دەلىل ئىسپاتنى يەۋېتىش(ھېكايە)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-31 21:36:00

دەلىل ئىسپاتنى يەۋېتىش (ھېكايە) چىن دېلۇڭ ھازىر يەلقازاندىن چاچ چىقىپ قېلىش ئادەتتىكى ئىش بوپ قالدى. چاتاق يېرى ئەن ئەپەندى بۈگۈن يەلقازان شورپىسى يەۋاتقاندا قازاندىن چىۋىن چىقىپ قالدى! ئۇنىڭ...

    دەلىل ئىسپاتنى يەۋېتىش

     (ھېكايە)

    چىن دېلۇڭ

    ھازىر يەلقازاندىن چاچ چىقىپ قېلىش ئادەتتىكى ئىش بوپ قالدى. چاتاق يېرى ئەن ئەپەندى بۈگۈن يەلقازان شورپىسى يەۋاتقاندا قازاندىن چىۋىن چىقىپ قالدى! ئۇنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئېلىشتىدە، تاماقخانا خوجايىنىنى چاقىرىپ چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

     − نېمە؟ قازاندىن چىۋىن چىقتى؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس،- خوجايىن شۇنداق دەۋېتىپ چوكا بىلەن ئۇ نەس باسقان چىۋىننى قىسپ ئالدى، ۋە:

     − ھەي، بۇ نەدىمۇ چىۋىن بولسۇن؟ بىر تال كاۋاۋىچىنكەنغۇ؟ كاۋاۋىچىن ياغدا قورۇلۇپ كۆيۈپ شۇنداق بوپ قالغان گەپ، بەئەينى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۆزىغۇ!

     − ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ گۈزەللەشتۈرۈلۈپ «ھەسەل ھەرىسى»گە ئايلانغان چىۋىننى ئاغزىغا سالدى. خوجايىن چىۋىننى مەززە قىلىپ يەۋاتاتتى، ئۇ ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ بىر يۇتۇم چاي ئوتلىدى. دېمەك ئۇ بىر ئوتلام چاي بىلەن «ھەسەل ھەرىسى»نى يۇتۇۋەتكەنىدى. ئەن ئەپەندى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالدى، خوجايىن قاراپ تۇرۇپ دەلىل ئىسپاتنى يېۋەتتى. ئىسپات يوقالغاندىن كېيىن خوجايىن بىلەن زاكۇنلاشقىلى بولمايتى. ئەن ئەپەندى بۇ ئاچچىققا چىدىمايۋاتاتتى. خوجايىن كۈلدى، ئۇ ئىچى-ئىچىدىن كۈلۈۋاتاتتى. خوجايىن مۇلازمنى چاقىردىدە:

     − بۇ ئەپەندىنىڭ شورپىسىنى ئالماشتۇرۇپ بەر، − دېدى. ئۇ يەنە ئەن ئەپەندىگە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

     − ئەپەندى، ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىڭ، كۆپرەك پىكىر بەرگەيسىز. ئەن ئەپەندى ھېچنېمە دېيەلمىدى، ئەلۋەتتە بىر نېمە دېيەلمەيدۇ-دە. چىۋىننى خوجايىن «ھەسەل ھەرىسى» قىلىپ يېۋەتتى، بۇلغانسىمۇ خوجايىننىڭ قورسىقى بۇلغاندىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازان شورپىنى يېڭىدىن ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن يەنە نېمە دېگىلى بولاتتى دەيسىز؟

     ئەن ئەپەندى يەنە چىۋىن ياكى «ھەسەل ھەرىسى» يەپ قېلىشتىن قورقۇپ يېڭىدىن ئەپچىقىپ بەرگەن يەل قازاندىكى شورپىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىشتۇرىۋاتاتتى. ئەن ئەپەندى ناھىيىتى ئەستايىدىل، تۈجۈپىلەپ ئېلىشتۇراتتى، تەقدىر ئەن ئەپەندىگە چاقچاق قىلۋاتامدىكىن، قازاندىن چوكىغا رېزىنكە بوغقۇچ چىقتى! ئەن ئەپەندىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، ئۇ ئاچچىغىنى پەقەت باسالمىدى. ئۇ سىپايىلىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بولىشىغا توۋلىدى:

    −خوجايىن تېزراق بۇ يەرگە كېلىڭ، يەلقازاندا رېزىنكە بوغقۇچ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ خوجايىن ئىككى تاقلاپلا يېتىپ كەلدى:

