۇشى، ئاۋامنى تالان-تاراج قىلىش....دېگەنلەر يامراپ ئاپەتكە ئايلاندى. بۇخىل ھالەتنى «قاۋۇل-تىمەن بولساقمۇ، ھاڭۋاقتىغا ئايلاندۇق، ئىنساپ-دىيانەت بولمىغاچ، ھەر قەدەمدە باپلاندۇق» دەپ سۈرەتلەشكە بولىدۇ.
      كەمىنە 5 يىلدىن 8 يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 36 توملۇق «يى جوڭتىئەننىڭ جۇڭخۇا تارىخى» نى يېزىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم. بۇ كىتاب بىر مەسىلىگە يەنى 3600 يىلدىن بۇيان بىزنىڭ تەقدىرىمىز ۋە تاللىشىمىز توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ. پېقىرنىڭ يوقۇرىدا سۆزلىگەنلىرى ئەشۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنىڭ بىر قىسمى، ئاۋۋال سىلەرنىڭ تەپەككۇرىڭلارغا سۇنغاچ تۇراي. كۆپچىلىككە رەھمەت!
     
     مەنبە: باغداش مۇنبىرى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.