ھەقىقى باتۇر

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 13:26:35

ھەقىقىي باتۇر فەن فۇغوپۇر قادىر تەرجىمىسى  1-ھىكايە سازان بېلىقنىڭ ئەجدىھا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش سازان بېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەجدىھا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئەجدىھا ئۆتك...

    ھەقىقىي باتۇر
    فەن فۇ
    غوپۇر قادىر تەرجىمىسى

    

     1-ھىكايە سازان بېلىقنىڭ ئەجدىھا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش


        سازان بېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەجدىھا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئەجدىھا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كەتسىلا، ئادەتتىكى بېلىقلىقىدىن كامالەتكە يەتكەن ئەجدىھاغا ئايلىنىدىكەن.
    بىراق، ئەجدىھا ئۆتكىلى بەك ئېگىزكەن، ئۇلار ھېرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ، يىقىلىپ - تىقىلىپ ئاغزى - بۇرنى كۆكىرىپ كېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ھېچقايسىسى سەكرەپ ئۆتەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەجدىھا پادىشاھىغا بىرلىكتە يېلىنىپتۇ:
     _ جانابىي ئالىيلىرى، ئەجدىھا ئۆتكىلىنى ئازراق پەسلەتكەن بولسىلا! ھەتتا بىر سازان بېلىقمۇ سەكرەپ ئۆتەلمىسە، بۇ ئەجدىھا ئۆتكىلى يوقنىڭ ئورنىدىلا بولۇپ قالمامدۇ؟
    ئەجدىھا پادىشاھى بۇنىڭغا ئۇنىماپتىكەن، سازان بېلىقلار ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىۋېلىپ قوپماپتۇ. ئۇلار 81 كۈن تىزلانغاندا، ئەجدىھا پادىشاھى ئاخىر تەسىرلىنىپ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بوپتۇ.
       سازان بېلىقلار ئەجدىھا ئۆتكىلىدىن ئاسانلا سەكرەپ ئۆتۈپ، چېچىكى چاي بولغىنىچە ئەجدىھاغا ئايلىنىپتۇ.
       ئەجدىھاغا ئايلانغان سازان بېلىقلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدىھا بولۇپمۇ ئەجدىھا ئەمەس ۋاقتىدىكىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەجدىھا پادىشاھىنى يەنە ئىزدەپ بېرىپ، كۆڭلىدىكى گۇمانلىرىنى ئېيتىپتۇ.
    ئەجدىھا پادىشاھى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
     ھەقىقىي ئەجدىھا ئۆتكىلىنى پەسلىتىشكە بولمايدۇ. سىلەر ھەقىقىي ئەجدىھا تۇيغۇسىغا ئېرىشمەكچى بولساڭلار، يەنىلا ئاشۇ ئېگىزلىكى پەسلىتىلمىگەن ئەجدىھا ئۆتكىلىدىن سەكرەپ ئۆتۈڭلار. 
        ئوقۇغۇچىنىڭ جاپالىق ئۆگىنىش ۋاقتى، ئەسكەرنىڭ جاپالىق مەشق ۋاقتى بولىدۇ. ھەقىقى باتۇرلۇق ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلمىگەن ئەسلىدىكى ئۆلچەمنى تولۇق تاماملىغانلارغا مەنسۇپ.

    2-ھىكايە قاپاقباش دوختۇر


        كېسەلنىڭ بالىياتقۇسىدا ئۆسمە ئۆسۈپ قالغان بولۇپ، ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلغىنى ئاتاقلىق دوختۇر ئىدى. ئەمما قېرىشقاندەك ئاتاقلىق دوختۇرنىڭمۇ خاتا دىئاگنوز قويۇپ قويىدىغان چاغلىرى بولاتتى، ئۇ پىچىقىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، پېشانىسىدىن پۇرچاقتەك - پۇرچاقتەك تەر چىقىپ كەتتى. بالىياتقۇدىكى ئۆسمە بولماستىن، بالا بولۇپ چىقتى.
    ئاتاقلىق دوختۇر ئازاب بىلەن تولغاندى. بىر بولسا ئوپېراتسىيىنى داۋاملاشتۇرۇپ بالىنى زورىغا ئېلىۋېتىش، ئاندىن كېسەلگە ئۆسمىنى ئېلىۋەتتىم دەپ ئۇقتۇرۇش، بىر بولسا قورساقنى دەرھال تىكىپ قويۇش، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىل كېسەل كۆرۈپ، بۇ قېتىم خاتا كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك ئىدى.
    ئۈچ سېكۇنتلۇق دېلىغۇللۇق ئاتاقلىق دوختۇرنى چىلىق - چىلىق تەرلىتىۋەتتى. ئۇ يىرىم سائەتتىن كېيىن ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدىن ئىشخانىسىغا قايتىپ كىرىپ، كېسەلنىڭ ھوشىغا كېلىشىنى جىممىدە ساقلىدى.
     كەچۈرۈڭ، دېدى ئۇ كېسەلنىڭ كارىۋىتى ئالدىدا، خانىم، ئەپۇ قىلىڭ، مەن خاتا كۆرۈپتىمەن، سىز ھامىلىدار بوپسىز، ئۆسمە ئەمەسكەن، ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا بايقاپتۇق. بالا ساق - سالامەتكەن، سىز جەزمەن ئوماق بىر بوۋاق تۇغقۇدەكسىز!
    كېسەل بىلەن ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئاندىن ئۇلار توساتتىن ئېتىلىپ كەلگىنىچە، ئاتاقلىق دوختۇرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ۋارقىرىدى:
     ھۇ ساختىپەز، سەنمۇ دوختۇر بولدۇڭمۇ!
    ئاتاقلىق دوختۇرنىڭ بىر دوستى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:
     شۇ چاغدا خاتا خاتالىقى بويىچە قالىۋەرسە بولماسمىدى؟ ئۇنى ئۆسمە دېسەڭ كىم بىلىدۇ! دېدى.
    ئاتاقلىق دوختۇر سۇسلا كۈلۈپ قويۇپ: 
     ئەمما مەن بىلىدىغان تۇرسام! دېدى.

         ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتى ۋە ئابرۇيى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان ئادەم باتۇر ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتى ۋە ئابرۇيىغا قارىماي ھەقىقەتنى قوغدىغان ئادەملا ھەقىقىي باتۇردۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر غۇپۇر قادىر