     − رېزىنكە بوغقۇچ؟ يەلقازاندىمۇ رېزىنكە بوغقۇچ بولامدۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز؟ ھېلى چىۋىن چىقتى دەيسىز، مانا ئەمدى رېزىنكە بوغقۇچ چىقتى دەيسىزغۇ؟ ئەن ئەپەندى رېزىنكە بوغقۇچنى چوكا بىلەن قىسىپ ئېلىپ خوجايىنغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى:

     − بۇنىڭغا قارىڭە، بۇ رېزىنكە بوغقۇچمۇ ئەمەسمۇ؟ قايناۋېرىپ ئاپئاق بولۇپ كېتىپتۇ! خوجايىن مانا ئەمدى رېزىنكە بوغقۇچنى ئېنىق كۆردى. بۇ كۆتاتلارنى باغلايدىغان، ياكى قىسقۇچ پاقىنى باغلايدىغان بوغقۇچدەك قىلاتتى. خوجايىن يەنە كۈلدى، بۇ قېتىم ئۇ ناھىيىتى ساختا كۈلۈۋاتاتتى، پەقەت كانىيىدىن چىققان ھى،ھى،ھى دېگەن ئاۋازلا بار بولۇپ، خىقىرغان مۈشۈككە ئوخشاپ قالغانىدى. بۇ چاغدا خوجايىننىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ:

    − ئەپەندى، نېمە رېزىكە بوغقۇچ، رېزىنكە بوغقۇچ دەپ توۋلاۋېرىسىز، چىرايلىقراق گەپ قىلمامسىز، ياخشىراق قارىڭە بۇ دېگەن دېڭىز يۇسۇنى قەلەمچىسىكەنغۇ؟ بۇ دېگەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەل قازان شورپىخانىسى بولغانىكەن، ئەلۋەتتە دېڭىز يۇسۇنى بولىدۇدە، مۇنداق ئالاجۇقا توۋلاپ يۈرسىڭىز مەن قانداقمۇ تىجارەت قىلالايمەن!

     ئەن ئەپەندى مۇنداق دېدى:

     − سىز يەلقازان شورپىسى ساتامسىز، رېزىنكە بوغقۇچ ساتامسىز؟

    − قاراڭ ئەپەندى، سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىز بەك تاركەن، ياپونلار ياڭيۇدىن چىش كولىغۇچ ياساپ چىقىپتۇيۇ، بىز خەيدەيدە بوغقۇچ ياسىساق بولمامدىكەن؟ خوجايىننىڭ مۇتەھەملىكىدىن ئەن ئەپەندى ئاچچىق كۈلدى. بۇ چاغدا ئۇ خوجايىننىڭ رېزىنكە بوغقۇچنى خەيدەي قەلەمچىسى دەۋېرىپ تارتېۋېلىپلا يېۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەنىدى. دەلىل ئىسپاتنى قوغداش كېرەك! ئەن ئەپەندى شۇنى ئويلاپ يەتتى، دەلىل ئىسپاتنى يەنە يېگۈزىۋەتمەسلىك كېرەك ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەن ئەپەندى شۇ ھامان رېزىنكە بوغقۇچنى ئالمان-تالمان ئاغزىغا سېلىۋالدى. خوجايىن چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ كۈلۈشكە باشلىدى ۋە:

    − مەن دېمىدىممۇ، ئۇ دېگەن خەيدەي قەلەمچىسى، تەمى قانداقراقكەن؟ بەك تەملىكتۇ، ئەمما رېزىنكە بوغقۇچ بولغان تەقدىردىمۇ سىز ئۇنداق ۋاقىراپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك ئىدى، ئەسلى رېزىنكە قۇرىت دېيىشىڭىز كېرەكتى، كەم ئۇچرايدىغان رېزىنكە قۇرىت ئەمەسمۇ ئۇ دېگەن، − دېدى

     ئەن ئەپەندى خوجايىننىڭ گېپىگە ئېرەن قىلمىدى. ئۇ ئاستاغىنە ئىستاكاننى ئېلىپ بىر يۇتۇم چاي ئوتلىدىدە رېزىنكە بوغقۇچنى يۇتۇۋەتتى. ئاندىن خوجايىنغا قاراپ مۇنداق دېدى: − ئەمدى كۆرەرسىز، مەن سىزنى سوتقا ئەرز قىلىمەن! دەلىل ئىسپات مەندە، - ئۇ قۇرسىقىنى پاقشىتىپ ئۇرۇپ قويدى.

     ئەمدى خوجايىن جىددىلەشتى. ئۇ ئەن ئەپەندىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ:

     − ئەپەندى، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، بىز داۋالىشىپ يۈرمەيلى، سىز باھا قويۇڭ، قانچىلىك دېسىڭىز مەن تۆلەم بېرەي، − دېدى. ئەن ئەپەندى قېشىنى بىر ئوينىتىۋېتىپ مۇنداق دېدى:

     − ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ رېزىنكە بوغقۇچنى ئوپېراتسىيە قىلىدۇرۇپ ئالغۇزىمەن، دەپ بېقىڭە ئوپېراتسىيىگە قانچە پۇل كېتەر؟ يەنە تېخى مېنىڭ روھىي زىيىنىمچۇ؟ بۇنى قانداق ھېساپلىشىمىز؟ خوجايىن قەددىنى پۈكۈپ تۇرۇپ، ئارقا_ئارقدىن:

     − ئپەندى، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرمەڭ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئادەمنى قورقۇتماڭ ئۇنداق. مەن ناماقۇل بولاي، ئۇ ھەقىقەتەن رېزىنكە بوغقۇچ، ئەمدىغۇ بولار؟

    − مەيلى نېمە دېگەن بىلەن ئۇنى چىقىرىۋېلىش كېرەكتە.

     − ئۇغۇ شۇنداق، ئەمما ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقتە. ھاجەتخانىغا كىرىپلا چىقىرىۋەتسىڭز بولىدىغۇ؟

     − مەن يەنە بىر سورىۋالاي، سىزنىڭ بايا يېۋەتكىنىڭىز چىۋىنمۇ كاۋاۋىچىنمۇ، ياكى ھەسەل ھەرىسىمۇ؟ خوجايىننىڭ يۈزى قىزاردىدە، مۇنداق دېدى:

    − ئۇ نەدىمۇ كاۋاۋىچىن ياكى ھەسەل ھەرىسى بولسۇن؟ ئەن ئەپەندى يەنە ئۇلاپلا سورىدى:

     − ئۇنداقتا نېمىتى؟ خوجايىن ئاخىر ئامالسىز دېدى:

     − چىۋىن شۇ! ئەمدىغۇ بولغاندۇ؟ ئەن ئپەدندى مۇنداق دېدى:

     − خاتالىقىڭىزنى تونۇغاندىن كېيىن مەنمۇ سوتقا ئەرز قىلماي. ئەمما مېنىڭ روھىي زىيىنىمنى تۆلەپ بېرەرسىز؟− خوجايىن شۈمشىيىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى:

     − سىز رەھىمدىل ئادەمكەنسىز، شۇڭا مەن سىزگە 1000يۈەن تۆلەم بېرەي، ئەمما مېنىڭ كىچىككىنە تەلىپىم بار، سزى ھازىرلا ھاجەتخانىغا چىقىپ بايا يېۋەتكەن رېزىنكە بوغقۇچنى چىقىرىپ ساق پېتى ماڭا بېرىسىز، بولمىسا ۋاقتى كەلگەندە سىز يەنە ئۇنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سوتقا بارسىڭىز ماڭا بەك زىيان بوپ كەتمەمدۇ؟ ئەن ئەپەندى خوجايىننىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. ئاندىن خوجايىننىڭ قولىدىن تازىلىق قەغىزىنى ئېلىپ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇ قايتىپ چىقىپ ھېلىقى رېزىنكە بوغقۇچنى خوجايىنغا بەردى. خوجايىن بوغقۇچنى ئېلىپ سىنچىلاپ بىر قارىۋەتتىدە:

     − ئاناڭنى، دەل مۇشۇ شۇ، − دەپلا ئۇنى ئاغزىغا سالدى. ئۇ رېزىنكە بوغقۇچنى يۈتۈۋەتكەندىن كېيىن، كۆزلىرىدىن نەپرەت چاقنىتىپ تۇرۇپ:

     − ھە ئەمدى بولدى، دەلىل ئىسپات يوقالدى، ئەپەندى، دەرھال كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭ، نەگە بېرىپ ئەرز قىلسىڭىز قىلىڭ، − دېدى.

     «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما »ژۇرنىلىنىڭ 2006_يىللىق 14-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:07:09]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق