«كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي»نى ئوقۇغاندىن كېيىن ( جۇجيۇڭچياڭ )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-23 16:27:00

ئېرنېست ھېمىۋاينىڭ «كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي»نى ئوقۇغاندىن كېيىن جۇجيۇڭچياڭ -ئېرنېست ھېمىڭۋاي(1961) ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئاتاقلىق يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئۇسلۇبى كىشىنى تولىمۇ ھۇزۇلاندۇرىدۇ، ياۋروپا...

    ئېرنېست ھېمىۋاينىڭ «كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي»نى ئوقۇغاندىن كېيىن
    جۇجيۇڭچياڭ

     -ئېرنېست ھېمىڭۋاي(1961) ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئاتاقلىق يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئۇسلۇبى كىشىنى تولىمۇ ھۇزۇلاندۇرىدۇ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە. بولۇپمۇ ئۇنىڭ«ئەلۋىدا قورالىم» «1929»، «بوۋاي ۋە دېڭىز» «1952» دېگەن ئەسەرلىرى بىر مەھەل تازا بازار تاپقان.
        ئۇ ئىپادىلەش سەنئىتىگە ئاجايىپ كامىل بولغاچقا، 1954 ـ يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھېمىڭۋاي سۆز ئىشلىتىشكە ناھايىتى ماھىر، بولۇپمۇ «تېلېگرامما شەكلى»دىكى قىقا دىئالوگلار ئارقىلىق پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى يېڭى ۋە تەبىئىي ھالدا سۈرەتلەپ چىقالايدۇ. قىسقا ـ قىسقا مەنزىرە تەسۋىرلەر ئارقىلىق باش قەھرىماننىڭ روھىي دۇنياسىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ھېمىڭۋاينىڭ قەلىمىدىن ھاياتنىڭ قېنىق رەڭلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىمۇ بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇ تۇرمۇشنىڭ تار كوچىلىرىدىكى يەككە ـ يىگانە پېرسوناژلارنى سىدام سىزىش ئۇسۇلى بىلەن قەغەز يۈزىدە كونكرېتنى، جانلىق تەسەۋىرلەپ، كىتابخانلارنى پېرسوناژلارنىڭ قەلبىنىڭ چوقۇر قاتلاملىرىدىكى ئىچكى تۇيغۇلىرى ۋە يوشۇرۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بىلەن تەسلەندۈرىدۇ. بۇ ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە ئىجدىيەت مېتودىنى شەكىللەندۈرگەن.
        «كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي»دېگەن بۇ قىسقىغىنا ھېكايىدە ھېمىڭۋاينىڭ بۇ خىل ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى تولۇق ئىپادىلەنگەن. ھېكايە باشلىنىشى بىلەن كىتابخانلارنىڭ كۆز ئالدىغا جانلىق بىر كۆرۈنۈش كېلىدۇ؛ لەيلىمە كۆۋرۈكتىن قىستىلىپ ئۆتۈۋاتقان ھارۋا، ماشىنا،پىيادىلەر، ئۈستبېشى توپا ـ چاڭ، ھېرىپ ھېچ ماجالى قالماي كۆۋرۈك بويىدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغان بوۋاي... مان ئابۇ بىر نەچچە قۇرلا كېلىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ جان قايغۇسىدا گاڭگىراپ قالغانلىقىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، غېرىبسىنىپ قالغان يالغۇز بوۋاينىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن.
        «بوۋاي ھېرىپ كەتكىنىدىن پۇتىنى يېرىم قەدەم يۆتكەشكىمۇ ماجالى قالمىغانىدى» ئەمما، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئىچكى دۇنياسى قانداق ئىدى؟ ھېمىڭۋاي بۇنى «كۈلۈمسىرىدى» دېگەن سۆز ئارقىلىق شەرھىلىگەن. كۆۋرۈك بېشىدا دۈشمەنلەرنىڭ كېلىشىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان ئەسكەر بوۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ، قەيەردىن كەلدىڭىز؟ دەپ سورىغاندا، بوۋاي سۇلغۇن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرىدۇ. بۇ «كۈلكە» بوۋاينىڭ يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ «كۈلكە» يەنە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ نامايەندىسى. ئەمما، ھېمىڭۋاي بۇ خىل ئورتاقلىق ئۈستىدە توختالمىغان، ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى دەرھال بوۋاينىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چوڭقۇررلاپ قېزىشقا ئۆتىدۇ. ئۇ ئەسكەر بىلەن بوۋاينىڭ بىر نەچچە ئېغىز ئادەتتىكى دىئالوگى ئارقىلىق، بوۋاينىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. يەتمىش ئالتە ياشلىق بۇ بوۋاينىڭ ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق، ئىگە چاقسىز. بىر مۈشۈك، ئىككى ئۆچكە بىلەن تۆت جۈپ كەپتىرى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، ئۇرۇش ئۇنى يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان، گاڭگىرىتىپ قويغان، ئېسى ـ يادىنى چىرمىۋالغىنى ئۇنىڭ بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۆي ھايۋانلىرى، ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۆكۈنىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ بىرەر پاجىئەگە يولۇقۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. بوۋاي بىلەن ئەسكەرنىڭ ئون نەچچە ئېغىز دىئالوگىدا «مەن ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىۋاتاتتىم»دېگەن سۆزىنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلىنىشى ھەرگىز ئادىيلا ئېيتىلغان ئەمەس. بەلكى، بۇ بوۋاينىڭ تۇرمۇشتا ئەڭ ئاخىرقى تەسەللىينى يوقاتقاندا يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان ئازابلىق ۋە ئۈمىدسىزلەرچە نالىسى. ئاجىز قەلبىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسىدىن مۇجۇلغان چاغدىكى ئەكس ساداسى. بۇ نالە ئۇرۇشقا قىلىنغان كۈچلۈك شىكايەت ۋە كۈرەش.
       «كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي» دېگەن بۇ ھېكايە ماھىيەتتە ئۇرۇشقا قارشى يېزىلغان بىر پارچە ئەيىبنامە، ۋاھالەنكى، ئۇرۇشقا قارشى بۇ ئەيىبنامە ھېمىڭۋاي نىڭ قەلىمىدە باشقىچە بىر خىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان.
        ھېكايىنىڭ ئاخىرىمۇ ئۆزگىچە بىر خىل ئۇسلۇبتا چۈشۈرۈلگەن: ھاۋانى قېلىن تۇمان قاپلاپ، ئەتراپنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدۇ، ئۈستبېشى توپا ـ چاڭ ،كۆۋرۈك بويىدا ئولتۇرغان بوۋاي تىنماي: «مەن ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىۋاتقان»دەيدۇ. ئاپتور مانا شۇنىڭغا ئوخشاش ئاددىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق ھېچبىر يار ـ يۆلىكى يوق بوۋاينىڭ ئۇرۇش ئوتى ھەممە يەرنى قاپلىغان، كىشىلەر جان قايغۇسىدا قالغان چاغدىكى ئۆزگىچە ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرگەن، ئۇرۇشنىڭ قەبھلىكىنى پاش قىلغان. ھېكايىنى ئوقۇغاندا ئۇلار خۇددى تىرىكتەكلا تۇيۇلىدۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئىخچام تىل، يېڭى كۆرۈنۈش ۋە چوڭقۇر مەنا «كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي»نىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ كىچىك ھېكايە ئارقىلىق بىز ھېمىڭۋاينىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىۋالالايمىز. شۇنداقلا قىسقا قۇرلار ئارىسىدا چاقناپ تۇرغان سەنئەتتىن ھۇزۇر ئالىمىز.
       «كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي»ھەقىقەتەن ۋەقەلىك بىلەن ئارقا كۆرۈنۈش ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەن ئېسىل مىكرو ھېكايە. (خەنزۇچە «مەشھۇر ئەسەرلەردىن بەھرىلىنىش»ژۇرنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1- سانىدىن)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:48:10]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق