يىگىرمە مىنۇت

يوللىغۇچى : -AYAZ- يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-02 20:16:00

يىگىرمە مىنۇت. ئون بىر ياش ۋاقىتلىرىمنىڭ بىر كۈنى، مەن ئادىتىم بويىچە ئاتام بىلەن بازار ئايلىنىشقا چىقتۇق. شىمالى رايوندىكى بىر دەپنە ئىشلىرى زالىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئاتام قەدىمىنى...

         يىگىرمە مىنۇت.

     ئون بىر ياش ۋاقىتلىرىمنىڭ بىر كۈنى، مەن ئادىتىم بويىچە ئاتام بىلەن بازار ئايلىنىشقا چىقتۇق. شىمالى رايوندىكى بىر دەپنە ئىشلىرى زالىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئاتام قەدىمىنى توختاتتى ۋە تۇيۇقسىز مەندىن بىر سوئال سورىدى: - سائەت قانچە بولدى؟ مەن سائەتكە قاراپ جاۋاپ بەردىم: -ئوندىن يىگىرمە بەش مىنۇت ئۆتتى. ئاتام مەندىن يەنە سورىدى: -سەن نىمىنى كۆردۆڭ؟ -ھىچقانداق ئالاھىدە ئىش يوققۇ.- دىدىم مەن پەرۋاسىز، ئارقىدىنلا دىدىم: -بىر توپ ئادەم، تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ دەپنە زالىغا كىرىۋاتىدۇ. -توغرا، كۈزىتىش ئىقتىدارىڭ ياخشىكەن.- دېدى دادام ۋە رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئارقىدىنلا ئۇ گەپنى بۇراپ تەنتەربىيە خەۋەرلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى. تەخمىنەن يېرىم سائەت ئۆتتى. ئۇنىڭ نىمشقا بۇ يەردىن ئايرىلماي تۇرغىنىغا ھەيران بولدۇم، ۋە ئارقىدىن سورىدىم: - داۋاملىق ئايلىنىمىزمۇ قانداق؟ ئاتام جاۋاپ بەرمىدى، لېكىن ھېلىقى غەلىتە سوئالنى يەنە سورىدى: -نىمىنى كۆردۈڭ؟ مەن دەپنە ئىشلىرى زالىغا يەنە بىر قېتىم قارىدىم، ھېلىقى ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىرىپ كەتكەن كىشىلەر ھازىر يەنىلا ئۆچرەتتە تۇرۇپ چىقىۋاتاتتى. -يەنىلا باشقا ئالاھىدە ئىش يوق،- دىدىم مەن مۈرەمنى قىسىپ قويۇپ،- دەپنە مۇراسىمى ئاياقلاشقان بولسا كېرەك باياتىن كىرىپ كەتكەن كىشىلەر يېنىپ چىقىۋاتىدۇ. -ئىنتايىن توغرا ئوغلۇم،- دېدى ئاتام،-قارا، ھازىر سائەت قانچە بولدى؟ مەن 10 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتىم. -توغرا، ئادەمنىڭ ھاياتىنى يىغىنچاقلاشقا بۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت بولسا يېتەرلىك. -قايسى قىسقا ۋاقىت؟ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ – دېدىم مەن ياندۇرۇپ. - قارا ئوغلۇم،- دېدى ئاتام،- دەپنە مۇراسىمىدا پوپ ئۇزىتىش سۆزىنى ئوقۇيدۇ، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ھاياتىنى يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەيدۇ. ئوقۇش ۋاقتى بولسا يىگىرمە مىنۇتتىن ئاشمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆز ۋاقتىدا شۇ ئادەم ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى قىيىنچىلىق ياكى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت كىچىككىنە ئىشلار قاتارىدا ھىساپلىنىپ بۇ يىگىرمە مىنۇت ئىچىدە سۆزلىنىدىغان ئىشلار قاتارىغا تىزىلالمايدۇ. سەن چوڭ بولغاندا مەيلى قىيىنچىلىق تارتقاندا بولسۇن ياكى ئوتۇق قازانغان ۋاقتىڭدا بولسۇن، مېنىڭ مۇشۇ سۆزۈمنى ئويلىساڭلا كۆز ئالدىڭدىكى يولنىڭ يەنىمۇ داغدام ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسەن.

     

                                                                                                   خەنزۇچە تەرمىلەر ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 7- سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق