خۇداغا شۈكۈر

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-09 16:23:00

ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىژ-پىژ ئاپتاپ ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزەي دېگەن بىر كۈنى، ئۇ يېقىن ئەتراپتا مېسسىئونېرنىڭ چېدىرىنى كۆرۈپ قاپتۇ


    خۇداغا شۈكۈر

    مۇ مۇ

     
    بىرەيلەن قۇملۇقتا ئېزىپ قاپتۇ-دە، ئىككى ھەپتىدەك يول يۈرۈپ يەتكۈچە جاپا تارتىپتۇ.
    ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىژ-پىژ ئاپتاپ ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزەي دېگەن بىر كۈنى، ئۇ يېقىن ئەتراپتا مېسسىئونېرنىڭ چېدىرىنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، مىڭ بىر مۇشەققەتتە چېدىرنىڭ يېنىغا كەپتۇ. مېسسىئونېر بىر مەزگىل ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالغاچقا، ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كەپتۇ.
    ئۇ كىشى مېسسىئونېردىن يېقىن ئەتراپتىكى كەنتكە قانداق بارىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ مېسسىئونېرنىڭ بىر ئېتى بارلىقىنى بىلگەچكە، مېسسىئونېرغا:
    -ئېتىڭىزنى مىنىپ تۇرسام بولامدۇ؟-دەپ يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ.
    مېسسىئونېر ئامالسىز قوشۇلۇپتۇ ھەمدە بەزى ئىشلارنى ئالاھىدە جېكىلەپتۇ:
    -بۇ ئات بىر ئاز ئالاھىدىرەك، سىز «خۇداغا شۈكۈر» دېسىڭىز ماڭىدۇ، «ئامىن» دېسىڭىز توختايدۇ. شۇڭا، بەك ئېھتىيات قىلىڭ.
    بۇ كىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەنغۇ دەپ ئويلاپ، خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بوپتۇ.
    ئۇ ئاتقا مىنىپ «خۇداغا شۈكۈر» دېگەنىكەن، ئات مېڭىشقا باشلاپتۇ. بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىق تۇيۇلۇپتۇ-دە، كەينى-كەينىدىن «خۇداغا شۈكۈر، خۇداغا شۈكۈر» دەپتۇ. ئات ئاستا چېپىشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ باتۇر چاغلاپ، «خۇداغا شۈكۈر، خۇداغا شۈكۈر، خۇداغا شۈكۈر، خۇداغا شۈكۈر ...» دەۋېرىپتۇ، ئات ئۇچقاندەك چېپىشقا باشلاپتۇ.
    ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىدا بىر تىك ھاڭنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، ئاتنى توختىتىش ئۈچۈن: «توختا، تېز توختا، ۋو ۋو...» دەپتۇ.
    بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كارغا كەلمەپتۇ. قىيا تاشقا ئازلا قالغاندا، ئۇ ئاندىن ئاتنى توختىتىدىغان سۆزنى يادىغا ئاپتۇ: «ئامىن!» ئات ئاخىر توختاپتۇ، بۇ چاغدا ئۇلار يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغانىكەن. نېمىدېگەن خەتەرلىك-ھە! ئۇ ئىختىيارسىز چوڭقۇر تىنىپ: «ئۇھ، خۇداغا شۈكۈر» دەپتۇ...
    ئەلۋەتتە، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى سىزگە ئايان.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئات توختاش ئامىن