ئانام يەنىلا ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرۇپ مېنى ئۇزىتالايدۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-29 19:19:39

مانا ھەش-پەش دېگۈچە 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئاناممۇ 80 ياشتىن يۈز ياشقا ئۇلاشتى، بۇ جەرياندا 20-30 قېتىمدەك بېيجىڭغا قايتىپ ئانامنى يوقلىدىم. ھەر قېتىم ئانام بىلەن خوشلاشقاندا ئازابلىناتتىم، كەلگەندە خۇشال بولۇپ، قايتقاندا مەيۈسلىنەتتىم.

    ئانام يەنىلا ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرۇپ مېنى ئۇزىتالايدۇ
    لياڭ شۈەن
    مانا ھەش-پەش دېگۈچە 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئاناممۇ 80 ياشتىن يۈز ياشقا ئۇلاشتى، بۇ جەرياندا 20-30 قېتىمدەك بېيجىڭغا قايتىپ ئانامنى يوقلىدىم. ھەر قېتىم ئانام بىلەن خوشلاشقاندا ئازابلىناتتىم، كەلگەندە خۇشال بولۇپ، قايتقاندا مەيۈسلىنەتتىم. مەن ئاپامنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلەتتىم، لېكىن ھېچ قايسىمىز بۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئاچمايتتۇق. دەسلىپىدە ئانام مېنى ئۇزۇتۇپ ئايرودۇرۇمغىچە كېلەتتى، كېيىن پەقەت بىنانىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىدىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، 10-قەۋەتتىكى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا ئۇزۇتۇپ قويىدىغان بولدى.
    بۇ يىل كۈزدە ئانامنى يوقلاپ كەلگىنىمدە، ئانام چاقلىق ئورۇندۇقتىن قوزغىلىش ئۈچۈنمۇ خېلىلا قىينىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىز قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، ئانام چاقلىق ئورۇندۇقنى كۈچەپ ئىتتىرىپ، ماڭا ئەگىشىپ كەلدى. ئەگىلىدىغان جايغا كەلگەندە مەن ئۆرۈلۈپ ئانامغا قارىدىم، ئۇ ئىشىكنىڭ كېشىكىنى تۇتقىنىچە، ئاران-ئاران ئۆرە تۇرۇپ ماڭا قاراۋاتاتتى.
    شۇ دەقىقىدە ئۇ مەندىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئىشنى، يەنى ئۇنىڭ پۈتۈنلەي قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-ساندىن ئېلىندى
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.