25مىڭ دوللارغا يارايدىغان ئۈچ جۈملە سۆز

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-12 11:52:00

ئامېرىكىدىكى بورمىم پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سىۋاپ خىزمەتتە مۇنداق قول تۇتىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلدى : شىركەتتىكىلەر شۇنچە ئالدىراش ئىشلەيدۇ، يەنە نىمە ئۇچۇن خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى شۇ...

        ئامېرىكىدىكى بورمىم پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سىۋاپ خىزمەتتە مۇنداق قول تۇتىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلدى : شىركەتتىكىلەر شۇنچە ئالدىراش ئىشلەيدۇ، يەنە نىمە ئۇچۇن خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى شۇنچىلىك تۆۋەن بولىدۇ؟شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ بىر باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى .
          بۇ باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسى بىر ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلىنى بىرنەچچە كۇن كۆزەتكەندىن كىيىن سىۋاپقا ئۇچ تەكلىپ بېرىپتۇ ھەمدە مۇنداق دەپتۇ :
       - سىز ئالدى بىلەن ماڭا ھەق تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئالدى بىلەن بۇ ئۇچ تەكلىپ بويىچە بىرمەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن ئەگەر نەتىجىسى بولسا ماڭا ھەق بەرسىڭىز بولىدۇ ؛ئەگەر نەتىجىسى بولمىسا، سىز ماڭا بىر تىيىن بەرمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
         ئىككى ئايدىن كىيىن بۇ باشقۇرۇش مۇتەخەسىسىى 25مىڭ دوللارنىڭ چېكىنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ،  ئەمەلىيەت ئۇنىڭ تەكلىپىنىڭ كارغا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ .
        بۇ ئۈچ تەكلىپ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددى ئىكەن .
    1.كۈندە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى مۇھىملىق تەرتىۋى بىلەن بىر قەغەزگە تۈرلەر بويىچە يېزىڭ.
    2.ئالدى بىلەن تەرتىپلىك ئىش قىلىشنى ئۆگىنىپ،  مۇھىم ئىشنى باشتا قىلىڭ .
    3.ھەركۈنى مۇشۇنداق قىلىڭ .
         ناھايىتى ئېنىقكى، ۋاقىتنى باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇپ،  خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىز-يىنىكلىكنى ئېنىق ئايرىپ، ئۈنۈملۈك ئىش بېجىرىش،خىزمەت ۋاقتىغا ئۈنۈملۈك پىلان بويىچە مۇئامىلە قىلىش ئەڭ مۇھىم .
    نۇرغۇن ئادەم ئىش قىلغاندا ئەزەلدىن باش ئاخىرىنى ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ، تەڭ كەلگەن نەچچە ئىش ئالدىدا ساقالنى تۇتاملاپ ئولتۇرماستىن، بۇ ئىشلارنى ئېغىر -يېنىكلىكى بويىچە تەرتىپكە سېلىپ، رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق بىر-بىرلەپ قىلىش كېرەك .
         يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ نەچچە ئون ئىشنىڭ ئارىسىدا قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار ئاران ئىككى ياكى ئۈچ بولۇشى مۇمكىن .
    گەرچە بۇ ئون ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما قايسىسىسنى ئاۋال قىلىش، قايسىسىسىنى كېيىن قىلىش ئەڭ مۇھىم . بۇ ئىشلارنى ھەرقانداق ئادەم ئويلىيالىشى مۈمكىن، ئويلىيالىغان تەقدىردىمۇ قىلالىشى ناتايىن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق